Responsive Image

ياۋروپا پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان كۈلپەتلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى

ياۋروپا پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان كۈلپەتلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدىياۋروپا پارلامېنتىدا «خىتاينىڭ ياۋروپادىكى كېڭەيگەن كۈچى، ياۋروپا ئەللىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، بىخەتەرلىكى ۋە كىشىلىك ھوقۇققا بولغان تەسىرى» ناملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا سۆزلەۋاتىدۇ، 2023-يىلى 30-نويابىر، بىريۇسسېل

30-نويابىر كۈنى ياۋروپا پارلامېنتىدا «خىتاينىڭ ياۋروپادىكى كېڭەيگەن كۈچى، ياۋروپا ئەللىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، بىخەتەرلىكى ۋە كىشىلىك ھوقۇققا بولغان تەسىرى» ناملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن. يىغىن ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پىنا پىسېرنو(Pina Picierno) خانىمنىڭ ساھىبخانىلىقى، د ئۇ ق ۋە ئىتالىيە كىشىلىك ھوقۇق فېدېراتسىيەسىنىڭ بىرلىكتە تەشكىللىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن.

يىغىندا ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، خوڭكوڭلۇقلار خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان زوراۋانلىقلىرى ۋە بۇ تەھدىت كۈچىنى خىتاينىڭ ياۋروپادا قانداق ئۇسۇللاردا كېڭەيتىۋاتقانلىقىغا دائىر مەسىلىلەر توغرىسىدا مەلۇماتلار بەرگەن. يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى نۇتۇق سۆزلەپ، يىغىن ئەھلىنى ئۆز بېشىدىن ئۆتكەن كەچمىشلەر ئارقىلىق خىتاينىڭ غەربكە ئۇزارغان قارا قولى توغرىسىدا پاكىتلىق مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلىگەن.

بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدىن بۇ خۇسۇستا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، مەزكۇر يىغىندا تىلغا ئېلىنغان مەسىلىلەر ۋە ئۆزىنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان بايانلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ ئۆتتى. ئۇ يىغىندا قىلغان سۆزىدە، خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان قارا قولىنىڭ يالغۇز ئۇيغۇر، تىبەت، خوڭكوڭلۇقلارغا تەھدىت شەكىللەندۈرۈپلا قالماي، بەلكى يەنە ياۋروپا خەلقىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك كۈرەشلىرى نەتىجىسىدە بارلىققا كەلگەن قىممەت قاراشلىرىغىمۇ تەھدىت پەيدا قىلىۋاتقانلىقى تەكىتلەپ ئۆتكەن.

ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پىنا پىسېرنو خانىم بېلگىيەدىكى ئۇيغۇر ئاياللىرى بىلەن سۆھبەتلىشىۋاتقان كۆرۈنۈش.2023-يىلى 30-نويابىر، بىريۇسسېل

ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پىنا پىسېرنو خانىم بېلگىيەدىكى ئۇيغۇر ئاياللىرى بىلەن سۆھبەتلىشىۋاتقان كۆرۈنۈش.2023-يىلى 30-نويابىر، بىريۇسسېل

مەزكۇر يىغىنغا بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى ۋە بېلگىيەدىكى بىر بۆلەك ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشقان. بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەكبەرجان تۇرسۇننىڭ بايان قىلىشىچە، «خىتاينىڭ ياۋروپادىكى كېڭەيگەن كۈچى، ياۋروپا ئەللىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، بىخەتەرلىكى ۋە كىشىلىك ھوقۇققا بولغان تەسىرى» ناملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدىن كېيىن، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پىنا پىسېرنو خانىم بۇ يىغىنغا كەلگەن بېلگىيەدىكى ئۇيغۇر ئاياللىرى بىلەن ئايرىم بىر سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزگەن. ئۇيغۇر ئاياللىرى بۇ يىغىندا ئۆزلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرى ئۇچراۋاتقان پاجىئەلەر توغرىسىدا مەلۇماتلار بەرگەن.

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى سۆزىنىڭ خاتىمىسىدە، پىنا پىسېرنو خانىمنىڭ بېلگىيەدىكى ئۇيغۇر ئاياللىرى بىلەن ئېلىپ بارغان ئايرىم سۆھبەتلىرىنىڭمۇ ئەھمىيەتلىك بىر ھادىسە بولغانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستان ئاياللىرى دۇچ كېلىۋاتقان ئېغىر قىسمەتلەرنى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئۆز كەچمىشلىرى ئارقىلىق بايان قىلىپ بەرگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.