Responsive Image

«ئاكسېل سپرىنگېر ئەركىنلىك مۇكاپاتى» مۇراسىمىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى يەنە بىر قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلغان

«ئاكسېل سپرىنگېر ئەركىنلىك مۇكاپاتى» مۇراسىمىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى يەنە بىر قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلغان

28-نويابىر كۈنى گېرمانىيە پايتەختى بېرلىندا «ئاكسېل سپرىنگېر ئەركىنلىك فوندى» جەمئىيىتىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك «ئاكسېل سپرىنگېر ئەركىنلىك مۇكاپاتى» مۇراسىمى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلگەن. كۆپلىگەن مەشھۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى، گېرمانىيەنىڭ دۆلەت ئەربابلىرى، ئاخبارات-نەشرىيات ساھەسىنىڭ خادىملىرى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە فوندى جەمئىيەتلەر ھەمدە بەزى دۆلەتلەرنىڭ ئەلچىلىرى ئىشتىراك قىلغان بۇ ھەيۋەتلىك مۇراسىمغا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن روشەن ئابباس، ئابدۇلھاكىم ئىدرىس، غەيۇر قۇربانلارمۇ تەكلىپكە بىنائەن قاتناشقان.

مەلۇم بولغىنىدەك، «ئاكسېل سپرىنگېر ئەركىنلىك فوندى» جەمئىيىتى گېرمانىيەدە نەشىردىن چىقىدىغان داڭلىق گېزىت-ژۇرناللاردىن «سۈرەتلەر» گېزىتى، «دۇنيا» گېزىتى، «پولىتىكو» گېزىتى، «پاكىت» ۋە «ئەينەك» قاتارلىق ژۇرناللارنىڭ ساھىبى بولغان «ئاكسېل سپرىنگېر ئاخبارات ۋە تېخنولوگىيە گۇرۇھى» تەرىپىدىن 2023-يىلى 29-مارت كۈنى گېرمانىيە پايتەختى بېرلىندا قۇرۇلغان. ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇلى روشەن ئابباس خانىم «ئاكسېل سپرىنگېر ئەركىنلىك فوندى مەسلىھەتچىلەر كېڭىشى» نىڭ رەئىسلىكىگە تاللانغان ئىدى

بېرلىندىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان روشەن ئابباس خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مۇراسىمنىڭ ئېچىلىش نۇتقىنى «ئاكسېل سپرىنگېر ئەركىنلىك فوندى» نىڭ رەئىسى ماتىياس دۆفنېر (Mathias Döpfner) بىلەن گېرمانىيە مائارىپ ۋە تەتقىقات مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى بېتتىنا شىتارىك ۋاتزىنگېر (Bettina Stark Watzinger) قاتارلىقلار سۆزلىگەن. تۇنجى نۆۋەتلىك «ئاكسېل سپرىنگېر ئەركىنلىك مۇكاپاتى» غا ئافغانىستانلىق مەريەم نۇرى دېگەن ئايال ئېرىشكەن. تالىبانلارنىڭ رېجىمىغا قارشى كۈرەش قىلىپ مەزكۇر مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بۇ ئايالنىڭ ئىسمى باشقا بولۇپ، مۇكاپاتلىغۇچىلار ئۇنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ‹مەريەم نۇرى› دېگەن يالغان ئىسىمنى قوللىنىشنى مۇۋاپىق كۆرگەن.

ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇلى، «ئاكسېل سپرىنگېر ئەركىنلىك فوندى مەسلىھەتچىلەر كېڭىشى» نىڭ رەئىسى روشەن ئابباس خانىم بۇ ھەقتە توختالغاندا، گەرچە بۇ مۇكاپات ‹مەريەم نۇرى› غا بېرىلگەن بولسىمۇ، مۇراسىمدا ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇملارنىڭ مۇھىم سىياسىي شەخسلەر تەرىپىدىن تەكرار-تەكرار ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىنىڭ ئۆزلىرىنى مەمنۇن قىلغان ئامىللاردىن بىرى بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

«ئاكسېل سپرىنگېر ئەركىنلىك مۇكاپاتى» مۇراسىمىنىڭ مۇقەددىمىسىدە سۆز ئالغان «ئاكسېل سپرىنگېر ئەركىنلىك فوندى» نىڭ رەھبەرلىرى ئۆزلىرىنىڭ ھازىرغا قەدەر ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى توغرىسىدا دوكلات تەقدىم قىلغاندا، ئالدىنقى بىر قانچە ئايدا ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس خانىم باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر ۋەكىللىرىنى گېرمانىيەنىڭ يۇقىرى قاتلامدىكى رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچراشتۇرۇپ، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئېغىر زۇلۇملارنى بىۋاسىتە ئاڭلىتىشقا پۇرسەتلەر يارىتىپ بەرگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەن. ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ دىرېكتورى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ئەپەندى بۇ خۇسۇستا تەسىراتلىرىنى بايان قىلىپ، بۇ مۇراسىمدا نۇرغۇنلىغان مۇھىم شەخسلەرگە شەرقىي تۈركىستان خەلقى دۇچ كېلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئاڭلىتىش ئىمكانىغا ئىگە بولغانلىقىنى بايان قىلدى.

«ئاكسېل سپرىنگېر ئەركىنلىك مۇكاپاتى» مۇراسىمىدا (ئوڭدىن) روشەن ئابباس خانىم، پارلامېنت ئەزاسى لىندا تورتىبېرگ (Linda teuteberg) خانىم ۋە فرانك مۇللېر (Frank müller) ئەپەندى بىلەن. 2023-يىلى 28-نويابىر.

«ئاكسېل سپرىنگېر ئەركىنلىك مۇكاپاتى» مۇراسىمىدا (ئوڭدىن) روشەن ئابباس خانىم، پارلامېنت ئەزاسى لىندا تورتىبېرگ (Linda teuteberg) خانىم ۋە فرانك مۇللېر (Frank müller) ئەپەندى بىلەن. 2023-يىلى 28-نويابىر.

د ئۇ ق بېرلىن ئىشخانىسىنىڭ دىرېكتورى غەيۇر قۇربان ئەپەندىمۇ مەزكۇر مۇراسىمغا تەكلىپ بىلەن قاتناشقان. ئۇ بۇ ھەقتە توختالغاندا، بۇ مۇراسىمدا مەيلى گېرمانىيەنىڭ دۆلەت ئەربابلىرى، مەيلى سىياسەتچىلەر ياكى كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرى بولسۇن، ھەممىسىنىڭلا ئۇيغۇرلار مەسىلىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتىشىدىن، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى مەسىلىسىنىڭ گېرمانىيەنىڭ قاتلام-قاتلاملىرىغا قەدەر سىڭگەنلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

«ئاكسېل سپرىنگېر ئەركىنلىك فوندى» بولسا «ئاكسېل سپرىنگېر ئاخبارات ۋە تېخنولوگىيە گۇرۇھى» نىڭ قۇرغۇچىسى ئاكسېل سپرىنگېرنىڭ «ئەركىنلىكنى بارلىق قىممەت قاراشلىرىنىڭ ئاساسى قىلىش» تىن ئىبارەت تەۋرەنمەس ئىرادىسىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلىش، دۇنيانىڭ ھەر يەرلىرىدىكى ئەركىنلىك جەڭچىلىرىگە ئىلھام بېرىش ئۈچۈن قۇرۇلغان. بۇ فوندى جەمئىيەت خىتاي كەبى مۇستەبىت دۆلەتلەرنىڭ زۇلۇملىرىغا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان، ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيە يولىدا بەدەل تۆلەۋاتقان ئىنسانلارنى قوللاشنى، قوغداشنى، ئۇلارنىڭ پىداكارلىق روھىغا ئىلھام بېرىشنى تۈپ مەقسەت قىلغان.