Responsive Image

ئۇچتۇرپاننىڭ ئىماملىرىم يېزىسىدىكى ئېلى جۈمە چەت ئەلدىكى ئىككى تاغىسى بىلەن ئالاقىلاشقانلىقى ئۈچۈن 15 يىللىق كېسىلگەن

ئۇچتۇرپاننىڭ ئىماملىرىم يېزىسىدىكى ئېلى جۈمە چەت ئەلدىكى ئىككى تاغىسى بىلەن ئالاقىلاشقانلىقى ئۈچۈن 15 يىللىق كېسىلگەن

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

خىتاي دائىرىلىرى بۇ يىل يانۋاردا ئۆتكۈزگەن بىر ئاخبارات يىغىنىدا ئۇيغۇر رايونىدىكى ئاھالىلەرنىڭ چەتئەلدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن ئالاقىسىنىڭ نورمال داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ تۆنۈگۈن ئۇچتۇرپانغا قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا، ئىماملىرىم يېزىسىدىكى ئېلى جۈمە ئىسىملىك بىر ئاھالىنىڭ چەتئەلگە چىقىپ كەتكەن ئىككى تاغىسى (جېلىل جۈمە ۋە خېلىل جۈمەلەر) بىلەن ئالاقىلاشقانلىقى ئۈچۈنلا 15 يىللىق كېسىۋېتىلگەنلىكى دەلىللەندى.

خىتاي دائىرىلىرى بۇ يىل يانۋاردا ئاچقان بىر ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئۇچۇر-ئالاقە ئىشخانىسىنىڭ باياناتچىسى زۇلھايات ئىسمائىل، چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ سوئالىغا جاۋابەن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن 4 يىلدىن بۇيان ئالاقىسى ئۈزۈلگەنلىكىنى ئىنكار قىلغان ئىدى. ئۇ سۆزىدە خىتاينىڭ بىر قانۇن دۆلىتى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، رايوندىكى ئاھالىلەرنىڭ چەتئەللەردىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن بولغان ئالاقىسىنىڭ نورمال داۋاملىشىۋاتقانلىقى، پەقەت بىر قىسىم ئاھالىلەرنىڭ چەتئەلدىكى «بۆلگۈنچى» تۇغقانلىرى بىلەن كۆرۈشۈشتىن ئۆزلىكىدىن ۋاز كەچكەنلىكىنى بايان قىلغان. زۇلھايات ئىسمائىلنىڭ بۇ سۆزلىرى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر گۇۋاھچىلارنىڭ كۈچلۈك دەلىل-پاكىتلىرى تەرىپىدىن ئىنكار قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي تەرەپ تاكى بۈگۈنگىچە تەشۋىقاتىنى ئۆز پەدىسىدە يەنە داۋاملاشتۇرماقتا. ھالبۇكى، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ گۇۋاھلىق باياناتلىرىدىن باشقا، تېلىپون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر رايوندىكى بىر قىسىم ساقچى خادىملىرىمۇ، رايوندىكى ئاھالىلەرنىڭ چەتئەلدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن كۆرۈشۈشىنىڭ چەكلىنىدىغانلىقىنى، ئەگەر بۇ چەكلىمىگە بىلىپ-بىلمەي خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ ئېغىر ھالدا جازالىنىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇچتۇرپاننىڭ ئىماملىرىم يېزا 5-كەنت ئەزاسى ئېلى جۈمە 2014‏-يىلى چەتئەلگە چىقىپ كەتكەن تاغىسى جېلىل جۈمە ۋە خېلىل جۈمەلەر بىلەن تېلېفوندا ئالاقىلاشقانلىقى ئۈچۈن2017-يىلنىڭ بېشىدا تۇتۇپ كېتىلگەن ۋە لاگېرغا تاشلانغان.

خىتاي تەرەپنىڭ دېپىغا ئۇسسۇل ئويناۋاتقان زۇلھايات ئىسمائىل ئاتالمىش «شىنجاڭ ئاخبارات يىغىنى» دا چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ مەزكۇر تېمىدىكى مەنتىقلىق سوئاللىرى ئالدىدا ئوسال ھالغا چۈشۈپ قالغان. ئۇ گەپنى باشقا ياققا بۇراپ، بەزى مۇھاجىر ئۇيغۇرلارنىڭ يۇرتىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ تېلېفون نومۇرىنى ئۇنتۇپ قالغان بولۇشى ۋە شۇ سەۋەپتىن كۆرۈشەلمەيۋاتقانلىق ئېھتىماللىقىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇپ باققان ئىدى. زىيارتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇچتۇرپاندىكى مەزكۇر كەنت ساقچىسىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، دائىرىلەر ئېلى جۈمەنىڭ تاغلىرىنىڭ چەتئەلگە چىقىپ كەتكەنلىكى ۋە ئۇنىڭ تاغىلىرى بىلەن بولغان تېلېفون ئالاقىسى سەۋەبلىك كېسىۋېتىلگەنلىكىنى، بۇنى كەنت ئاھالىلەر كومېتىتىدا ئېچىلغان يىغىنىدا ئاھالىلەرگە ئۇقتۇرغان ئىكەن.

ئىلگىرىكى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا كورلادىكى بىر كەنت ئامانلىق مۇدىرى چەتئەلنى زىيارەت قىلىپ كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ لاگېرغا توپلانغانلىقى ۋە «تەربىيە» ئېلىۋاتقانلىقىنى پاش قىلغان ئىدى. ئۇ سۆزىدە چەتئەلگە ساياھەتكە چىققانلارنىڭ چەتئەلنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماسلىق ئېھتىمالىنىڭ ئازلىقى ۋە ئۇلارنىڭ كاللىسىدا سېلىشتۇرما پەيدا بولۇپ دۆلەتكە قارشى تۇرۇش كەيپىياتى شەكىللىنىپ قېلىش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى، شۇ سەۋەپتىن ئۇلارنىڭ «تەربىيە» ئېلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ چەتئەلگە چىققىنىغا پۇشايمان باياناتى يازماي تۇرۇپ لاگېردىن قۇتۇلالمايدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان ئىدى.

31-ئاۋغۇست ئاشكارىلىنىشىچە، ئەسلىدە ۋالىبول ھەۋەسكارى بولغان ۋە دېھقانچىلىق بىلەن تىرىكچىلىكىنى داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان ئېلى جۈمە، لاگېردا ئىككى يىلغا يېقىن ياتقاندىن كېيىن، 2018-يىلنىڭ ئاخىرىلىرى 15 يىللىق كېسىۋېتىلگەن.

ئۇنىڭ 15 يىللىق كېسىلىشىگە لاگېردىكى ئىپادىسىنىڭ كۈتۈلگەندەك بولمىغانلىقى، يەنى ئۇنىڭ تاغىلىرى بىلەن تېلېفون ئالاقىسى قىلغىنىغا پۇشايمان باياناتى بەرمىگەنلىكى ۋە ياكى پۇشايمان باياناتىنىڭ سەمىمىي دەپ قارالمىغانلىقىنىڭ سەۋەپ بولغانلىقى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس.

ئىماملىرىم يېزىسىدىكى مەزكۇر كەنت ساقچىسى، ئېلى جۈمەنىڭ ئەسلىدە جېلىل جۈمە ۋە خېلىل جۈمەلەرنىڭ ھەدىسىنىڭ ئوغلى ئىكەنلىكى، بوۋىسىنىڭ قولىدا چوڭ بولغانلىقى ئۈچۈن بوۋىسىنىڭ نامىنى فامىلە قىلىپ قوللانغانلىقى، شۇڭا تاغىلىرى بىلەن فامىلىسى ئوخشاش ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.