Responsive Image

ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى تېمىسىدىكى ئۈچ كۈنلۈك خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنى رەسمىي باشلاندى

ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى تېمىسىدىكى ئۈچ كۈنلۈك خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنى رەسمىي باشلاندى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

لوندون شەھرىدىكى «ئۇيغۇر سوت كوللىگىيەسى» نىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى زور كۆلەملىك سوت يىغىنىدىن كېيىنكى يەنە بىر نۆۋەتلىك زور كۆلەملىك خەلقئارالىق پائالىيەت 1-سېنتەبىر كۈنى لوندون شەھرىدە داغدۇغىلىق باشلاندى. «شىنجاڭ كىرىزىسى: قىرغىنچىلىق، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەر ۋە ئادالەت» تېمىسىدىكى بۇ قېتىملىق يىغىن ئۈچ كۈنلۈك پائالىيەت بولۇپ، خەلقئارا ئىلمىي تەتقىقات ساھەسىدىكى داڭلىق ئالىملار، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ۋە سىياسىيونلار ئەڭ كۆپ يىغىلغان بىر قېتىملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى بولدى.

بۇ قېتىمقى يىغىننى ئۇيۇشتۇرغۇچى ئورۇنلارنىڭ بىرى نيو-كەسۇل «يېڭى قەلئە» ئۇنىۋېرسىتېتى بولۇپ، 1990-يىللاردىن باشلاپ ئۇيغۇر دىيارىدا تەكشۈرۈش ۋە تەتقىقات بىلەن مەشغۇل بولۇپ كەلگەن ئۇيغۇرشۇناس ئالىملاردىن جوئاننې سىمىس خانىم ۋە ئۇنىڭ بىر قىسىم كەسپداشلىرى بۇ قېتىمقى خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ۋۇجۇتقا چىقىشىغا زور كۈچ سەرپ قىلدى. خەلقئارا مۇنبەرلەردە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى بويىچە ئوخشىمىغان ساھەلەردە كۈچ چىقىرىۋاتقان تەشكىلاتلاردىن «كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى»، «يېڭى لىنىيە ئىنستىتۇتى»، «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتى»، «تەھدىت ئاستىدىكى خەلقلەر بىرلەشمىسى»، «ئۇيغۇرلارنىڭ ئازاتلىقى ئۈچۈن يەھۇدىيلار ھەركىتى» تەشكىلاتى، «رائۇل ۋاللېنبېرگ كىشىلىك ھوقۇق مەركىزى» قاتارلىق كۆپلىگەن تەشكىلاتلارمۇ بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېچىلىشىغا يېقىندىن ھەمكارلاشتى.

لوندون ۋاقتى ئەتىگەن سائەت توققۇزدا باشلانغان بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ تۇنجى نۇتقىنى پروفېسسور جوئاننې سىمىس خانىم سۆزلىدى. ئۇ سۆزىدە بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنىنى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى سەۋەبلەر ھەققىدە مەلۇمات بېرىش بىلەن بىرگە بۇنىڭ ۋۇجۇتقا چىقىشىغا كۈچ چىقارغان ھەر قايسى تەشكىلاتلارغا ۋە مۇناسىۋەتلىك شەخسلەرگە تەشەككۈر ئېيتتى. ئۇ سۆزىدە ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي ۋەزىيەت ھەققىدە چۈشەنچە بېرىپ، ئۆزى ئاخىرقى قېتىم 2018-يىلى ئۈرۈمچىگە بارغاندىكى ئەھۋاللارنى ئەسلەپ ئۆتتى. شۇنداقلا ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان سىياسىي باستۇرۇشلارنى دەسلەپ ھەرقايسى ساھەنىڭ «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى»، «ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى» دېگەندەك ئاتالغۇلار بىلەن ئاتىغانلىقىنى ھەمدە بۇنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەر ئىكەنلىكىنى ئورتاق ئېتىراپ قىلغانلىقىنى، ئەمما 2020-يىلىدىن باشلاپ مەلۇم بولغان تۈرلۈك ماددىي ئىسپاتلارنىڭ بىردەك بۇ ئەھۋاللارنىڭ ئەمەلىيەتتە «تولۇق مەنىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەنلىكىنى، شۇڭا ھەر ساھەدىكى ئالىملارنى ۋە مۇتەخەسسىسلەرنى بىر جايغا توپلاپ، بۇ تارىخىي ھادىسىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىغا قاراپ چىقىشنى قارار قىلغانلىقىنى بايان قىلدى.

جوئاننې خانىم يەنە ئالاھىدە قىلىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىگە ئىمبارگو ئېلان قىلغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ مۇشۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدە سۆز قىلىۋاتقان خەلقئارادىكى ئالىملارنى ۋە سىياسىيونلارنى قورقۇتماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئەمما ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇشۇ خىل چېگرا ھالىقىغان «ئۆچ ئېلىش» ھەركىتى دۇنيادىكى ئالىملارغا «خىتاي زادى نېمىلەرنى قىلىۋاتىدۇ؟ ئۇلارن نېمىلەرنى يوشۇرىۋاتىدۇ» دەپ سوئال قويۇشى لازىم ئىكەن. بۇ قېتىمقى ئۈچ كۈنلۈك يىغىندا ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن نەچچە ئونلىغان ئالىملار دەل مۇشۇ مەسىلىنى چۆرىدىگەن ھالدا بىر قاتار سوئاللارغا جاۋاپ تەييارلايدىكەن.

بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنى ھەققىدە چىقىرىلغان يىغىن ئۇقتۇرۇشىدا ئېيتىلىشىچە، مۇھاكىمە يىغىنى جەريانىدا ھەر ساھە زاتلىرى «نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ دۇچ كېلىۋاتقانلىرى قىرغىنچىلىقمۇ ياكى مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىمۇ ياكى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتمۇ؟»، «قىرغىنچىلىقنىڭ قانداق ئىسپاتلىرى مەۋجۇت؟»، «خىتاينىڭ بۇ قىرغىنچىلىقتىكى نىيىتى نېمە بولۇشى مۇمكىن؟»، «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قىرغىنچىلىقتىكى جاۋابكارلىقىنى قايسى شەكىللەردە سۈرۈشتە قىلىش مۇمكىن؟» دېگەندەك بىر قاتار سوئاللارغا جاۋاپ تاپىدىكەن.

بۇ قېتىمقى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر ۋە مۇتەخەسىسلىرىمۇ قاتناشقان ئىدى. شۇلار قاتارىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ پاكىتلىرى كۆپلەپ مەلۇم بولۇۋاتقان، خىتاي ھۆكۈمىىتى پۈتۈن كۈچى بىلەن بۇنى ئىنكار قىلىۋاتقاندا بۇنچە كۆپ ئالىملار ۋە مۇتەخەسىسىلەرنىڭ بىر يەرگە جەم بولۇپ، بۇنداق بىر مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىشىنىڭ زور ئەھمىيەتكە ئىگە بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنىغا ھازىرغىچە ئۇيغۇرلار ھەققىدە سۆز قىلىپ كېلىۋاتقان ئالىملار، پائالىيەتچىلەر ۋە سىياسىيونلار ئىشتىراك قىلغان ئىدى. بۇنچە كۆپ ھەر ساھە كىشىلىرىنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى تېمىسىدىكى بۇ مۇھاكىمە يىغىنىغا توپلىنىشى ھەققىدە سۆز قىلغاندا دولقۇن ئەيسا بۇنىڭ تەسادىپىلىق ئەمەسلىكىنى، ئەكسىچە خىتاينىڭ بارغانسېرى يۇقۇرى پەللىگە كۆتۈرىلىۋاتقان ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى قىلمىشىنىڭ شۇنچە كۆپ كىشىلەرنى بىر سورۇنغا جەم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىمقى يىغىندا ئوتتۇرىغا چۈشكەن پىكىرلەر سىستىمىلىق ھالدا رەتلەپ چىقىلغاندىن كېيىن ھەرقايسى ساھەدىكى ئالىملارنىڭ بايانلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئىسپاتلار بىلەن بىرلىكتە ھەرقايسى ھۆكۈمەتلەرگە يوللاپ بېرىلىدىكەن. بۇنىڭ تەسىرىدىن تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدە مۇناسىۋەتلىك تەدبىرلەرنى ئېلىشىغا تۈرتكە بولۇشى ئۈمىد قىلىنماقتا ئىكەن.