Responsive Image

7- نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەھبەرلىك ئورگانلىرى، سايلىنىدىغان ئورۇن-ۋەزىپىلەر ۋە نامزاتلىق شەرتلىرى

7- نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەھبەرلىك ئورگانلىرى، سايلىنىدىغان ئورۇن-ۋەزىپىلەر ۋە نامزاتلىق شەرتلىرى

د ئۇ ق ئاخباراتى ھۆججەت نومۇرى: DUQ 7-003

Bayanatni Uyghur Latin Yeziqida oqush uchun bu yerni cheking

баянатни уйғур крил йәзиқида оқуш учун бу йәрни чәкиң

مۆھتەرەم ۋەكىللەر،

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ د ئۇ ق دېيىلىدۇ) 7-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىغا ۋەكىللەرنى سايلاش ۋە بېكىتىش خىزمەتلىرى ئۇتۇقلۇق تامام بولدى. نۆۋەتتىكى كۈنتەرتىبىمىزدە قىلىنىدىغان ئىش بولسا، 7-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىمىزدا سايلاپ چىقىلىدىغان يېڭى بىر نۆۋەتلىك د ئۇ ق رەھبەرلىك ھەيئىتىدە ۋەزىپە ئېلىشقا ئۆزىنى كۆرسىتىدىغان نامزاتلارنى تەييارلاشتىن ئىبارەت. ئالدىنقى ئىككى ھەپتىدە ئىچىدە د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى ئەزالىرى ۋە 7-قۇرۇلتاي تەييارلىق كومىتېتى نامزاتلىق كومىسسىيونى بىرلىكتە مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق، د ئۇ ق رەھبەرلىك ھەيئىتىگە بۇ قېتىمقى قۇرۇلتىيىمىزدا سايلىنىدىغان ئورۇن- ۋەزىپىلەرنى بېكىتىپ چىقتۇق. نۆۋەتتىكى دەۋا ۋەزىيىتىنىڭ ئېھتىياجىغا كۆرە بۇرۇنقىغا ئوخشىمايدىغان بەزى تەڭشەشلەر ئېلىپ بېرىلدى. شۇنىڭدەك، د ئۇ ق رەھبەرلىك ھەيئىتىگە ئۆزىنى كۆرسىتىدىغانلارغا قويۇلىدىغان نامزاتلىق شەرتلىرى تۈزۈپ چېقىلدى.

د ئۇ ق نىزامنامىسىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە، بۇ قېتىم ۋەكىللىككە تاللانغان 207 نەپەر رەسمىي ۋەكىلنىڭ ھەممىسىنىڭ 7-قۇرۇلتايدا ھەم سايلىنىش ۋە سايلاش ھوقۇقى بولىدۇ. شۇڭا، ۋەكىللىرىمىزنى دادىللىق ۋە تەشەببۇسكارلىق بىلەن د ئۇ ق رەھبەرلىك ھەيئىتىدىكى ھەرقايسى ئورۇن-ۋەزىپىلەرگە ئۆزلىرىنى نامزاتلىققا كۆرسىتىشكە چاقىرىق قىلىمىز.

ئۆزىنى نامزاتلىققا كۆرسىتىش مۇددىتى ئۇشبۇ ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىنغان كۈن(بۈگۈن 6-سېنتەبىر) دىن باشلاپ 10-ئۆكتەبىرگە 35 كۈن بولىدۇ. نامزاتلىققا ئىلتىماس قىلىش جەدۋىلى ۋە باشقا قوشۇمچە مەلۇماتلار كېيىنكى بىر قانچە كۈن ئىچىدە نۆۋەت بىلەن ئېلان قىلىنىدۇ.

7- نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەھبەرلىك ئورگانلىرى ۋە سايلىنىدىغان ئورۇن-ۋەزىپىلەر:

2021- يىل،11- ئاينىڭ 12- كۈنىدىن 14 – كۈنىگىچە چېخىيەنىڭ پايتەختى پىراگادا ئۆتكۈزۈلىدىغان 7 – نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىدا، د ئۇ ق قارمىقىدىكى تۆۋەندىكى ئورگانلارنىڭ مەسئۇللىرى قۇرۇلتاي ۋەكىللىرى تەرىپىدىن، ئۆزىنى ئالدىن نامزاتلىققا كۆرسەتكەن رەسىمى ۋەكىللەر ئىچىدىن دېموكراتىك ئۇسۇلدا، ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق سايلاپ چىقىلىدۇ.

د ئۇ ق رەئىسى: 1 نەپەر

د ئۇ ق: مۇئاۋىن رەئىسلىرى: 3 نەپەر

د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى: 1 نەپەر

د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى: 4 نەپەر

د ئۇ ق باش تەپتىشى: 1 نەپەر

د ئۇ ق مۇئاۋىن باش تەپتىشلىرى: 4 نەپەر

د ئۇ ق فوندىنىڭ رەئىسى: 1 نەپەر

د ئۇ ق فوندىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرى: 2 نەپەر

 

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتى تەركىبىدىكى ئورگانلار:

  1. د ئۇ ق ياشلار كومىتېتىڭ مۇدىرى : 1 نەپەر
  2. د ئۇ ق ئاياللار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى : 1 نەپەر
  3. د ئۇ ق ئىچكى ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى : 1 نەپەر
  4. د ئۇ ق دىنىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى : 1 نەپەر
  5. د ئۇ ق مائارىپ كومىتېتىنىڭ مۇدىرى : 1 نەپەر
  6. د ئۇ ق مەدەنىيەت كومىتېتىنىڭ مۇدىرى : 1 نەپەر
  7. د ئۇ ق سەھىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى : 1 نەپەر
  8. د ئۇ ق ئېكولوگىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى : 1 نەپەر
  9. د ئۇ ق خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى : 1 نەپەر
  10. د ئۇ ق كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ مۇدىرى : 1 نەپەر
  11. د ئۇ ق قانۇن كومىتېتى مۇدىرى: 1 نەپەر
  12. 12. د ئۇ ق مۇھاجىرلار مەركىزى مۇدىرى: 1 نەپەر
  13. د ئۇ ق تەشۋىقات – ئۇچۇر مەركىزىنىڭ مۇدىرى: 1 نەپەر
  14. د ئۇ ق تەتقىقات مەركىزى مۇدىرى: 1 نەپەر
  15. د ئۇ ق نەشرىيات مەركىزىنىڭ مۇدىرى: 1 نەپەر

رەسمىي ئاۋازغا قويۇپ سايلىنىدىغان رەھپەرلەر جەمئىي 32 نەپەر

يۇقارقىلاردىن باشقا، مەسلەھەتچىلەر، قۇرۇلتاينىڭ كاتىپى، ئارخىپ مۇدىرى، باياناتچىلار، (ئۈچ نەپەر) قۇرۇلتاينىڭ ھەرقايسى ئەللەردىكى ۋاكالەتچىلىرى ۋە قۇرۇلتاينىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەردە تەسىس قىلغان ئىشخانىلىرىنىڭ دېرىكتورلىرى، د ئۇ ق رەئىسىنىڭ، قۇرۇلتاي ۋەكىللىرى ئىچىدىن ياكى سىرتتىن بىۋاسىتە تەكلىپ قىلىپ كۆرسىتىشى ۋە ئىجراھىيە كومىتېتىنىڭ ماقۇللۇقى بىلەن ۋەزىپىگە قويۇلىدۇ.

 

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىكىگە نامزات بولىدىغانلارغا قويۇلىدىغان شەرتلەر:

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسلىكىگە نامزات بولىدىغانلارغا قويۇلىدىغان شەرتلەر:

1) د ئۇ ق 7-نۆۋەتلىك قۇرۇلتاي ۋەكىللىكىگە قويۇلغان 13 ماددا*لىق شەرتلەرنى  تولۇق ئورۇندىغان بولۇشى كېرەك.

2) ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدا سىياسىي، ئىجتىمائىي پائالىيەتلىرى بىلەن تونۇلۇپ، ئېتىراپ قىلىنغان بولۇشى، دەۋا ئىشلىرىدا كۆرۈنەرلىك نەتىجە ياراتقان ۋە يېتەرلىك تەجرىبە ھاسىل قىلغان بولۇشى كېرەك.

3) خەلقئارادا بەلگىلىك تەسىر ۋە ئابرۇيغا ئىگە بولغان بولۇشى كېرەك.

4) د ئۇ ق  رەھبەرلىك ھەيئىتىدە ئەڭ كەمىدە 7 يىل رەھبەرلىك خىزمىتىدە بولغان بولۇشى كېرەك.

5) 2009- يىلدىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان، خىتاي ۋە خىتاي مۇستەملىكىسى ئاستىدىكى رايونلارغا بارمىغان ۋە ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن 10 يىلغىچە بارمايدىغان بولۇشى كېرەك.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە نامزات بولىدىغانلارغا قويۇلىدىغان شەرتلەر:

1) 7- نۆۋەتلىك قۇرۇلتاي ۋەكىللىكىگە قويۇلغان 13 ماددىلىق شەرتلەرنى تولۇق ئورۇندىغان  بولۇشى كېرەك.

2) مىللىي دەۋا ساھەسىدە يېتەرلىك خىزمەت تەجرىبىسىگە ئىگە بولغان بولۇشى كېرەك.

3) د ئۇ ق رەھبەرلىك ھەيئىتىدە ۋە ياكى د ئۇ ق تەركىبىدىكى تەشكىلاتلاردا ئەڭ ئاز بولغاندا 5 يىل خىزمەت قىلغان بولۇشى كېرەك.

4) 2009- يىلدىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان، خىتاي ۋە خىتاي مۇستەملىكىسى ئاستىدىكى رايونلارغا بارمىغان ۋە ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن 10 يىلغىچە بارمايدىغان بولۇشى كېرەك.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسلىكىگە نامزات بولىدىغانلارغا قويۇلىدىغان شەرتلەر:

1) د.ۇ.ق 7- نۆۋەتلىك قۇرۇلتاي ۋەكىللىكىگە قويۇلغان 13 ماددىلىق شەرتلەرنى تولۇق ئورۇندىغان بولۇشى كېرەك

2)  د.ۇ.ق  رەھبەرلىك ھەيئىتىدە كەمىدە 5 يىل خىزمەت قىلغان بولۇشى كېرەك.

3) 2009- يىلدىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان، خىتاي ۋە خىتاي مۇستەملىكىسى ئاستىدىكى رايونلارغا بارمىغان ۋە ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن 6 يىلغىچە بارمايدىغان بولۇشى كېرەك.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتى مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە نامزات بولىدىغانلارغا قويۇلىدىغان شەرتلەر:

1) 7- نۆۋەتلىك قۇرۇلتاي ۋەكىللىكىگە قويۇلغان 13 ماددىلىق شەرتلەرنى تولۇق ئورۇندىغان  بولۇشى كېرەك.

2) د ئۇ ق  رەھبەرلىك ھەيئىتىدە ۋە ياكى د ئۇ ق قارمىقىدىكى يەرلىك تەشكىلاتلاردا كەمىدە ئۈچ يىل خىزمەت قىلغان بولۇشى كېرەك.

3) 2009- يىلدىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان، خىتاي ۋە خىتاي مۇستەملىكىسى ئاستىدىكى رايونلارغا بارمىغان ۋە ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن 6 يىلغىچە بارمايدىغان بولۇشى كېرەك.

د.ۇ.ق فوندى،تەپتىشلىك،ھەرقايسى كومىتېتلار ۋە مەركەزلەرگە نامزات بولىدىغانلارغا قويۇلىدىغان شەرتلەر:

1) 7- نۆۋەتلىك قۇرۇلتاي ۋەكىللىكىگە قويۇلغان 13 ماددىلىق شەرتلەرنى تولۇق ئورۇندىغان بولۇشى كېرەك.

2) مىللىي دەۋا ساھەسىدە بەلگىلىك خىزمەت تەجرىبىسىگە ئىگە بولغان بولۇشى كېرەك.

3)  د ئۇ ق رەھبەرلىك ھەيئىتىدە ياكى د ئۇ ق بىلەن ھەمكارلىشىۋاتقان يەرلىك تەشكىلاتلاردا ئەڭ ئاز 3 يىل خىزمەت قىلغان بولۇشى كېرەك.

4) ۋەزىپىگە سايلىنىشتىن بۇرۇن 5 يىل ۋە ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغاندىن كېيىنكى ئۈچ يىلدا ۋەتەنگە بارمىغان ۋە بارمايدىغان بولۇشى كېرەك.

 

*ئەسكەرتىش: د ئۇ ق 7-قۇرۇلتاي ۋەكىللىك شەرتلىرى:

 

  1. قۇرۇلتاي ۋەكىللىرى ھەرقايسى دۆلەتلەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان قۇرۇلتاي تەركىبىدىكى تەشكىلاتلار ۋە قۇرۇلتاينى ھىمايە قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىقلار تەرىپىدىن دېموكراتىك ئۇسۇلدا سايلاپ چىقىلىدۇ؛
  2. ھەر بىر دۆلەتتە سايلاپ چىقىلىدىغان ۋەكىللەرنىڭ ئەڭ ئاز 3 دىن 1 قىسمى ياشلاردىن ۋە خانىم-قىزلىرىمىزدىن تەركىب تاپقان بولۇشى؛
  3. ۋەكىل نامزاتى جەزمەن 18 ياشنى تولدۇرغان شەرقىي تۈركىستانلىق بولۇشى، ئەڭ ئاز بىر چەتئەل تىلىنى بىلگەن بولۇشى؛
  4. ۋەتەن، مىللەت سۆيگۈسى كۈچلۈك، مىللىي داۋا سېپىمىزدە مىننەتسىز پىداكارلىق كۆرسىتىش روھىغا ئىگە بولۇشى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى قىزغىن ھىمايە قىلىدىغان، قوللايدىغان كىشى بولۇشى، د ئۇ ق ۋە ئۇنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ ئوبرازىغا زىيان يەتكۈزىدىغان سۆز-ھەرىكەتلەردە بولمىغان ۋە بۇندىن كېيىنمۇ د ئۇ ق مەنپەئەتىنى جان-دىل بىلەن قوغدايدىغان، تاپشۇرغان ۋەزىپىلەرنى ئاكتىپلىق بىلەن ئورۇنلايدىغان بولۇشى؛
  5. ئۆزى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىدا خىزمەت قىلغان بولۇشى، ياكى مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن تەشكىلاتلاردا ۋەزىپە ئالمىغان بولسىمۇ ئۆز ئالدىغا مىللىي داۋايىمىز ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقان بولۇشى؛
  6. ئۆزى، چەتئەلدىكى ئائىلە ئەزالىرى خىتاينىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى خىتايغا باغلىنىشلىق بولغان سىياسىي، ئىجتىمائىي، مەدەنىي ۋە تىجارىي ئورۇنلار بىلەن ھەرقانداق شەكىلدىكى ئالاقىدە بولمىغان بولۇشى؛
  7. چوقۇم كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىق، جاۋابكارلىق تۇيغۇسى بولۇشى، ئىلتىماس قىلغان ۋەزىپىگە سايلانغان ياكى تەيىنلەنگەن تەقدىردە، ۋەزىپە ئالغان مۇددەت ئىچىدە ئۆزى مەسئۇل ساھە ھەققىدە تەپسىلىي پىلان- پىروگرام تۈزۈپ چىقالايدىغان ۋە ئۇنى جانلىق شەكىلدە ئىجرا قىلالايدىغان ئىقتىدارغا ئىگە بولۇشى لازىم.
  8. قۇرۇلتاي ئېچىلغىچە بولغان مۇددەتتىن ئەڭ ئاز 3 يىل ئىلگىرگىچە ۋە قۇرۇلتاينىڭ ۋەكىلى بولۇپ خىزمەت قىلغان مۇددەت ئىچىدە، شۇنداقلا ۋەكىللىك مۇددىتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىنكى بىر يىل ئىچىدە شەرقىي تۈركىستان، خىتاي ۋە خىتاي مۇستەملىكىسى ئاستىدىكى رايونلارغا بارمىغان ۋە بارمايدىغان بولۇشى؛
  9. سىياسىي جەھەتتىن بەلگىلىك ئاڭ ۋە تەجرىبىگە ئىگە بولۇشى، خەلقئارا سىياسەت، خىتاي ۋە شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتى ھەققىدە بەلگىلىك چۈشەنچە ۋە مەلۇماتقا ئىگە بولغان بولۇشى؛
  10. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەرىپىدىن يولغا قۇيۇلغان ئۇيغۇرلۇق بەدىلىنى ئىزچىل تۈردە تۆلەپ كەلگەن بولۇشى، مەلۇم سەۋەب تۈپەيلىدىن ھازىرغىچە تۆلىمىگەنلەر 36 ئايلىق بەدەل پۇلىنى ۋەكىل نامزاتلىقىغا ئىلتىماس قىلىشتىن بۇرۇن تۆلىۋېتىشى شەرت (ئۇيغۇرلۇق بەدەل پۇلى: ياۋروپا، ئامېرىكا، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى دۆلەتلەر ئۈچۈن ئايدا 5 دوللار؛ تۈركىيە ۋە ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرى ئۈچۈن ئايدا 3 دوللار؛ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئۈچۈن ئايدا 1 دوللار)؛
  11. ۋەكىل نامزاتى چوقۇم 7- نۆۋەتلىك قۇرۇلتايغا بىۋاسىتە ياكى تور ئارقىلىق قاتنىشالايدىغان بولۇشى شەرت؛
  12. يۇقىرىقى شەرتلەرنى ھازىرلىغان شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىز ئۆزىنى 7- ئاينىڭ 31-كۈنىدىن بۇرۇن ۋەكىل نامزاتلىقىغا كۆرسىتىپ بولۇشى لازىم.

13.. ۋەكىل نامزاتلىرى قۇرۇلتاي تەرىپىدىن تەييارلانغان ۋەكىللىككە ئىلتىماس قىلىش جەدۋىلىنى تولدۇرۇپ، ئۆزى تۇرۇشلۇق دۆلەتتىكى سايلام كومىتېتىغا بەلگىلەنگەن مۇددەت ئىچىدە تاپشۇرۇشى كېرەك. بۇ جەدۋەل ئىنتېرنېت ئارقىلىق ئېلېكتىرونلۇق شەكىلدە ياكى قەغەز يۈزىدە يازما شەكىلدە تولدۇرىلىدۇ. بۇ جەدۋەل ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى سايلام كومىتېتى تەرىپىدىن تەمىنلىنىدۇ.

د ئۇ ق 7- قۇرۇلتاي تەييارلىق كومىتېتى، نامزاتلار كومسسىيونى

 

2021- يىل، 4 – سېنتەبىر