Responsive Image

«5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى» نىڭ 27 يىللىقى: خىتايدىن ھېساب سوراش زامانى قاچان كېلىدۇ؟

«5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى» نىڭ 27 يىللىقى: خىتايدىن ھېساب سوراش زامانى قاچان كېلىدۇ؟(ئوڭدىن) ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ رەئىسى رىشات ئابباس، ئامېرىكا كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تېببىي مۇتەخەسسىسى دوكتور مەمتىمىن ۋە د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندىلەر نيۇ-يوركتىكى دەۋر مەيدانىدا نامايىش قىلماقتا. 2024-يىلى 4-فېۋرال.

ئۇنتۇلماس قاباھەت، ساقايماس جاراھەت بولغان «5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى» نىڭ يۈز بەرگىنىگە بۇ يىل 27 يىل بولدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 2-فېۋرال كۈنى بايانات ئېلان قىلغان. باياناتتا، 1997-يىل غۇلجادا تىنچ شەكىلدە ئېلىپ بېرىلغان ھەق تەلەپ نامايىشىنى خىتاي قوراللىق كۈچلىرىنىڭ قانلىق باستۇرغانلىقى، شۇنىڭدىن باشلاپ خىتاينىڭ «ئۈچ خىل كۈچ» كە زەربە بېرىش باھانىسى بىلەن ئۇيغۇرلارغا ئىلگىرى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە زىيانكەشلىك قىلىپ كەلگەنلىكى ھەمدە 2017-يىلدىن باشلاپ، بۇنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق تۈسىنى ئالغان جىنايەتكە تەرەققىي قىلدۇرغانلىقى بايان قىلىنغان.

باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: «1997-يىل 2-ئاينىڭ 5-كۈنى مىڭلىغان ئۇيغۇرلار غۇلجا شەھىرىدە خىتاي ئىشغالچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى بولغان مەشرەپنى چەكلىگەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، تىنچ شەكىللىك نامايىش قىلدى. خىتاي دائىرىلىرى بۇ نامايىشچىلارنى قانلىق باستۇردى، ئاز دېگەندە 100 ئادەم ئۆلدى، نۇرغۇن ئادەم يارىلاندى، ئارقىدىن 4000 نامايىشچى قولغا ئېلىندى، ئۇنىڭ ئىچىدە 200 ئادەم ئۆلۈم جازاسىغا ئۇچرىدى. شۇنىڭدىن باشلاپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ تۈپكى ئىنسانىي ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكىنى يوقىتىشقا ئۆتتى. خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلدىن باشلاپ، ئاتالمىش ‹تېررورلۇق ۋە ئەسەبىيلىككە زەربە بېرىش› ھەرىكىتىنى باشلىغاندىن كېيىن، كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىش قىلمىشلىرى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتكە تەرەققىي قىلدى. نۇرغۇن ئۇيغۇرلار ئۆز ۋاقتىدا نامايىشقا قېتىلغانلىقى سەۋەبىدىن قايتا قامالدى. شەرقىي تۈركىستاندىكى بۇ باستۇرۇش سىياسىتى ھېلىھەم ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىغا تەھدىت سالماقتا، ئۇلار ئىز-دېرەكسىز يوقىتىلماقتا، قاماققا ئېلىنماقتا، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنماقتا».

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ، «غۇلجا قىرغىنچىلىقى» نىڭ تۇنجى بولۇپ خەلقئاراغا بىلىنگەن ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقلىق دەۋاسىنىڭ كۈچىيىشىگە تۈرتكە بولغان ۋەقە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

2-فېۋرال كۈنى، ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى «5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى» نىڭ 27 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلدى. ئۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە، 1997-يىل غۇلجادا ئۇيغۇر مەشرەپلىرىنىڭ «جىنايەت» دەپ قارىلىشى ۋە چەكلىنىشى بۈگۈنكى كۈندىكى مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنىڭ باشلىنىشى. خىتاينىڭ ھازىرقى سىياسىتى تۇيۇقسىز چىققان ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ۋە خىتاينىڭ كونتروللۇقى سىرتىدىكى ھەر قانداق ئاممىۋى ئېقىمنى، ئاممىۋى پائالىيەتنى زوراۋانلىق بىلەن باستۇرۇشىنىڭ ئۇزۇن يىللىق نەتىجىسى. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كۈچىنى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن ئاخىر ئىرقىي قىرغىنچىلىقتەك ۋەھشىي ئۇسۇلنى قوللاندى. خەلقئارا جەمئىيەت خىتاينىڭ دەسلەپكى يىللاردىلا باشلىغان بۇ قەبىھ مىللىي قىرغىنچىلىقىدىن ساۋاق ئېلىشى، شۇنداقلا بۈگۈنكى كۈندە بولسىمۇ ئۇنىڭدىن ھېساب سورىشى كېرەك ئىكەن.

ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىمۇ 5-فېۋرال كۈنى بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ: «1997-يىل 5-فېۋرال يۈز بەرگەن پاجىئە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى ئومۇميۈزلۈك ۋە سىستېمىلىق باستۇرۇشىنىڭ دەسلەپكى ئالامىتى ھېسابلىنىدۇ، كېيىن ئۇ ئومۇم ئېتىراپ قىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قاراپ تەرەققىي قىلدى» دېگەن. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس خانىمنىڭ بۇ باياناتتا بىلدۈرۈشىچە، 5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىشىنىڭ مانېۋىرى ھېسابلىنىدىكەن، ئۆز ۋاقتىدا خەلقئارا جەمئىيەت خىتاينىڭ بۇ قەبىھ جىنايىتىدىن تولۇق ھېساب سورىمىغانلىقى ئۈچۈن، خىتاي بۈگۈنكىدەك ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈشكە پېتىنالىغان.

ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئۆز تور بېتىدە «5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى» ھەققىدە بايانات بېرىش بىلەن بىرگە، 4-فېۋرال كۈنى نيۇ-يورك شەھىرىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىناسى ئالدىدا نامايىش ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلشات ھەسەن، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ رەئىسى رىشات ئابباس قاتارلىقلار بۇ نامايىشقا قاتنىشىپ سۆز قىلغان، ئۇلار سۆزىدە «5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى» نىڭ پەقەت خىتاينىڭ دۇنياغا ئاشكارىلانغان مىللىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى، ب د ت قاتارلىق خەلقئارا ئورگانلارنىڭ بۇ جىنايەتنى توختىتىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بۇ نامايىش ھەققىدە مەلۇمات بەردى ھەمدە «5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى» نى خاتىرىلەپ نامايىش قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى بىلدۈردى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئېلان قىلغان باياناتتا خەلقئارا جەمئىيەتكە خىتابەن مۇنداق دېيىلگەن: «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خەلقئارا جەمئىيەتنى ‹غۇلجا قىرغىنچىلىقى› دىن ساۋاق ئېلىپ، خىتايغا كەسكىن ھەرىكەت قوللىنىشقا چاقىرىدۇ. بىز ‹غۇلجا قىرغىنچىلىقى›نى خاتىرىلەۋاتقان ۋە مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئازاب چېكىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ يەتكەن بۇ كۈندە خىتاينىڭ جىنايىتىگە قارشى بىرلىكتە ھەرىكەت قوللىنىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەيمىز. بىز قانۇنىي يوللار ئارقىلىق خىتاينىڭ جىنايىتىدىن ھېساب سوراشقا، شۇنچە قەبىھ زوراۋانلىقلارنى قىلىپ تۇرۇپمۇ جازاغا ئۇچرىمايۋاتقان خىتايغا زەربە بېرىشكە موھتاج».

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بۇ باياناتىدا يەنە، غۇلجا شېھىتلىرىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ لوندونغا يىغىلىپ پائالىيەت ئۆتكۈزىدىغانلىقى، 17-فېۋرال كۈنى گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە «مەشرەپ: ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك» ناملىق پائالىيەت تەشكىللىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىپ: «بۇ پائالىيەت ئارقىلىق خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغىلا ئەمەس، دۇنيا مەدەنىيىتىگە تەھدىت سالىدىغان خەتەرلىك ھاكىمىيەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكچى» دېدى.