ئابدۇخالىق ئۇيغۇر تۇغۇلغانلىقىنىڭ 120 يىللىقى توغرىسىدا مۇھاكىمە
خەۋەر مەنبەسى: دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى
ئابدۇخالىق ئۇيغۇر 1901 – يىلى 2 – ئاينىڭ 9 – كۈنى تۇرپان شەھىرىدە، بىر سودىگەر ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. دادىسى ئابدۇراخمان مەخسۇم ھاجىم مەرىپەتپەرۋەر، يېڭىلىققا ئىنتىلىدىغان كىشى بولغاچقا، ئوغلى ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنى كىچىگىدىن ياخشى تەربىيەلەشكە ئەھمىيەت بەرگەن. بەش يېشىدا ساۋادى چىققان ئابدۇخالىق ئۇيغۇر 12 ياشقا كىرگەندە ئەرەب، فارس تىللىرىنى ئۆگىنىشكە باشلىغان. 1916 – يىلى چوڭ دادىسى مىجىت ھاجى بىلەن رۇسيىنىڭ شەمەي شەھىرىگە بارغان. ئۇ شەمەي شەھىرىدە رۇس تىلىنى ئۆگەنگەن. ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىن، شۆتاڭغا كىرىپ خىتاي تىلىدا ئوقۇغان. 1923 – يىلى ئابدۇخالىق ئۇيغۇر مەھمۇت مۇھىتى قاتارلىقلار بىلەن بىللە يەنە سوۋېت ئىتتىپاقىغا بېرىپ 3 يىل ئوقۇغان. 1926 – يىلى يۇرتى تۇرپانغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن خەلقنى ئويغىتىش ئۈچۈن يېڭىچە مائارىپنى تەرغىپ قىلىپ، گېزىت- ژورنال نەشىر قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان. 1927 – يىلى مەسلەكداشلىرى بىلەن بىرلىشىپ، تۇرپاندا ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ ئۈچ ئورۇندا مەكتەپ قۇرغان ۋە بىر باسمىخانا قۇرۇشقا ھازىرلىق قىلغان. ئەكسىيەتچى ياڭ زىڭشىڭ ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ باسما زاۋۇتى قۇرۇشىغا يول قويمىغان. ئابدۇخالىق ئۇيغۇر 1927- يىلى تۇرپان ئاستانىلىق مەھمۇت مۇھىتى ۋە پىچانلىق ئىسكەندەر خوجىلار بىلەن بىرلىكتە بىر „ئاقارتىش ئۇيۇشمىسى» قۇرغان. 1932 – يىلى پارتلىغان تۇرپان خەلق ئىنقىلابىغا قاتناشقان ۋە ئىنقىلابنى ئاكتىپ قوللىغۇچىلارنىڭ بىرى بولغان. 1933 – يىلىنىڭ بېشىدا شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، شۇ يىلى 3 – ئاينىڭ 13 – كۈنى تۇرپان شەھىرىدە قەتلى قىلىنغان.
ۋەتەنپەرۋەرلىك ئابدۇخالىق ئۇيغۇر شېئىرلىرىنىڭ مەركىزىي تېمىسى. شائىر پۈتكۈل ئىجادىيىتىدە ئۆزىنىڭ تەقدىرىنى ۋەتەن، مىللەتنىڭ تەقدىرى بىلەن چەمبەرچەس باغلاپ، ۋەتەن، خەلقنى قىزغىن سۆيۈش ھېسسىياتىنى، ۋەتەننىڭ ئازادلىقى، خەلقنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۈرەش قىلىش ئىرادىسى بىلەن بىرلەشتۈرگەن
ئابدۇخالىق ئۇيغۇر شېئىرلىرىنىڭ تېما دائىرىسى كەڭ، مەزمۇنى چوڭقۇر، ئىجتىمائىي رىئاللىقنى چىن ۋە ھەقىقىي ئەكس ئەتتۈرگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ھەر بىر كونكېرىت مەسىلىدىكى مۇھەببەت – نەپرىتى ئېنىق. بۇ خىل ئالاھىدىلىك ئابدۇخالىق ئۇيغۇر شېئىرلىرىنى روشەن خەلقچىلىق روھىغا ئىگە قىلىپ، شېئىرلىرىنىڭ خەلق ئىچىگە كەڭ تارقىلىشى ۋە چوڭقۇر تەسىر پەيدا قىلىشىغا تۈرتكە بولغان. ئابدۇخالىق ئۇيغۇر شېئىرلىرى ئارقىلىق كەڭ خەلق روھىغا سىڭىپ كەتكەن ئىللەتلەرنى دادىللىق بىلەن ئېچىپ تاشلاپ، سەمىمىيلىك بىلەن قامچىلاپ، خەلقنى مەنىۋىي كىشەنلەر ئاسارىتىدىن قۇتۇلدۇرۇشقا تىرىشقان ئۇلۇغ مەرىپەتچى، زوراۋان ھۆكۈمرانلىققا قارشى قەتئىي ئىرادە بىلەن كۈرەش قىلغان ئوت يۈرەك يېتەكچى.
شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇر قىسقىغىنە 32 يىللىق ھاياتىدا گەرچە نۇرغۇن ئەسەر يازغان بولسىمۇ، ئۇلاردىن زامانىمىزغىچە ساقلىنىپ قالغانلىرى پەقەت 57 پارچە شېئىر، 26 رۇبائىيدىن ئىبارەت. بەزى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، شائىر يەنە ئۈچ پارچە ھېكايە يەزغان.
شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ شېئىرى ئەسەرلىرى 1920- يىللاردىكى ئۇيغۇر دېموكراتىك ئەدەبىياتىنىڭ بەدىئىي سەۋىيەسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ روشەن ئالاھىدىلىككە ئىگە، جەڭگىۋار شېئىرلىرى ئارقىلىق ئەينى دەۋردە دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىك ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتلەرنىڭ مەركىزى ئىدىيەسىنى ئىپادىلىگەن. يېڭى دەۋرگە خاس، ئاممىباپ ئۇسلۇپ ۋە خەلق ئاممىسىغا ياقىدىغان شېئىرى شەكىل يارىتىپ، ئەدەبىياتىمىزنىڭ لېيىنكى تەرەققىياتىغا پۇختا ئاساس سالغان.
ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، ئۇيغۇر ھازىرقى زامان شېئىرىيىتىنىڭ بايراقدارى ۋە ئاساسچىلىرى سۈپىتىدە ئەدەبىيات تارىخىمىزدا پەخىرلىك ئورۇنغا ئىگە.
ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ئۆز دەۋرىدىلا ئەمەس، بەلكى ھازىرمۇ ئۇيغۇر رېئالىزىم ئەدەبىياتىنىڭ ئەڭ ئاتاقلىق ۋەكىللىرىدىن بىرى. ئۇ زۇلۇمغا، ھۆكۈمرانلىققا قارشى باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلغان ئىنقىلابى، ۋەتەنپەرۋەر شائىر، ئازاتلىق، ئەركىنلىك، ۋە ئىلىم- مەرىپەتنىڭ يالقۇنلۇق كۈيچىسى. ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ئىجادىي ھاياتى گەرچە ئىنتايىن قىسقا بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئۆز دەۋرىدىكى داۋالغۇپ تۇرغان دەۋىرنىڭ زىددىيەتلىك خۇسۇسىيەتلىرىنى ئىپادىلەيدىغان، كۈچلۈك ئىسيانكارلىق روھ بىلەن تولغان ۋە روشەن مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە لېرىك شېئىرلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى بىلەن ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنى بىر- بىرىگە زىچ باغلاپ، بىر دەۋر ئەدەبىياتىنىڭ پارلاق نەمۇنىسىنى قالدۇرۇپ كەتتى.
ئويغان!
(1921-يىلى، تۇرپان)
ئەي، پېقىر ئۇيغۇر، ئويغان، ئۇيقۇڭ يېتەر،
سەندە مال يوق، ئەمدى كەتسە جان كېتەر.
بۇ ئۆلۈمدىن ئۆزۈڭنى قۇتقۇزمىساڭ،
ئاھ، سېنىڭ ھالىڭ خەتەر، ھالىڭ خەتەر.
قوپ! دېدىم، بېشىڭ كۆتۈر! ئۇيقۇڭنى ئاچ!
رەقىبىڭ بېشىنى كەس، قانىنى چاچ!
كۆز ئېچىپ ئەتراپقا ئوبدان باقمىساڭ،
ئۆلىسەن ئارماندا بىر كۈن يوق ئىلاج.
ھېلىمۇ جانسىزغا ئوخشايدۇ تېنىڭ،
شۇڭا يوقمۇ ئانچە ئۆلۈمدىن غېمىڭ؟
چاقىرسام قىمىرلىمايلا ياتىسەن،
ئويغانماي ئۆلمەكچىمۇ سەن شۇ پېتىڭ؟
كۆزۈڭنى يوغان ئېچىپ ئەتراپقا باق،
ئۆز ئىستىقبالىڭ ھەققىدە ئويلا ئۇزاق.
كەتسە قولدىن بۇ غەنىمەت، پۇرسىتى،
كېلەچەك ئىشىڭ چاتاق، ئىشىڭ چاتاق.
ئېچىنار كۆڭلۈم ساڭا، ئەي ئۇيغۇرۇم،
سەبدىشىم، قېرىندىشىم، بىر تۇغقىنىم.
كۆيۈنۈپ ھالىڭغا، ئويغاتسام سېنى،
ئاڭلىمايسەن، زادى نېمە بولغىنىڭ؟!
كېلىدۇ بىر كۈن پۇشايمان قىلىسەن،
تەكتىگە گەپنىڭ شۇ چاغدا يېتىسەن.
«خەپ» دېسەڭ شۇ چاغدا ئۈلگۈرمەي قالۇر،
شۇندا، ئۇيغۇر سۆزىگە تەن بېرىسەن.