Responsive Image

د ئۇ ق بىلەن خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسگە قارشى بىرلەشمە نامايىش ئۆتكۈزدى

د ئۇ ق بىلەن خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسگە قارشى بىرلەشمە نامايىش ئۆتكۈزدى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

د ئۇ ق بىلەن خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى 2022 – يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسگە قارشى بىرلەشمە نامايىش ئېلىپ باردى.

17 – مارت د ئۇ ق بىلەن خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ميۇنخېن شۆبىسى خىتاينىڭ ميۇنخېن شەھرىدىكى كونسۇلخانىسى ئالدىدا 2022 – يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قارشى بىرلەشمە نامايىش ئۆتكۈزدى ۋە بايقۇت قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. نامايىش مەيدانىدا خىتاينىڭ تۈرمىسىدە ۋە جازا لاگېرلىرىدا تۇتقۇندا ياشاۋاتقان يۈزلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ سۈرەتلىرى چۈشۈرۈلگەن لوزۇنكىلار، ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقلار لەپىلدىدى.

نامايىش مەيدانىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندىنىڭ بىلدۈرىشىچە، د ئۇ ق نىڭ تەشەببۇسى بىلەن يېقىندىن بۇيان 2022 – يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش چۇقانلىرى يالغۇز گېرمانىيەدىلا ئەمەس، ياۋروپانىڭ باشقا ئەللىرىدىمۇ بارغانسىرى كۈچۈيىپ بارماقتا ئىكەن.

گېرمان زىيالىيسى، د ئۇ ق نىڭ پروگرامما خادىمى ئېۋا شىتوكېر خانىم بۇ قېتىمقى نامايىش ھەققىدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، نۆۋەتتە بېيجىڭ ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىش مەسىلىسىگە نىسبتەن خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ سەلبىي پوزىتسىيەسىگە بولغان نارازىلىقلارنىڭ پۈتۈن گېرمانىيەدە كۈنسېرى كۈچىيىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈپ، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ سېپىگە قوشۇلغانلىقىنىڭ بىر ياخشى ئىلگىرىلەش بولغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۈگۈن خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بىلەن بىرلىكتە 2022 – يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش سەپەرۋەرلىكى قوزغىدى ۋە خىتاينىڭ ميۇنخېندىكى كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش ئېلىپ باردى. نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامالغانلىقى، تۈرمىلەرگە بەنت قىلىنغانلىقى، ئۇزۇن مۇددەتلىق قاماق جازالىرىغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقى، تۈرلۈك قېيىن – قىستاقلارغا ئۇچراۋاتقانلىقى، ئىز – دېرەكسىز غايىب بولۇۋاتقانلىقى ۋە بۇ جازالارنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ھېلىھەم داۋام قىلىۋاتقانلىقى بارغانسېرى كۆپ ياۋروپالىقلارنىڭ قوزغىلىپ، ئۇيغۇرلارغا ھېسسىداشلىق قىلىشتەك بىر ۋەزىيەتنىڭ يارىلىشىغا تۈرتكە بولماقتا. دۇنيادا كۈچلۈك سىياسىي تەسىرى بولغان خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ خىتايغا قارشى بۇ كۆرەشتە د ئۇ ق بىلەن بىر سەپتە تۇرۇشى مەنچە ياخشى بىر ئىلگىرىلەش ھېسابلىنىدۇ.»

د ئۇ ق نىڭ رەئىس ۋەكىلى، «شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى» نىڭ مۇئاۋىن رەئىس تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندى بۇ قېتىمقى نامايىش ھەققىدە توختالغاندا، نامايىشقا بىر بۆلۈك ئۇيغۇرلار ۋە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرىدىن سىرت، بەزى تىبەتلىكلەر ھەمدە خىتاي دېموكراتلىرىمۇ  قاتنىشىپ خىتايدەك ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىۋاتقان، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر دۆلەتنىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش سالاھىيىتى يوقلىقىنى ئىسپتلاشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى. نامايىش 2 سائەت داۋاملاشتى.