Responsive Image

د ئۇ ق ئوقۇغۇچىلار نامايىشىنىڭ 34 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلدى

د ئۇ ق ئوقۇغۇچىلار نامايىشىنىڭ 34 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلدى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

بۇندىن 34 يىل بۇرۇن ئۈرۈمچىدە مەيدانغا كەلگەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نامايىشىنى خىتاي ھۆكۈمىتى «15-ئىيۇن جېدەل چىقىرىش ۋەقەسى» دەپ ئاتىغانىدى. بۈگۈن «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى» ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ 1988-يىلى ئۈرۈمچىدە «مىللىي كەمسىتىشكە قارشى تۇرۇش» شوئارى ئاستىدا ئېلىپ بارغان نامايىشىغا دەل 34 يىل بولدى. بۇ نامايىش ئەينى ۋاقىتتا ئۈرۈمچى كوچىلىرىنى لەرزىگە سېلىپ، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنى قاتتىق چۆچۈتكەن ۋە تەسىرى پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارىغا تاالغان بىر نامايىش بولغانىدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن د ئۇ ق ئىنگلىز ۋە ئۇيغۇر تىللىرىدا بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان كەمسىتىش، بېسىم ۋە ئادالەتسىزلىك سىياسىتىنىڭ 34 يىل بۇرۇنمۇ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى، بۈگۈنكى كۈندە كەلگەندە خىتاينىڭ بۇ سىياسىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قا ئايلاندۇرغانلىقىنى تەكىتلىگەن. باياناتنىڭ ئاخىرىدا د ئۇ ق ئەينى چاغدىكى مىللىي ھەرىكەتكە باشلامچىلىق قىلغان ۋە قاتناشقان پىداكارلارغا چەكسىز ھۆرمىتىنى بىلدۈرىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

خىتاي ھاكىمىيىتى 1988-يىلى 6-ئاينىڭ 15-كۈنى يۈز بەرگەن بۇ نامايىشنى «جېدەل چىقىرىش ۋەقەسى» دەپ ئاتاپ، 3 ئاي سوراق-سوئاللار ئېلىپ بارغاندىن كېيىن بۇ قېتىمقى نامايىشنى تەشكىللىگەن دولقۇن ئەيسا ۋە ۋارىس ئابابەكرى قاتارلىقلارنى مەكتەپتىن قوغلىۋەتكەنىدى.

مەزكۇر ھەرىكەتنى قوزغىغان، ئەينى ۋاقىتتىكى «ستۇدېنتلار پەن-مەدەنىيەت ئۇيۇشمىسى» نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا 2017-يىلىدىن بۇيان د ئۇ ق نىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىمەكتە. ئۇ، 34 يىل بۇرۇن يۈز بەرگەن «مىللىي كەمسىتىشكە قارشى تۇرۇش» ھەرىكىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «بۇ 1985-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى يۈز بەرگەن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىدىن كېيىنكى ئەڭ چوڭ ۋەقە ھېسابلىنىدۇ. كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە 34 يىل بولۇپتۇ. ئەينى زامان بىلەن ھازىرقىنى سېلىشتۇرساق بۇ زۇلۇم، بۇ كەمسىتىش، بۇ ناھەقچىلىك، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ بېسىمى بۇنىڭدىن 34 يىل ئىلگىرىمۇ مەۋجۇت ئىدى. بۈگۈنكىدىن پەرقى نېمە دېسىڭىز؟ بىز ئۇ زاماندا ئوقۇغۇچىلار ھەق ۋە ھوقۇقىمىزنى تەلەپ قىلىپ كوچىلارغا چىقىپ نامايىش قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۈستەلگە ئېلىپ كەلگەنىدۇق. نامايىش چۈشتىن كېيىن سائەت ئىككىدە باشلانغانىدى. نامايىشتىن بۇرۇن بىز ئاتالمىش ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى بىلەن يۇمىلاق ئۈستەلدە ئولتۇرۇپ، ئۇلارغا مىللىي كەمسىتىش، ئادالەتسىزلىك، سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي مەسىلىلەر توغرىسىدىكى تەلەپلىرىمىزنى يەتكۈزگەنىدۇق. لېكىن بۈگۈن بۇ زۇلۇم ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق›قا ئايلاندى. بۈگۈن ئەينى ۋاقىتتىكىدەك كوچىلارغا چىقىپ نامايىش قىلىش ئارقىلىق ھەق تەلەپ قىلىشنى خىيال قىلغىلىمۇ بولمايدۇ».

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىگە قاتناشقان سەپداشلىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ بەزىلىرىنىڭ ھازىر چەتئەلدە دەۋانىڭ ئالدىنقى سېپىدە خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى، بەزىلىرىنىڭ تۈرمىدە ئىكەنلىكىنى، ۋارىس ئابابەكرىنىڭ بولسا 2019-يىلى 11-ئايدا خىتاينىڭ جازا لاگېرىدىن قويۇپ بېرىلىپ، شۇ يىلى 24-نويابىر كۈنى نامەلۇم كېسەللىك سەۋەبىدىن ئۈرۈمچىدە قازا قىلغانلىقى، ھاياتتىكىلەرگە سالامەتلىك ئالەمدىن ئۆتكەنلەرنىڭ ياتقان جايىنىڭ جەننەتتە بولۇشىنى تىلەيدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

1985-يىلىدىكى «12-دېكابىر ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى» ۋە 1988-يىلىدىكى ئاتالمىش «15-ئىيۇن جېدەل چىقىرىش ۋەقەسى» گە قاتناشقان ئامېرىكادىكى «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ كانادادىكى ۋەكىلى مۇكەررەم قۇربان خانىم بۈگۈن بۇ خۇسۇستا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، «بىز شۇ قېتىمقى نامايىش ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مىللىي كەمسىتىشكە قارشى ئىكەنلىكىمىزنى، مۇستەقىللىققا بولغان ئىنتىلىشىمىزنى، خىتاي مۇستەملىكىسىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىمىزدەك مىللىي روھىمىزنى جاكارلىغان ئىدۇق» دېگەنلەرنى بايان قىلدى.

1987-يىلى قۇرۇلغان «ستۇدېنتلار پەن-مەدەنىيەت ئۇيۇشمىسى» غا غۇلجىدا تۇرۇپ ئەزا بولغان، ھازىر گېرمانىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئابدۇشۈكۈر تاش ئەپەندى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، 15-ئىيۇندىكى نامايىشنىڭ ئۇيغۇر ياشلىرى ئارىسىدىكى مىللىي ئويغىنىش ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

«شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى» نىڭ 1988-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى چىقارغان 148-نومۇرلۇق قارارىدا دولقۇن ئەيسانىڭ بۇ قېتىمقى نامايىشنى تەشكىللەش جەريانى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلغان ۋە «شىنجاڭ داشۆنىڭ 15-ئىيۇن ۋەقەسىنى ئېنىقلاش گۇرۇپپىسى» نىڭ «دولقۇن ئەيسانىڭ ئوقۇش تەۋەلىكىنى بىكار قىلىش تەلىپى» گە بىنائەن ئۇنى مەكتەپتىن ھەيدەپ چىقارغانلىقى بايان قىلىنغان.