Responsive Image

د ئۇ ق قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ھەققىدە بايانات

د ئۇ ق قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ھەققىدە بايانات

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى زامانىدا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ يىتەكچى ئورگانلىرى ھېسابلانغان، «شەرقىي تۈركىستان (ئۇيغۇرىستان) مىللىي قۇرۇلتىيى» بىلەن «دۇنيا ئۇيغۇر ياشلىرى قۇرۇلتىيى»نىڭ بىرلىشىشى نەتىجىسىدە 2004-يىلى ئاپرىل گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھرىدە ۋۇجۇدقا كەلگەن ئىدى. 20 يىللىق بىر تارىخىي مۇساپىنى باشتىن كۆچۈرگەن د ئۇ ق نىڭ بۈگۈنكى كۈندە شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇجادىلىسىنىڭ ۋەكىللىك ئورگىنى سۈپىتىدە ئۆز خەلقىنىڭ ئىشەنچىسىگە ھەمدە ب د ت، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە غەرب ئەللىرى باشلىق نۇرغۇن دولەتلەرنىڭ ئىتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىشى، ئەلۋەتتە بىھېساب بەدەللەرنىڭ مەھسۇلىدۇر.

تەشكىلاتىمىز بۇ 20 يىلدا تالاي قېتىملىق ئېغىر داۋالغۇش ھەم سىياسىي كىرىزىسلەرگە، مۇرەككەپ خەلقارا ۋەزىيەتنىڭ تۈرلىك بېسىملىرىغا، خىتاي ۋە باشقا دۈشمەن كۈچلەرنىڭ توختاۋسىز ھۇجۇملىرى دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، قەتئىي تىز پۈكمەس ئىرادە بىلەن بارلىق توسالغۇلارنى يېڭىپ، كىچىكلىكتىن زورىيىپ، ئاجىزلىقتىن كۈچىيىپ، بۈگۈن ئۇ خەلقئارادا تونۇلغان نوپۇزلۇق بىر تەشكىلات ھالىغا كەلدى ھەمدە بۈگۈن دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ 20 يىللىقىنى كۈتۈۋەلىش ئالدىدا تۇرماقتا. 

بۈگۈن د ئۇ ق نىڭ قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن زور ھەسسىلەر قاتقان بەزى ۋەتەنپەرۋەر زاتلىرىمىز بىز بىلەن مەڭگۈلۈك ۋىدالاشتى. يەنە بەزىلىرى ئىككىنچى سەپكە چېكىلدى. مىللىي دەۋايىمىزغا ھەسسىلەر قېتىپ كەلگەن بۇ تەۋەرۈك ئۇستازلىرىمىزنىڭ ئەجرىگە تەشەككۈرلىرىمىزنى بىلدۈرۈش، پىداكار سەپداشلىرىمىز بىلەن كېلەچەك ھەققىدە پىكىرلىشىش،  جاسارەتلىك ئىزباسار ئەۋلادلىرىمىزغا مىللىي ئىرادىمىز ھەققىدە يەنە بىر قېتىم دەرس بېرىش ۋە شۇنداقلا د ئۇ ق نىڭ 20 يىللىق مۇساپىسىگە بىرگە قاراپ چىقىپ، تەجرىبە ساۋاقلارنى يەكۈنلەش مەخسىتىدە، د ئۇ ق نىڭ قۇرۇلۇشىدىن ھازىرغىچە خىزمەت قىلغان بارلىق رەھبەرلەر، ۋەكىللەر، قوللىغۇچىلىرى ۋە چەتئەلىك دوستلىرىمىزنىڭ ئىشتىراك قىلىشى  بىلەن، 2024-يىلى 5-ئاينىڭ 3-5-كۈنلىرى، ميۇنخېندا د ئۇ ق قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىنىڭ ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلدۇق.

بىز د ئۇ ق قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى خاتىرىلەشنى شۇ ۋەجىدىن مۇھىم بىلدۇقكى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈستىدىن يۈرگۈزىۋاتقان زۇلۇملىرى تەرەققىي قىلىپ ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلدى. مىللىتىمىز يوقىلىش گىرداۋىغا يۈزلەندى. خەلقئارا ۋەزىيەتتىكى سەلبىي ئۆزگۈرۈشلەر دەۋايىمىزغا ئېغىر خىرىس ۋە بېسىم پەيدا قىلدى. بۇنداق بىر زاماندا، خىتاي زۇلۇمىغا تىزراق خاتىمە بېرىش، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئەركىن-ئازاتلىقى ئۈچۈن يېڭى بىر يول خەرىتىسىنى سىزىپ چىقىش ھەمدە تېخىمۇ زور جاسارەت بىلەن كۆرەش قىلىشنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋىي ئېنىرگىيەسىنى يارىتىش، نۆۋەتتىكى كۆرىشىمىزنىڭ جىددىي ئىھتىياجىغا ئايلاندى. 

پائالىيىتىمىز خەيىرلەرگە ۋەسىلە بولغۇسى!

ھۆرمەت بىلەن: 

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 

2024-يىلى 1-ئاينىڭ 11-كۇنى