Responsive Image

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بەزى تالاش-تارتىشلارغا ئىزاھاتى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بەزى تالاش-تارتىشلارغا ئىزاھاتى

يېقىنقى ۋاقىتتىن بېرى، ئىجتىمائى تاراتقۇلاردا «ئىندىجىنىس پىپۇل» تېمىسىدا داۋام قىلىۋاتقان تالاش-تارتىشلار خەلقىمىز ئىچىدە بىر قىسىم كىشلىرىمىزنىڭ قايمۇقۇشىغا سەۋەپ بولىۋاتىدۇ. شۇ سەۋەپتىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۇ ھەقتە ئىزاھات بېرىشنى، ھەمدە قۇرۇلتىيىمىزنىڭ مەيدانى  ۋە پىرىنسىپلىرىنى خەلقىمىز بىلەن يەنە قېتىم ئورتاقلىشىشنى زۆرۈر دەپ قارىدۇق.

  1. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ھىچ قاچان ۋە ھېچ يەردە، ئۇيغۇرلارنى «ئىندىجىنىس پىپۇل» تىزىملىكىگە كىرگۈزۈپ قويغان بىر ئىش مەۋجۇت ئەمەس. بۇ تېما ئەزەلدىن قۇرۇلتىيىمىزنىڭ كۇن-تەرتىپىدە بولۇپ باقمىغان بولۇپ، بۈگۈنگە قەدەر بۇ مەسىلە ئۈستىدە بىرەر رەسمى مۇزاكىرىمۇ ئېلىپ بېرىلغىنىمۇ يوق.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئۇيغۇرلارنى شەرقىي تۈركىستاندا ئەلمىساقتىن تارتىپ ياشاپ كەلگەن، بۇ تۇپراقنىڭ ئەسلى يەرلىك ئاھالىسى ۋە قانۇنى ئىگىسى دەپ قارايدۇ. ئەمما بەزىلەر تەسۋىرلىگەندەك ئۇيغۇرلارنى «ئىندىجىنىس پىپۇل» دەپ قارىمايدۇ ۋە بۇ قاراشنى خاتا دەپ قارايدۇ.

  1. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئەجداتلىرىمىزنىڭ كۈرەش ئىرادىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۈزۈل – كېسىل مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئاخىرقى بۈيۈك نىشان قىلغان بىر تەشكىلاتتۇر. بۇ بىزنىڭ تەۋرەنمەس مەيدانىمىز ۋە ۋاز كېچىلمەس پىرىنسىپىمىز!
  2. نۆۋەتتە،خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا خەلقىمىزگە يۈرگۈزىۋاتقان ئېرقى قىرغىنچىلىقى داۋام قىلىۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە شەرقى تۈركىستان داۋاسىمۇ يېڭى بىر باسقۇچقا قەدەم قويدى. بۈگۈنكىدەك كۈندە، مۇھاجىرەتتىكى بارچە شەرقىي تۈركىستانلار ۋە تەشكىلاتلار ئۆز- ئارا ئىختىلاپ قىلىش ۋە بىر- بىرىگە قارشى تۇرۇش ئەمەس، بەلكىم، خىتايغا قارشى بىرلىشىشكە ھەرقانداق ۋاقىتتىلاردىكىنمۇ بەكراق ئېھتىياجلىق!

كۆز ئالدىمىزدا، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكقا قارشى ھەركەتلەرنى داۋام قىلدۇرۇش، لوندون ئۇيغۇر سوتىنىڭ «ئىرقى قىرغىنچىلىق» قارارىنى تۇتقا قىلىپ تۇرۇپ تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەردە ئوخشاش قارارنىڭ ئېلىنىشى قولغا كەلتۈرۈش، ئامېرىكىدا چىقىرىلغان «ئۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگەكنى چەكلەش قانۇنى»نىنىڭ ئەمىلى ئىجرا قىلىنىشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسۈتۈش ۋە باشقا دۆلەتلەردىمۇ شۇ خىلدىكى قارارنىڭ ئېلىنىشى ئۈچۈن يول مېڭىش، ئەنگلىيە، كانادا، گېرمانىيە، فرانسىيە ۋە ئارگېنتىنا سوتلىرىدىكى داۋارىمىزنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىشى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىش … قاتارلىق بىر- بىرىدىن مۇھىم، تەخىرسىز ئىشلار  دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە باشقا بارلىق شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى ۋە پائالىيەتچىلىرىمىزنىڭ جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتۈشىنى كۈتۈپ تۇرۇپتۇ. بۇنداق ئىكەن بىزنىڭ ئىچكى تالاش- تارتىشلارغا سەرپ قىلىدىغان ۋاقتىمىز بولماسلىقى كېرەك.

قۇرۇلتىيىمىز، بارچە تەشكىلاتلىرىمىزنى ۋە ۋەتەنپەرۋەر پائالىيەتچىلىرىمىزنى بۇ بۈيۈك، شەرەپلىك ئەمما جاپالىق كۈرەشتە بىر سەپ بولۇپ ئۇيۇشۇشقا، ئەمەلىي ئىش-خىزمەتلىرىمىز ئارقىلىق بىر-بىرىمىزنىڭ كەم يەرلىرىنى تولۇقلاشقا، ۋەتەن- مىللەت ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىۋاتقان تەشكىلات ۋە شەخسلىرىمىزگە زەربە بېرىش ئەمەس، بەلكىم قوللاش ۋە مەدەت بېرىشكە، مۇھاجىرەتتىكى ھەر بىر شەرقىي تۈركىستانلىقنىڭ ئۆز ئىمكانىيەتلىرى دائىرىسىدە ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسۈتۈپ داۋام قىلىۋاتقان ئۇيغۇر قىرغىنچلىقىنى توختۇتۇش جېڭىدە پىدائىيلاردىن بولۇشقا چاقىرىمىز.

شۇنى ئۇنۇتماسلىقىمىز كېرەككى، ۋەتەننىڭ مۇستەقىللىقى پۇختا تەييارلانغان پىلان-پروگرام ۋە مۇشۇ ئاساستا ئېلىپ بېرىلىدىغان ئەمەلىي ئىش- ھەرىكەت بىلەن قولغا كېلىدۇ.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى

2022- يىل، 17- يانۋار