Responsive Image

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قۇربان ھېيتلىق تەبرىكى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قۇربان ھېيتلىق تەبرىكى

 

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز يۇرتداشلار، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدا ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىق پۈتۈن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ، يەنە شۇنداقلا پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ قۇربان ھېيتىنى مۇبارەكلەيمىز ۋە ئەزىز خەلقىمىزگە جانابى ئاللاھتىن ئەركىنلىك، ھۆرلۈك، ئامانلىق، بەخت – سائادەت تىلەيمىز!

ئەزىز قېرىنداشلار، ھەر قېتىم پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنى شادلىققا چۆمدۈرگەن مانا مۇشۇنداق خاسىيەتلىك ھېيت-بايراملار يېتىپ كەلگىنىدە، ھەقىقىي بىر ئۈستى ئوچۇق تۈرمىگە ئايلانغان ۋەتىنىمىزدە خىتاي زۇلمى ئاستىدا ئازاب چېكىۋاتقان خەلقىمىز، خىتاينىڭ ۋەھشىي زىندانلىرىدا، جازا لاگېرلىرىدا جان تالىشىۋاتقان مىليونلىغان بىگۇناھ قېرىنداشلىرىمىز، خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدە قۇل ئورنىدا مەجبۇرى ئىشلىتىلىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىز، يەنە شۇنداقلا ۋەتەنسىزلىك دەردىدىن كۆرۈش ئىمكانىيىتىمىز بولمىغان ۋەتەندىكى ئاتا – ئانا، ئۇرۇق – تۇغقان ۋە دوست – يارەنلىرىمىز كۆز ئالدىمىزدا نامايان بولىدۇ ۋە بۇنىڭدىن چەكسىز ئازابلىنىمىز!

ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستان كوممۇنىست خىتاينىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچرىغاندىن بۇيان، ۋەتەن ئىچىدىكى خەلقىمىزنىڭ بىرەر كۈنىمۇ خاتىرجەملىك ۋە شادلىق ئىچىدە ئۆتۈپ باققىنى يوق، خەلقىمىزنىڭ ھەر بىر كۈنى قانلىق ياش تۆكۈش ۋە مۇسىبەت ئىچىدە ھەسرەتلىنىش بىلەن ئۆتتى. مۇھاجىرەتتىكى قېرىنداشلىرىمىزمۇ ۋەتەندىكى ئاتا-ئانا، ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-يارەنلىرى ۋە سۆيۈملۈك خەلقىنىڭ دەردى-پىراقىدا قايغۇرۇش، ھەسرەتلىنىش ۋە ئازابلىنىش تۇيغۇسى ئىچىدە بۈگۈنكىدەك ھېيت-بايراملارنى كۈتۈۋېلىشقا مەجبۇر بولۇپ كەلدى، بولۇپمۇ ھېيت كۈنلىرى ۋەتەندىكى ئاتا – ئانا ۋە ئۇرۇق – تۇققانلىرىمىزدىن تېلىفون ئارقىلىق بولسىمۇ ھال – ئەھۋال سوراپ ئۇلارنىڭ ھېيتىنى مۇبارەكلەشتىن مەھرۇم قالدۇرۇلىشىمىز بىز مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى چەكسىز ئازابقا سالىدۇ ۋە بىزنى بۇ ئېچىنىشلىق كۈنلەرگە سالغان زالىم خىتاي ھاكىمىيىتىگە بولغان غەزەپ – نەپرىتىمىز ھەسسىلەپ ئاشىدۇ!

بۈگۈن بىز شەرقىي تۈركىستانلىقلار تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن زور ئىرقىي يوقىتىشقا دۇچ كېلىۋاتقان بىر خەتەرلىك ۋەزىيەتتە تۇرۇپتىمىز، مۇستەبىت خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ خەلقىمىزگە قاراتقان فاشىستىك قىلمىشلىرى بۈگۈن پۈتۈن  خەلقئارا جامائەتچىلىكىنى ئويغاتتى، دۇنيا مەدەنىيىتىگە شانلىق تۆھپىلەرنى قوشقان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بىر پۈتۈن مىللەت سۈپىتىدە يوقۇلۇپ كېتىشىگە تاقەت قىلىپ تۇرالمىغان خەلقئارا جامائەتچىلىك مۇستەبىت خىتاي ھاكىمىيىتىدىن بۇنىڭ ھېسابىنى سوراش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە باشلىدى، فاشىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق بۈگۈنگە قەدەر 7 دۆلەت تەرىپىدىن رەسىم يوسۇندا قوبۇل قىلىندى، ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ب د ت نىڭ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ،  G7دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ، شۇنداقلا ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ھۆكۈمەت ۋە پارلامېنتلىرىنىڭ مۇھىم كۈنتەرتىپلىرىگە ئايلاندى، خەلقئارا ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسىنىڭ تۇنجى قېتىملىق سوتى بۇيىل 6 – ئايدا لوندوندا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈپ مۇستەبىت خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ خەلقىمىز ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان جىنايى قىلمىشلىرى يەنە بىر قېتىم مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى، خەلقئارا جامائەتچىلىكىمۇ خىتاينىڭ خەلقىمىز ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان جىنايى قىلمىشلىرىنى توسۇپ قېلىش ئۈچۈن جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە باشلىدى، مانا مۇشۇنداق ھالقىلىق بىر پەيتتە، بارلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقى چوقۇم قايغۇنى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، خىتايغا قارشى بىرلىكسەپنى مۇستەھكەملەپ، شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنى كۈچەيتىش يولىدا يۈكسەك جاسارەت ۋە پىداكارلىق روھى بىلەن مىللەت سۈپىتىدە جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتۈشىمىز تولىمۇ زۆرۈردۇر!

ئەگەر بىز ئىنسانىي ھەق – ھوقۇقلىرىمىزنى، قەدىر – قىممەتلىرىمىزنى، مىللىي ۋە دىنىي مەۋجۇتلۇقىمىزنى قوغداپ قالىمىز ۋە دۇنيا مۇسۇلمانلىرىغا ئوخشاش ئەركىن ۋە ئازاد ھالدا ھېيتىمىزنى قۇتلۇقلايمىز دەيدىكەنمىز، ئۇ ھالدا چوقۇم خەلقىمىزگە كېلىۋاتقان پۈتۈن زۇلۇم ۋە بالايى – ئاپەتلەرنىڭ تۈپ مەنبەيى ھېسابلانغان خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ مۇستەملىكىسىدىن ۋە بويۇنتۇرۇقىدىن ئۈزۈل-كېسىل قۇتۇلۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشىمىز ۋە بۇ شەرەپلىك يولدا پۈتۈن پىداكارلىقىمىزنى كۆرسىتىشىمىز لازىم، مانا بۇ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ بىردىن – بىر چىقىش يولىدىن ئىبارەت!

ئاخىرىدا، ئەزىز قېرىنداشلىرىمىزنىڭ مۇبارەك قۇربان ھېيتىنى قايتا تەبرىكلەيمىز ۋە سىزلەرگە ئاللاھتىن سالامەتلىك ۋە بەخت تىلەيمىز!

ھۆرمەت بىلەن : دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى