Responsive Image

ئىقتىدارلىق مۇدىر دىلمۇرات ئابدۇرېھىمنىڭ بىر يىلدىن بۇيان غۇلجا شەھەرلىك قاماقخانىدا سەۋەبسىز تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى

ئىقتىدارلىق مۇدىر دىلمۇرات ئابدۇرېھىمنىڭ بىر يىلدىن بۇيان غۇلجا شەھەرلىك قاماقخانىدا سەۋەبسىز تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

مەلۇم بولۇشىچە، 30 يىللىق مائارىپچىلىق ھاياتىدا غۇلجا شەھەرلىك 3-، 8- ۋە 9-ئوتتۇرا مەكتەپلەردە مۇدىر بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن ئىقتىدارلىق مائارىپچى دىلمۇرات ئابدۇرېھىم، بۇلتۇر روزا ھېيتتىن ئېتىبارەن ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان. مۇخبىرىمىزنىڭ غۇلجا شەھىرىدىكى مائارىپ تارماقلىرىغا قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا، دىلمۇرات ئابدۇرېھىمنىڭ نۆۋەتتە غۇلجا شەھەرلىك قاماقخانىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى.

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، غۇلجا ۋەزىيىتىدىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرى يېقىندا رادىيومىزغا ئۇچۇر يوللاپ، غۇلجا شەھەر 9-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇدىرى دىلمۇرات ئابدۇرېھىمنىڭ بۇلتۇر يىل ئوتتۇرىدىن باشلاپ ئىز-دېرىكى غايىب بولغانلىقىنى ئىنكاس قىلدى. ئىنكاستا دېيىلىشىچە، دىلمۇراتنىڭ غۇلجا شەھەر دۆڭمەھەللىدە ئولتۇرۇشلۇق ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ئۇنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە دوست ۋە قولۇم-قوشنىلىرىغا ھېچقانداق مەلۇمات بەرمىگەن. بۇنىڭغا ئاساسەن كىشىلەر، دىلمۇراتنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ۋە ئائىلىسىنىڭ ئەھۋالنى جەمئىيەتكە ئاشكارىلىماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇلغانلىقىنى تەخمىن قىلىشقان.

بىز دىلمۇراتنىڭ ئەھۋالىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئىلى ئوبلاستلىق مائارىپ ئىدارىسىغا تېلېفون قىلدۇق. تېلېفوىنىمىزنى قوبۇل قىلغان خادىم، دىلمۇرات ئابدۇرېھىمنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە ئۆزىنىڭ ئېنىق مەلۇماتى يوقلۇقىنى ئېيتتى، ئەمما ئۇنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنى رەت قىلمىدى.

ئىنكاس قىلىنىشىچە، دىلمۇرات ئابدۇرېھىم 1990-يىلى شىنجاڭ ئونىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ فاكۇلتىتىنى پۈتتۈرگەن بولۇپ، ئۇ ئاۋۋال غۇلجا شەھەرلىك 7-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بولغان، ئۇنىڭدىن كېيىن شەھەرلىك 3-، 8- ۋە 9-ئوتتۇرا مەكتەپلەردە مۇدىر بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان 3-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ نۆۋەتچى خادىمى، دىلمۇرات ئابدۇرېھىمنىڭ ئىلگىرى بۇ مەكتەپتە ئىشلىگەنلىكى، ئەمما خېلى يىللار بۇرۇن باشقا مەكتەپكە يۆتكىلىپ كەتكەنلىكىنى بايان قىلدى. بۇ خادىم دىلمۇراتنىڭ نۆۋەتتە تۇتقۇندا ئىكەنلىكىدىن خەۋىرى بارلىقىنى ئېيتتى. ئەمما تۇتۇلۇش سەۋەبى ۋە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئورنى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى.

مەلۇم بولۇشىچە دىلمۇرات غۇلجا شەھەرلىك 8-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئەڭ ئۇزۇن خىزمەت قىلغان ۋە بۇ مەكتەپتە مۇدىر چېغىدا قوشۇمچە شەھەرلىك مائارىپ ئىادرىسىدىمۇ خىزمەت قىلغان ئىكەن. بىز 8-ئوتتۇرا مەكتەپكە تېلېفون قىلدۇق. 8-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ بىر نۆۋەتچى خادىمى دەسلەپتە دىلمۇراتنىڭ 9-ئوتتۇرا مەكتەپكە يۈتكىلىپ كەتكەنلىكىنى بايان قىلىپ، ئۇنىڭ ئاقىۋىتىدىن خەۋىرى يوقلۇقىنى ئېيتتى. ئارقىدىن ئالاقىدار مەسئۇل خادىمدىن مەلۇمات سورىغاندىن كېيىن، دىلمۇراتنىڭ غۇلجا شەھەرلىك قاماقخانىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

بىز ئۇنىڭدىن دىلمۇراتنىڭ قاچان تۇتۇلغانلىقىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ دىلمۇرات تۇتۇلغان ئورۇننىڭ 9-ئوتتۇرا مەكتەپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى مەزكۇر مەكتەپتىن ئىگىلىشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى. بىز ئۇنىڭدىن دىلمۇراتنىڭ نېمە سەۋەبتىن تۇتۇلغانلىقىنى سورىغىنىمىزدىمۇ ئۇنىڭ 9-ئوتتۇرا مەكتەپتە تۇتۇلغانلىقىنى تەكىتلەپ، بۇ ھەقتە ئۆزىنىڭ مەلۇماتى يوقلۇقىنى ئېيتتى.

9‏-ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۇرغان تېلېفونلىرىمىز باغلانمىغاندىن كېيىن، 8-ئوتتۇرا مەكتەپكە قايتا تېلېفون قىلىپ، دىلمۇرات تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان ئورۇننىڭ قاماقخانا ياكى لاگېر ئىكەنلىكىنى سۈرۈشتە قىلدۇق. مەسئۇل خادىم بۇنىڭ «دۆلەت مەخپىيەتلىكى» ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، جاۋاپ بېرىشنى قەتئىي ھالدا رەت قىلدى.

ئىنكاس قىلىنىشىچە، دىلمۇرات ئابدۇرېھىم 1968-يىلى غۇلجا شەھەر دۆڭمەھەللىدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان. 30 يىللىق مائارىپچىلىق ھاياتىدا 4 ئوتتۇرا مەكتەپتە خىزمەت قىلىپ، بۇنىڭ ئۈچىدە مۇدىر بولغان. ئۇ ئۆتكەن يىلى روزا ھېيتنىڭ ئىككىنچى كۈنى ئۆيىدىن سىرتقا چىقىپ كەتكەن پېتى قايتىپ كەلمىگەن.