Responsive Image

قازاقىستانلىق دىپلوماتنىڭ جازا لاگېرلىرى ھەققىدىكى بىلدۈرۈشى غۇلغۇلا قوزغىماقتا

قازاقىستانلىق دىپلوماتنىڭ جازا لاگېرلىرى ھەققىدىكى بىلدۈرۈشى غۇلغۇلا قوزغىماقتا

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرلىرىدا قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان، پاكىستان، ھىندىستان قاتارلىق 12 دۆلەت دىپلوماتلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاتالمىش «تەربىيەلەش لاگېرلىرى» نى زىيارەت قىلىشى ھەم شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك قىلغان بىلدۈرۈشلىرى مۇتەخەسسىسلەر ۋە جامائەتچىلىك ئارىسىدا كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى. بولۇپمۇ جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى ئۈزلۈكسىز ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ كېلىۋاتقان قازاقىستاندا بۇ مەسىلىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈنمەكتە. بۇنىڭغا قازاقىستاننىڭ خىتايدىكى ئەلچىسىنىڭ مەسلىھەتچىسى ماناربېك قابازىيېفنىڭ رەسمىي بىلدۈرۈشى سەۋەب بولغان.

«ئازادلىق» رادىيوسىدا ئېلان قىلىنغان «قازاقىستان ئەلچىلىكىنىڭ ۋەكىلى: خىتاي لاگېرىدىكى ئەھۋال ياخشى» دەپ ئاتالغان ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، قازاقىستاننىڭ خىتايدىكى ئەلچىسىنىڭ مەسلىھەتچىسى ئۈرۈمچى، قەشقەر ۋە خوتەن قاتارلىق شەھەرلەردىكى تەربىيەلەش لاگېرلىرىنى زىيارەت قىلىپ، مۇنداق دېگەن: «خىتاي ئۇلارغا ياخشى شارائىت ياراتقان. دېمەك، خىتاي رەھبەرلىرى ئۆز پۇقرالىرىنىڭ غېمىنى ئويلىدى، دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. مېنىڭ ئويۇمچە، خىتايدىكى مەركىزىي ھۆكۈمەت ۋە شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ رەھبەرلىرى ئۆز پۇقرالىرىغا يېڭى كەسىپ ئىگىلەشكە مۇمكىنچىلىك تۇغدۇرۇۋاتىدۇ.»

ماقالىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە زىيارەتتە بولۇپ قايتقان دىپلوماتلار تەركىبىدە غەرب دۆلەتلىرى ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلار ۋەكىللىرى بولمىغان. ماقالىدا «كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش» تەشكىلاتىنىڭ بۇ سەپەرگە بولغان مەۋقەسى كۆرسىتىلگەن بولۇپ، بۇ تەشكىلات دىپلوماتلارنىڭ بۇ سەپەر توغرىلىق پىكىرلىرىنى ئاساسسىز دەپ ھېسابلىغان.

قازاقىستان ۋەكىلىنىڭ لاگېرلارغا بەرگەن باھاسىغا ئىنكاس سۈپىتىدە قازاقىستاننىڭ مۇستەقىل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن بىرى بولغان «قازاق ئۈنى» تورىدا قازىبېك ئەيسانىڭ «خىتايدىكى ئاخىرقى قازاق ئەلگە كەلگۈچە ئىش توختىماسلىقى كېرەك» ناملىق ماقالىسى ئېلان قىلىنغان ئىدى. قازىبېك ئەيسا مۇنداق دەپ يازغان: «دوزاقنى جەننەت قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۆزىمىزنىڭ قازاق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ياردەملىشىپ يۈرگىنى سۈڭەككە تامغا سالىدۇ. سىياسىي لاگېرلار مەسلىھەتچىگە ئاجايىپ بولسا، ئۆزى بېرىپ، بىر جاپاكەش قازاقنىڭ ئورنىغا ئالمىشىپ، ئورۇنلاشسۇن شۇ چاغدا. . . بۇ كۆز بويامچىلىققا ئەلنىڭ كۆزىنى يەتكۈزۈپ، ئۇنى ئاشكارىلاش ئۈچۈن ئېلىمىزدە خىتايدىكى قازاقلار مەسىلىسى بىلەن شۇغۇللىنىپ يۈرگەن يەنە باشقىمۇ جەمئىيەتلىك تەشكىلاتلار ۋە ئەربابلار بىرلىشىپ، بىلدۈرۈش ئېلان قىلىشى كېرەك.»

قازاقىستاننىڭ خىتايدىكى ئەلچىخانىسى ۋەكىلىنىڭ قىلغان بىلدۈرۈشى مۇناسىۋىتى بىلەن بىز ئالمۇتا شەھىرىدە ياشاۋاتقان بىر قاتار مۇتەخەسسىسلەرگە مۇراجىئەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتىكى پىكرىنى ئېلىشقا تىرىشتۇق.

تونۇلغان سىياسەتشۇناس دوس كۆشىمنىڭ پىكرىچە، خىتاي دائىرىلىرى بىر قىسىم دۆلەتلەرننىڭ خىتايدىكى دىپلوماتلىرىنى «كەسپىي ماھارەت تەلىم-تەربىيە مەركەزلىرى» دەپ ئاتىۋالغان جازا لاگېرلىرىنى زىيارەت قىلدۇرۇش بىلەن ئۇلاردا مەزكۇر لاگېرلار ھەققىدە ياخشى ئىنكاسلار ھاسىل قىلىشقا ئۇرۇنغان ئىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «دىپلومات ئادەملەرنى ياخشى بىلىسىلەر. ئۇلار دائىم ئوچۇق ئېيتمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار بىزنىڭ كۆرگىنىمىز شۇ دەپ ئېيتتى. ئۇلارغا ئويۇن كۆرسىتىلدى. بۇنى ھەممە بىلىپ تۇرىدۇ. لاگېرلارنى ئالدىن-ئالا ياساپ تەييارلىغان. ئۇ يەرگە بارغان دىپلوماتلار ئەينى ئەھۋالنى كۆرمىگەنلىكتىن شۇنداق قارارغا كەلگەن. ئەگەر ئۇلارنىڭ ئورنىدا خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى ھەم ژۇرنالىستلار بولغان بولسا، ئۇلار باشقىچە پىكىر ئېيتقان بولار ئىدى. قازاقىستاندا ئۆتكەن يىلنىڭ باھار پەسلىدىن تارتىپ كۈزگىچە لاگېرلار مەسىلىسى بويىچە ياخشى ئىشلار ئېلىپ بېرىلدى. بۇ مەسىلىنى قازاقىستان ئىچىدە ھەم خەلقئارا دائىرىدە مەلۇم قىلىشتا كۆپ ئىشلار قىلىنىپ، ئۇ خەلقئارا مەسىلىگە ئايلاندى دەپ ئويلايمەن. ئىلگىرى بۇ مەسىلىگە كۆپىنچە ئۇيغۇرلار ئارىلىشىپ كەلگەن بولسا، كېيىنرەك خىتاي سىياسىتى تېخىمۇ قاتتىقلاشقاندىن كېيىن ئۇنىڭغا باشقىمۇ مىللەتلەر ئارىلاشتى. ھازىر قىرغىزلار بۇ مەسىلىنى قاتتىق كۆتۈرۈۋاتىدۇ. مېنىڭ ئويۇمچە، بۇ مەسىلە داۋاملىق كۆتۈرۈلۈشى كېرەك.»

سىياسەتشۇناس جاسارال قۇۋانىشالىن خىتاينىڭ بۇ قېتىم بەزى دۆلەتلەر ۋەكىللىرىگە كۆرسەتكەن لاگېرلىرىنىڭ ياسالما ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «خىتايلار ئالدىن-ئالا تەييارلانغان لاگېرلارغا ئادەملەرنى ئېلىپ بېرىپ، ‹ھەممىنى ياخشى دەيسىلەر› دەپ قورقۇتقان. ئۇلار قازاقىستاندا ۋە خەلقئارادا تارقىلىۋاتقان لاگېرلار توغرىلىق ھەقىقەتنى بۇرمىلاپ، يالغان پاكىتلارنى ئىسپاتلاشقا تىرىشىۋاتىدۇ. بۇ خىتاينىڭ بەلگىلىك سىياسىتى. ئەلۋەتتە، بۇ ئەھۋالدىن خەۋىرى بار ئادەملەر بۇنىڭغا ئىشەنمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك تۈرلۈك ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىش كېرەك، خەتلەر يېزىلىشى كېرەك. بولۇپمۇ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش تەشكىلاتلىرى ئاساسەن ئامېرىكا ۋە ياۋروپادا بولغانلىقتىن، شۇلارغا مەلۇم قىلىشقا كۆپ كۈچ چىقىرىش كېرەك. خىتاينىڭ ھېلە-نەيرەڭلىك بىلەن قىلغان ئىشلىرىغا قارىماي، بۇ ھەرىكەتنى توختاتماسلىق لازىم. ئەلۋەتتە مۇنداق ئوچۇق ھەرىكەتلەرنى قىلىش بىزنىڭ ئېلىمىزدە چەكلەنگەن. بۇنىمۇ چۈشىنىش كېرەك. ئەگەردە پۈتكۈل مۇسۇلمان دۇنياسى بىرلىشىپ، بۇ زۇلۇمغا قارشى ھەرىكەت قىلسا، ياخشى بولاتتى. بىراق ھازىرچە مۇنداق بولمايۋاتىدۇ.»

رۇسىيە تېببىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ مۇتەخەسسىسى ئالىمجان ھەمرايېف ئۇيغۇر ئېلىدىكى جازا لاگېرلىرىغا مۇناسىۋەتلىك دىپلوماتلارنىڭ قىلغان بىلدۈرۈشىرىگە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «بىرىنچىدىن، بۇ يەردە ئىچكى ئىشلارغا ئارىلاشماسلىق پرىنسىپى بار. بىزنىڭ دىپلومات شۇنىڭغا ئەمەل قىلغان بولسا كېرەك دەپ ئويلايمەن. ئىككىنچىدىن، ئۇ ياقتىكى ئەھۋالنى تولىمۇ پەردازلاپ كەتكىنىنى مەن بايقىمىدىم. بۇ يەردە دىپلوماتلىق تىل بىلەن ئېيتىلغان پىكىرلەرنى ئوقۇدۇم. بىزنىڭ دۆلىتىمىز ياش دۆلەت. بۇ يەردە ئىچكى ئىشلارغا ئارىلاشماسلىق پرىنسىپىنىڭ ئىككىنچى تەرىپى بار. يەنە بىر تەرەپتىن، مەلۇم بىر دۆلەت دىپلوماتلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە كىرىشىنىڭ ئۆزى ئەۋرىشىم، ئىنچىكە بىر مەسىلە.»

ئىگىلىشىمىزچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى جازا لاگېرلىرىنى زىيارەت قىلىشقا قاتناشقان دۆلەتلەردىن رۇسىيە، قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان، پاكىستان ۋە ھىندىستان 1996-يىلى قۇرۇلۇشقا باشلىغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرىدۇر. جازا لاگېرلىرىنى زىيارەت قىلغانلار ئىچىدە ھىندونېزىيە ۋە مالايسىيا دىپلوماتلىرىمۇ بار بولۇپ، بۇ مەملىكەتلەردە ئۇيغۇرلارنى قوللاش بويىچە زور نامايىشلار ئېلىپ بېرىلغان ئىدى.