Responsive Image

قىرغىنچىلىققا بولغان سۈكۈتلەر: راھەتسىزلىك بىلەن تېڭىرقاش ئارىسىدا

قىرغىنچىلىققا بولغان سۈكۈتلەر: راھەتسىزلىك بىلەن تېڭىرقاش ئارىسىدانۇرى تۈركەل ئەپەندىنىڭ 2022-يىلى 21-ئىيۇندىن باشلاپ رەسمىي ھالدا ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ 2022-2023-يىللىق رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدىغانلىقى ئېلان قىلىندى.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە بىر قىسىم غەرب پارلامېنتلىرى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدە رەسمىي قارار ئالغاندىن بۇيان، بۇ ھەقتە بىر قاتار ئەمەلىي ھەركەتلەر ئوتتۇرىغا چىقتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي، ئىقتىساد ۋە دىپلوماتىيە ساھەسىدىكى ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزلىرىنىڭ بۇنىڭغا قارشى پائالىيەتلىرىنى يۈكسەلدۈرۈشكە باشلىدى. نەتىجىدە بۇنىڭ ئەڭ قاباھەتلىك ئاقىۋىتىنىڭ بىرى سۈپىتىدە دۇنيا مىقياسىدا بىر مەھەل داغدۇغا قوزغىغان ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى شاۋقۇن-سۈرەنلەر تەدرىجى پەسكويغا چۈشۈشكە يۈزلەندى. بولۇپمۇ «ئامېرىكا ئويدۇرۇپ چىقارغان سۈيىقەستلەر» ھەققىدىكى سەپسەتىلىك نەزەرىيەلەر تەكرارلىنىۋېرىپ بەزى رايونلاردا بۇ خىل قاراشلارنىڭ ئوبدانلا بازىرىمۇ چىقىشقا ئۈلگۈردى. ئەنە شۇ خىل رېئاللىقنى كۆزدە تۇتقان ھالدا غەرب دۇنياسىدىكى ئوقۇرمەنلىرى بىر قەدەر كۆپ بولغان «تاشقىي سىياسەت» ژۇرنىلى يېقىندا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى غەرب دۇنياسىغا ئاڭلىتىشتا سەمەرىلىك ئەمگەكلەرنى ۋۇجۇتقا چىقارغان شەخسلەرنىڭ بىرى، ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى كومىتېتىنىڭ رەئىسى نۇرى تۈركەل بىلەن مەخسۇس سۆھبەتتە بولدى.

دەۋرىي ھالدا داۋام قىلىۋاتقان زۇلۇملار

ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدە سۆز بولغاندا نۇرى تۈركەل يىللاردىن بۇيان تەكىتلەپ كېلىۋاتقان بىر نۇقتا ئۆزى تۇغۇلغان لاگېرنىڭ ئارىدىن يېرىم ئەسىر ئۆتكەندە ئۇيغۇر دىيارىدا قايتىدىن سىستېمىلاشقان ھالدا ئوتتۇرىغا چىقىشى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. بولۇپمۇ خىتايدىكى «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» دەۋرىدە ھەممىلا يەرنى بىر ئالغان تۈرمە ۋە لاگېرلار ئۇيغۇر جەئمىيىتىنىڭ مىللىي خاتىرىسىدە كۆپلىگەن قاباھەتلىك سەھىپىلەرنى قالدۇرغان. ھالبۇكى، ئەينى ۋاقىتتا بۇ خىلدىكى تۈرمە ۋە لاگېرلار پۈتكۈل خىتاي تەۋەسىدە ئەۋج ئالغان بولسا، ئارىدىن 50 يىل ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلار مەلۇم تىل تۈركۈمىگە ۋە دىنىي كىملىككە تەۋە بولغان كىشىلەرنى نىشان قىلغان. مۇنداقچە ئېيتقاندا، بۇنىڭدا خىتايلار پۈتۈنلەي چەتتە قالدۇرۇلغان.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركي تىللىق خەلقلەرنى لاگېرغا قاماشتىكى بىر مۇھىم باھانىسى بۇ كىشىلەرنى «تېرورلۇق»قا چېتىش بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئېيتىۋاتقان تېرورلۇق بىلەن خەلقئارادا ئورتاق ئېتىراپ قىلىنغان تېرورلۇق ئوتتۇرىسىدا زور پەرق مەۋجۇت. چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتى ئېيتىۋاتقان «تېرورلۇق» قىلمىشلىرى ساقال قويۇش، دىنىي ئېتىقادتا بولۇش، چەت ئەل بىلەن ئالاقىدە بولۇش، دىنىي كىتاپلارنى ئوقۇش، ھاراق-تاماكىدىن قول ئۈزۈش دېگەندەك ئىشلار بولۇپ، مۇشۇ خىل ھادىسىلەرگە باغلىنىپ لاگېرلارغا قامالغان كىشىلەرنىڭ سانى ئاز دېگەندىمۇ بىر مىليوندىن ئۈچ مىليونغىچە، دەپ تەخمىن قىلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم. تېخىمۇ قورقۇنچلۇق بولغىنى خىتاينىڭ «تېرورلۇق» تەبىرى بويىچە تۇتقۇن قىلىنغان بۇ كىشىلەر لاگېرغا قامالغاندىن كېيىن «تەربىيە ۋە ئۆزگەرتىش» ئۈچۈن تىل بىلەن ئۆتۈلىدىغان دەرسكە ئەمەس، ئەكسىچە ئاڭلىغۇچىنىڭ تېنى شۈركىنىدىغان روھىي ۋە جىسمانىي قىيناقلارغا دۇچ كەلگەن، پەرزەنتلىك بولالماس قىلىۋېتىلگەن، كېيىنچە بولسا توپ-توپى بىلەن مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنغان. بۇنىڭ بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قىلىۋاتقانلىرى ئەمەلىيەتتە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئوتتۇرىغا چىققان «يەھۇدىي زور قىرغىنچىلىقى»نىڭ تەكرارلىنىشى ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشقان.

زىيارەت جەريانىدا ئالاھىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى 21-ئەسىردە ئاشكارا بولۇۋاتقاندا بۇنىڭدىن 70 يىلچە بۇرۇن «ئەمدى قايتىلانمايدۇ!» دەپ ۋەدە بەرگەن دۇنيانىڭ بۇ مەسىلىنى توسۇپ قېلىشقا ئاجىز كېلىشى، شۇنىڭدەك كۆپ خىل ھادىسىلەردە ئەكس ئەتكەندەك ئۇلارنىڭ بۇنى توسۇپ قېلىشنى خالىمايۋاتقانلىقى بولدى. بولۇپمۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينى بۇ مەسىلىدە قىرغىنچىلىق بويىچە ئەيىبلىگەندە ئۇنىڭ ھەرقاچان يالغۇز كېلىپ قېلىشى، يەنە كېلىپ ئىقتىسادىي جەھەتتە خىتاينىڭ كونتروللۇقىغا چۈشۈپ بولغان مۇسۇلمانلار دۇنياسىنىڭ سۈكۈتنى تاللىشى، ھەتتا بىر قىسىم ئىسلام ئەللىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە ماسلىشىپ ئۆز تەۋەلىكىدە ئوقۇش ياكى خىزمەت بىلەن تۇرىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشى بارلىققا كەلگەن. جەنۇبىي ئافرىقىدىكى ئاپارتتايد (ئىرقىي ئايرىمچىلىق) سىستېمىسىغا، ئافرىقادىكى ئاچارچىلىققا ياكى قارا تەنلىكلەرنىڭ كەمسىتىلىشىگە قارشى ھارماي كۈرەش قىلغان دۇنيا ئۇيغۇرلار مىڭلاپ قىرىلىۋاتقاندا «زۇۋان سۈرمەس» بولۇۋالغان. «تاشقىي سىياسەت» ژۇرنىلىنىڭ بۇ ھەقتىكى زىيارىتى جەريانىدا نۇرى تۈركەل بۇ خىل «سۈكۈت» ھەققىدە توختىلىپ: «مەن بۇنىڭدا دۇنيانىڭ قىزغىنلىق بىلەن ئىش باشلىغانلىقىنى، شۇنداقلا بۇنىڭغا بىر تۈرلۈك جىددىي مەسىلە قاتارىدا مۇئامىلە قىلغانلىقىنى كۆرمىدىم» دەيدۇ. ئۇ بۇ خىل نەتىجىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە ئۈچ خىل ئاساسلىق ئامىلنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى تەكىتلەيدۇ. بىرى، قارشى تۇرۇش ئوبېكتىنىڭ قولى بەكلا ئۇزۇن بولۇپ «قارشى تۇرسا سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ساھەلەردە خاتالىق كېلىپ چىقىدىغان» ۋەزىيەتتە؛ ئىككىنچىسى، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدە سۆز قىلغۇدەك ھوللىۋودنىڭ چولپانلىرى ياكى تەنتەربىيە ساھەسىنىڭ دۇنياغا تونۇلغان چولپانلىرى ئوتتۇرىغا چىقمىغان؛ ئۈچىنچىسى، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇسۇلمان بولۇشىنى غەرپتىكى بەزى كىشىلەر قېلىپلىشىپ قالغان ئەنئەنىۋى قاراشلىرى تۈپەيلىدىن دەماللىققا تېرورلۇققا باغلاپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «تېرورلۇققا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقانلىقى»غا مايىل بولغان. رادىيومىزنىڭ بۇ ھەقتىكى زىيارىتى جەريانىدا نۇرى تۈركەل بۇ ھەقتە مەخسۇس توختىلىپ ئۆتتى.

«خىتاينىڭ ۋەھشىلىكىنى ئېتىراپ قىلىش راھەتسىزلىك ياكى تېڭىرقاشقا سەۋەب بولالمايدۇ!»

خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئىزچىل داۋام قىلدۇرىۋاتقان ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى دادىللىق بىلەن ئېتىراپ قىلىشى بىرەر تەرەپنى بىئاراملىققا ياكى ئېسەنكىرىتىپ قويۇشقا ئاپارمايدىغانلىقى ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى كۈندە كۆرۈپ چىقىدىغان «تۆپىلىك» (The Hill) گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان نۇرى تۈركەلنىڭ ئوبزورىدا نۇقتىلىق بايان قىلىغان پىكىرلەرنىڭ بىرى بولدى. بولۇپمۇ ئامېرىكا جامائىتىگە تونۇلغان ئاخباراتچى فارېد زەكەرىيە (Fareed Zakaria)گە ئوخشاش بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ «خىتاي ئۇنچىلىك تەھدىت ئەمەس. بەزىلەر بۇنىڭدىن بەكلا راھەتسىز بولۇپ قالغان» دېگەندەك پىكىرلەرنى ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويۇشى، ئۇلارنىڭ 2020-يىلى «شى جىنپىڭ ھەققىدىكى ئەندىشىلەر پۈتۈنلەي ئارتۇقچە» دېگەن شەكىلدە پىكىر قىلىشىنىڭ داۋامى شەكلىدە ئوتتۇرىغا چىققان. دەرۋەقە، ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتكەندە شى جىنپىڭنىڭ قانچىلىك خەتەرلىك ئىنسان ئىكەنلىكى كۆپ تەرەپلىمە يوللاردىن مەلۇم بولغان. يەنە كېلىپ ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى ئەركىن دۇنيانىڭ قىممەت قارىشى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقى رۇسىيەدىن ئەمەس، بەلكى مۇشۇ شى جىنپىڭ رەھبەرلىك قىلىۋاتقان خىتاي كومپارتىيەسى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىدىن كېلىۋاتقان ئېغىر تەھدىتلەرگە دۇچ كېلىشكە باشلىغان. شۇنداق بولغانىكەن، مەۋجۇت بولغان رېئاللىقنى ئېتىراپ قىلىش ھەمدە ئامېرىكا ئۈچۈن مۇقەددەس بولغان ئىگىلىك ھوقۇقنى ھېمايە قىلىش ھېچكىمنى بىئارام قىلمايدۇ، بىھۇدە ئەندىشىگىمۇ گىرىپتار قىلمايدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بارغانسېرى ئەۋزەيلەۋاتقان زۇلۇملىرى ۋە تاجاۋۇزكارلىق تەبىئىتىنى توختىتالايدىغان بىردىن بىر ۋاستە – قۇدرەت بولۇپ قالغان. چۈنكى خىتاينىڭ يېقىنقى يىللاردىكى ئەھۋالى ئامېرىكا يول قويغانسېرى ھەددىدىن ئېشىپ بېرىش شەكلىدە تەرەققىي قىلغان. خىتاينى دېموكراتىيەگە ۋە قانۇنىي سىستېمىغا ئايلىنىدۇ، دەيدىغان ئىلگىرىكى بىھۇدە ئارزۇلارنىڭ ئەمەلگە ئاشمىغانلىقى ئاشكارا بولغانىكەن، ئەمدى ئۇنىڭغا كۈچ بىلەن تاقابىل تۇرۇشنىڭ پەيتى يېتىپ كەلدى، دېيىشكە بولىدۇ. چۈنكى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى ئاددىي پاكىت شۇ بولغانكى، غەرب دۇنياسى بۇ قىرغىنچىىلىققا قارىتا بىر كۆزىنى قىسىۋالغانسېرى خىتاينىڭ بۇنى ئىجرا قىلىشى شۇنچە كەڭ كۆلەم ئالغان. تېخىمۇ مۇھىمى خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى ئىنتىلىشلىرى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ياكى تەيۋەن بىلەنلا توختاپ قالمايدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ ھازىر پۈتكۈل دۇنيانى نىشانغا ئېلىۋاتقانلىقى بەكلا ئاشكارا شەكىلىدە نامايەن بولۇشقا باشلىغان.

نۇرى تۈركەل ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ يەنە بىر يۈزى ھەققىدە سۆز قىلىپ، بوۋاقلىق مەزگىلىدە باشتىن كەچۈرگەن لاگېر سىستېمىسىنى ئەسكەرتىدۇ ھەمدە شۇ ئارقىلىق «ئاتا-ئانا بىلەن پەرزەنتلەر ئارىسىدىكى بىللە ئۆتىدىغان ۋاقىتنىڭ تارتىۋېلىنىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان روھىي كەمتۈكلۈكنىڭ ئورنىنى مەڭگۈ تولدۇرغىلى بولمايدۇ» دېگەننى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ. بۇ ھال بولسا بۈگۈنكى كۈندە لاگېرغا قامالغان مىليونلارچە ئاتا-ئانا بىلەن ئۇلارنىڭ ياتاقلىق مەكتەپلەرگە ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى بىۋاستە باشقۇرىۋاتقان يەسلىلەرگە بەند قىلىۋېتىلگەن پەرزەنتلىرى باشتىن كەچۈرىۋاتقان زور قاباھەتنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاشكارا بولۇپ كەتكەن مەخپىي ھۆججەتلىرىدە بولسا بۇ خىلدىكى ئۇيغۇر ئۆسمۈرنىڭ سانى بىر مىليونغا يېتىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن. بۇ خىل ئائىلە جۇدالىقى ئامېرىكا ۋە باشقا غەرپ جەمئىيىتىدە مۇساپىرلىقتا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۈچۈنمۇ بىر ئورتاق دەرتكە ئايلىنىپ قالغان.  نۇرى تۈركەل گەرچە مىڭلىغان كۆچمەنلەرگە ئوخشاش «ئامېرىكا چۈشى» ئەمەلگە ئاشقان، «دەۋر» ژورنىلى 2020-يىلى «دۇنيادىكى ئەڭ تەسىرچان 100 شەخس» تىزىملىكىگە ئالغان، ئامېرىكا جەمئىيىتىدىكى ئوقۇش ۋە خىزمەتتە زور ئۇتۇق قازانغان تىپىك شەخسلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالغان بولسىمۇ، ئەمما ئۆزى ھېلىھەم باشتىن كەچۈرىۋاتقان ئائىلە جۇدالىقىنىڭ مىليونلىغان ئۇيغۇر سەبىلىرى ئۈچۈن يېڭى پاجىئە بولۇۋاتقانلىقىنى قەتئىي قوبۇل قىلىشقا بولمايدۇ، دەپ قارايدۇ. بۇ بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «مېنىڭ بالىلىرىم ياكى باشقا بىراۋنىڭ پەرزەنتلىرى بالىلىقىمدا مەن كۆرگەننى كۆرمىسىكەن، دەيمەن. چۈنكى بۇ بىر زور قاباھەت» دەيدۇ:

«قىرغىنچىلىققا قارشى تۇرۇشقا ھەممىلا كىشى ھەسسە قوشالايدۇ!»

ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىق ھەققىدە سۆز بولغاندا بۇنىڭدىكى مەركىزىي تېمىلارنىڭ بىرى ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسى ھېسابلىنىدۇ. نۆۋەتتە «مەجبۇرىي ئەمگەك» ئاتالغۇسى بەزىدە بىۋاستە ھالدا ئۇيغۇرلارنى مەھسۇلات ئىشلەپچىقارغۇچى زاۋۇتلاردا ئەرزان باھالىق ئىشچىلارغا ئايلاندۇرۇشقا قارىتا ئېيتىلسا، يەنە بەزىدە غەرب بازىرىدا سېتىلىۋاتقان مەھسۇلاتلارنىڭ خام ئەشيا مەنبەسىنى تەييارلاشتا ئۇيغۇرلارنى ئوخشىمىغان شەكىل ۋە كۆلەمدە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشقا قارىتىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. بۇ قېتىمقى زىيارەت جەريانىدا ئاپتور نۇرى تۈركەل كىيىپ كېلىۋاتقان «Hugo Boss» ماركىلىك كاستۇم-بۇرۇلكىنى ئۇنىڭ «ئامېرىكا چۈشى»نىڭ ئەمەلگە ئاشقانلىقىدىكى بىر ئاددىي مىسال قاتارىدا تىلغا ئالىدۇ. ئارقىدىنلا مۇشۇنى چۆرىدىگەن ھالدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ دەل مۇشۇ خىل خەلقئارا ماركىلىق مەھسۇلاتلارغا قانداق باغلىنىۋاتقانلىقى، بۇنى چەكلەش ئۈچۈن قىلىدىغان خىزمەتلەر قاتارىدا شەخسلەرنىڭ نېمىلەرنى قىلالايدىغانلىقى ھەققىدە توختالغان.

زىيارەت خاتىرىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، نۇرى تۈركەل ئون يىلدىن بۇيان خوشاللىق بىلەن كىيىپ كېلىۋاتقان «Hugo Boss» ماركىلىك كاستۇم-بۇرۇلكىنى ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى پاختا مەھسۇلاتلىرىغا چېتىشلىق ئىكەنلىكى ھەققىدىكى دوكلاتلار ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن سېلىپ تاشلىغان ھەمدە خىزمەت ئېھتىاجى ئۈچۈن لازىملىق كىيىملەرنى تۈركىيەدە تىكتۈرگەن. ئۇنىڭدىن بۇ ھەقتە سورالغاندا نۇرى تۈركەل «ئىستېمالچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن مەن ئۆزۈمنى ئاشۇ مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىغا شېرىك بولۇپ قالغاندەك ھېس قىلىۋاتىمەن» دەيدۇ. شۇنىڭدەك خىتاي ھۆكۈمىتى ئېكىسپورت قىلىۋاتقان ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكى بەدىلىگە ئىشلىنىۋاتقان غايەت زور مەھسۇلاتلارنىڭ غەرپ دۇنياسى ۋە ئامېرىكا جەمئىيىتىدىكى مىڭلىغان ئىستىمالچىلارنى ئۆزلىرىمۇ سەزمىگەن ھالدا مەجبۇرىي ئەمگەككە شېرىك قىلىپ قويۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. خىتاينىڭ بۇ قىلمىشى ئۇلارنىڭ دونالد ترامپ ۋە جوۋ بايدىن دەۋرىدىن بۇرۇنقى زامانلاردا  ئامېرىكا ۋە باشقا غەرپ دۇنياسىدىن يېرىم ئۆتكۈزگۈچلۈك ئۆزەك (chip) ئىمپورت قىلىش ھەمدە ئۆزلىرىنىڭ تەقلىدىي ئەقىل تېخنىكىسىنى تەرەققى قىلدۇرۇش، ئاندىن بۇلاردىن چىراي تونۇش تېخنىكىسى قاتارلىقلارنى ئۇيغۇر دىيارىدا كەڭ سىناق قىلىش، ئاخىرىدا ھاكىممۇتلەقلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان بۇ خىل تېخنىكىلارنى دۇنياغا ئېكىسپورت قىلىشقا ھەركىتى بىلەن ئوخشاش خاراكتېرگە ئىگە.

نۇرى مۇشۇ خىلدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنى چەكلەشتە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى روياپقا چىقارغان بىر قاتار چەكلەش تەدبىرلىرىنى ئالقىشلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئەركىن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر بىر ئىنساننىڭمۇ بۇ خىلدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىدىن يىرگىنىش، ئۇلارنى ئۆزلىرىدىن نېرى قىلىش ھەمدە ئۇلارنى بايقۇت قىلىشنىڭ بۇنىڭدىكى ئاددىي بىر كىشىلىك تۆھپە بولىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ.

نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى پەيدا قىلىۋاتقان سىياسىي، ئىقتىساد ۋە دىپلوماتىيە ساھەسىدىكى ئىغۋاگەرلىك بارغانسېرى ئەۋجىگە چىقىۋاتقان بولۇپ، دۇنيانىڭ بۇنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىشى تېخىمۇ مۇھىم، دەپ قارىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.