Responsive Image

سىر جېفرېي نايس: ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىشتا ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىي قارارى ئەڭ ھالقىلىق

سىر جېفرېي نايس: ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىشتا ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىي قارارى ئەڭ ھالقىلىقسابىق خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىنىڭ تەپتىشى، ئادۋوكات سىر جېفرېي نايس(Geoffrey Nice) ئەپەندى «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ باش سوتچىسى بولغان ۋە سوتتىن كېيىن مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرمەكتە. 2021-يىلى 9-دېكابىر، لوندون.

ئەنگلىيە پارلامېنتىدا 6-فېۋرال كۈنى چاقىرىلغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى گۇۋاھلىق يىغىنىدا، سابىق خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىنىڭ تەپتىشى، لوندون ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسىنىڭ باش سوتچىسى، ئادۋوكات سىر جېفرېي نايس(Geoffrey Nice) گۇۋاھلىق بېرىپ، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىشتا ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى تەكىتلىگەندەك سوت مەھكىمىسىنىڭ قارار قىلىشىنى كۈتۈش ئەمەس، بەلكى ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىي قارارىنىڭ ئەڭ ھالقىلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. سىر جېفرېي نايسنىڭ تەكىتلىشىچە، ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىر خىل غەيرىي نورمال روھىي ھالەت بولۇپ، ئۇنى توختىتىش تاشقى بېسىمغا ئېھتىياجلىق ئىكەن.
ئىلگىرى سابىق سېربىيە پرېزىدېنتى سلوبودان مىلوشوۋىچنى خەلقئارا سوتقا تارتىشتا باش تەپتىشلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن سىر جېفرېي نايس يەنە ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىشنى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىشتىن باشلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان.

يىغىندا سىر جېفرېي نايس مۇنداق دەيدۇ: «بۇنىڭدا سىياسىي قارار ھالقىلىق ئامىل. شۇنىڭغا سېلىشتۇرۇپ كۆرسەك بولىدۇ. بىز بەزىدە ئامېرىكادىكى مەكتەپلەردە قوراللىق بىرىنىڭ ئادەم ئېتىش ۋەقەلىرىنى كۆرىمىز، بۇنداق ۋاقىتتا سوتنىڭ قارارىنى كۈتمەيدۇ. سىز بارلىق ۋاسىتىلەرنى ئىشلىتىپ، بۇنى توختىتىسىز. ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىر خىل غەيرىي نورمال روھىي ھالەت. بۇ خىل روھىي ھالەت ئالاھىدە ئەھۋال بولمىسا توختىمايدۇ. ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئۆزىنى ئۆزى توختىتالمايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن تاشقى بېسىم بولۇشى كېرەك».

سىر جېفرېي نايسنىڭ ئېيتىشىچە، لوندون ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى ۋە باشقا ئورۇنلارنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ۋەھشىيلىكنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېلان قىلغىنىغا 2 يىل بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ئۇنىڭغا قارىتا ھېچقانداق تەدبىر قوللانمىغان. جېفرېي نايس، بۇنىڭ ئۇلارنى بۇ قىرغىنچىلىقنىڭ داۋاملىشىشىغا ئىشتىراكچى قىلىپ قويغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

جېفرېي نايس مۇنداق دەيدۇ: «ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى بېكىتىشتە سىياسىي قارارنىڭ ھالقىلىق بولۇشىدىكى سەۋەب، خەلقئارا سوت مەھكىمىسىنىڭ ئېيتقىنىدەك بۇنىڭ دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇش كېرەك بولغان جىددىي مەسىلە بولغانلىقىدا. چۈنكى، سىز دەرھال سىياسىي قارار ئالمىسىڭىز ۋە سىياسىي تەدبىر قوللانمىسىڭىز ئىرقىي قىرغىنچىلىق داۋاملىشىدۇ. لوندون ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى ۋە باشقا نۇرغۇن ئورۇنلار بۇنى‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق›دېگەن بولسىمۇ، لېكىن ھۆكۈمىتىمىزنىڭ بۇنىڭغا قارىتا ئاكتىپ تەدبىر قوللانماسلىقى، بىز ھەممىمىزنى بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ داۋاملىشىشىغا ئىشتىراكچى قىلىپ قويدى».

«ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ باش سوتچىسى، ئاتاقلىق ئادۋوكات سىر جېفرېي نايىس(Sir Geoffrey Nice) ئەپەندى سوت ھۆكۈمىنى جاكارلىماقتا. 2021-يىلى 9-دېكابىر، لوندون.

«ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ باش سوتچىسى، ئاتاقلىق ئادۋوكات سىر جېفرېي نايىس(Sir Geoffrey Nice) ئەپەندى سوت ھۆكۈمىنى جاكارلىماقتا. 2021-يىلى 9-دېكابىر، لوندون.

ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ب د ت ۋە باشقا خەلقئارا سەھنىلەردە خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ۋەھشىيلىكىنى قاتتىق تەنقىد قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئەنگلىيە پارلامېنتى ئېتىراپ قىلغاندەك خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلغانلىقىنى رەسمىي ئېتىراپ قىلمىغانلىق، شۇنداقلا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلىمەسلىك بىلەن ئەيىبلىنىپ كەلگەنىدى. ئەنگلىيە پارلامېنتىنىڭ يۇقىرى پالاتا ئەزاسى، ئادۋوكات بارونە كېنېدى خانىم يىغىندا گۇۋاھلىق بەرگەن زاتلارنىڭ بىرى. كېنېدى خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇر رايونىنىڭ ھازىرقى ۋەزىيەت تەرەققىياتىدا ئائىلىلەرنىڭ پارچىلىنىشى كۆپەيگەن، ئۇزۇن يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلارنىڭ سانى ئارتقان، ئۇيغۇر نوپۇسى ئازلاشقا يۈزلەنگەن.

بارۇنە كېنېدى مۇنداق دەيدۇ: «ئائىلىلەرنى ئايرىۋېتىش كۆپەيگەن، ئۇزۇن يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلار ئارتقان، بالىلار داۋاملىق ياتاقلىق مەكتەپلەرگە يوللانماقتا. بالىلار دىنىي ۋە مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرىدىن مەھرۇم قىلىنىدىغان بۇ ياتاقلىق مەكتەپلەرنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقى مەلۇم. بىز ئېرىشكەن دەلىللەردىن مەلۇم بولغىنىدەك ئاياللارنى مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش ۋە مەجبۇرىى بالا چۈشۈرۈش سەۋەبىدىن ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ ئازلاشقا قاراپ ماڭغانلىقىنى بىلىمىز».

بارۇنە كېنېدىنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئۇيغۇر رايونىدا دۆلەت ھامىيلىقىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك پروگراممىسىنىڭ كۆلىمى كېڭەيگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئاقىۋىتى ئەنگلىيەنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىگە بېرىپ تاقالماقتىكەن. ئۇ، خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتىنىڭ خەلقئارا ئادىل رىقابەت مۇھىتىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقانلىقى، ئەنگلىيەنىڭ بۇنىڭغا تەدبىر قوللىنىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

بارونە كېنېدى مۇنداق دەيدۇ: «مەن ھەقىقەتەن كومىتېتىنىڭ دىققىتىگە شۇ نۇقتىنى سۇنماقچى، خىتاي بىزنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىمىزنى قولىغا ئېلىۋالدى. ئۇ دۇنيانىڭ نۇرغۇن ماتېرىياللىرىنىڭ، بولۇپمۇ تېخنولوگىيەدە مۇھىم بولغان ھالقىلىق ماتېرىياللارنىڭ كان قېزىش، ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاپ ئىشلەش باسقۇچلىرىنى بۇ رايونغا (ئۇيغۇر رايونىغا) مەركەزلەشتۈرۈۋالدى. ئۇلار مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئىشلىتىش، شىركەتلەرگە قوشۇمچە ياردەم بېرىش، ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا مۇھىتنى ۋەيران قىلىش ئارقىلىق يەرشارى رىقابىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلماقتا. مېنىڭچە بىز بۇنىڭغا قارىتا تېگىشلىك ئىنكاس قايتۇرۇشىمىز كېرەك».

بۇ قېتىمقى يىغىندا يەنە ئەنگلىيە ھاللام شېفېلد ئۇنىۋېرسىتېتى مەجبۇرىى ئەمگەك تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى يالقۇن ئۇلۇغيول، خەلقئارا قۇل ئەمگىكىگە قارشى تۇرۇش تەشكىلاتىنىڭ سودا-كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى دىرېكتورى كلوي كارنىستون، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى لوندون ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى رەھىمە مەھمۇت گۇۋاھلىق بېرىپ، ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ۋەھشىيلىك ۋە مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ نۆۋەتتىكى تەرەققىياتى ۋە ئۇنى توختىتىش، خىتاينى جاۋابكارلىققا تارتىش يوللىرىنى ئوخشىمىغان نۇقتىلاردىن شەرھلەپ ئۆتكەن.

يىغىندا يالقۇن ئۇلۇغيول خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئەمگەك تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىشنى قىيىنلاشتۇرۇپلا قالماي، خىتاي شىركەتلىرىنىڭ مەھسۇلات كېلىش مەنبەسىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن ھەر خىل ئالدامچىلىقلارنى قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. يالقۇن ئۇلۇغيول مۇنداق دەيدۇ: «خەلقئارالىق بېسىم سەۋەبىدىن، بولۇپمۇ ئامېرىكانىڭ دۇنيادا ھازىرغىچە مەۋجۇت بولغان ئەڭ كۈچلۈك قانۇنى ‹ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى› سەۋەبىدىن، خىتاي كارخانىلىرى دىققەتنى باشقا ياققا بۇراش ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى پائالىيەتلىرىنى يوشۇرماقتا. ئۇلار تارماق كارخانىلىرىنىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتىپ، ئانا شىركەتنىڭ ئىسمىنى يوشۇرماقتا ياكى شىنجاڭ، دېگەن ئىسىمنى تىلغا ئېلىشتىن قاچماقتا».

يالقۇن ئۇلۇغيولنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي كارخانىلىرى بۇ ئارقىلىق چېگرا قوغداش ۋە تاموژنا ئىدارىسىنىڭ ئۇيغۇر رايونى بىلەن بولغان باغلىنىشىنى بايقىۋېلىشىدىن ھەزەر ئەيلىمەكتىكەن.

يالقۇن ئۇلۇغيول سۆزىدە يەنە ئەنگلىيەنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەشتە ئوچۇق ئاشكارىلىق، جاۋابكارلىقتا بولۇشى ۋە ئىز قوغلىشىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ، ۋىيېتنامنىڭ 2023-يىلى، ‹ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى› بويىچە مەھسۇلاتلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈشتە خىتايدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «چۈنكى، ھازىر خىتاي كارخانىلىرى ئامېرىكانىڭ ‹ئۇيغۇر مەجبۇرىى ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى›دىن ئاتلاپ ئۆتۈش ئۈچۈن مەھسۇلاتلىرىنى شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىگە ساتماقتا ياكى بۇ جايلاردا تارماق بازارلارنى قۇرماقتا. ئاندىن بۇ يەر ئارقىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئامېرىكاغا ئېكسپورت قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ھەرىكىتىنى، شۇنداقلا دۆلەت ھامىيلىقىدىكى ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش پروگراممىسىغا قاتناشقانلىقىنى يوشۇرماقتا. شۇڭا، بىز ئوچۇق ئاشكارىلىقنى تەشەببۇس قىلىشىمىز، جاۋابكارلىق ۋە ئىز قوغلاشنى قوغلىشىشىمىز كېرەك».

ئەنگلىيە پارلامېنتى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئالىسىيا كرېنس(Alicia Kreans) خانىم رىياسەتچىلىك قىلغان بۇ قېتىملىق گۇۋاھلىق يىغىنى، بۇ كومىتېتىنىڭ 2021-يىلى «ھەرگىز قايتىلانمايدۇ: ئەنگلىيەنىڭ شىنجاڭ ۋە ئۇنىڭدىن ھالقىغان ۋەھشىيلىكلەرگە بولغان ئىنكاسى» ناملىق دوكلاتى ئېلان قىلىنغان 2 يىلدىن بېرى، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىش، مەجبۇرىي ئەمگەكنى چەكلەش، خىتاينى جاۋابكارلىققا تارتىشتا قانداق تەدبىرلەرنى ئالغانلىقىنى باھالاش، بۇنىڭدىن كېيىن قانداق تەدبىرلەرنى ئېلىش ھەققىدە قانۇنچىلار، مۇتەخەسسىسلەر ۋە پائالىيەتچىلەرنىڭ پىكرىنى ئېلىشنى تېما قىلغان.

بۇ كومىتېتنىڭ 2021-يىلى ئېلان قىلغان دوكلاتى، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىگە ئۇيغۇر رايونىدىكى كرىزىسنى ھەل قىلىش، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان زىيانكەشلىكنى توختىتىش ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار تەۋسىيەلەردە بولۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ۋەھشىيلىكنى توختىتىش ئۈچۈن ئەمىلى ئىنكاس قايتۇرۇشى تەلەپ قىلىنغانىدى.