Responsive Image

تور بىخەتەرلىك شىركىتى: «خىتاينىڭ يامان غەرەزلىك يۇمشاق دېتالى بىلەن يۇقۇملانغان ئەپلەر ئۇيغۇرلارنى يېقىندىن نازارەت قىلماقتا»

تور بىخەتەرلىك شىركىتى: «خىتاينىڭ يامان غەرەزلىك يۇمشاق دېتالى بىلەن يۇقۇملانغان ئەپلەر ئۇيغۇرلارنى يېقىندىن نازارەت قىلماقتا»BadBazaar نازارەت قىلىش ئۈچۈن تەقلىد قىلىدىغان ئەپلەرنىڭ سىنبەلگىسى.

ئامېرىكادىكى تور بىخەتەرلىك شىركىتى بولغان Lookout چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تېلېفونلىرىنىڭ ھەر خىل يامان غەرەزلىك يۇمشاق دېتاللار ئارقىلىق يۇقۇملاندۇرۇلۇپ، جاسۇسلۇق قورالىغا ئايلاندۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.

مەزكۇر شىركەت 10- نويابىر كۈنى ئېلان قىلغان كەڭ كۆلەملىك دوكلاتىدا كۆرسىتىشىچە، ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا ھەمبەھىرلىنىۋاتقان ياكى بۇ يىل 7-ئايدىن باشلاپ ئۈچىنچى تەرەپ ئەپ دۇكانلىرىدىن چۈشۈرۈلگەن ئۇيغۇر تىلىدىكى ئاندىرويىد ئەپلىرىنىڭ ئالاھەزەل ئۈچتىن بىر قىسمى جاسۇسلۇق يۇمشاق دېتالى بىلەن يۇقۇملانغان بولۇپ، بۇ يامان نىيەتلىك يۇمشاق دېتاللار قوللانغۇچىنىڭ تېلېفونىدىكى خۇسۇسىي رەسىملەر، ئۇچۇرلار، تېلېفون ئالاقىلىرى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى كۆرۈش ۋە ئۇنى قارشى تەرەپكە يەتكۈزۈش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەن.

ئامېرىكانىڭ سان-فرانسىسكو شەھىرىگە جايلاشقان تور بىخەتەرلىك شىركىتى  Lookoutنىڭ تەتقىقاتچىسى ۋە مەزكۇر دوكلاتنىڭ ئاپتورى كىرىستىنا بەيلىئام ( Kristina Balaam) نىڭ بىزگە ئېيتىشىچە، ھازىر بۇنداق ئەپلەرگە يوشۇرۇنغان يامان نىيەتلىك يۇمشاق دېتاللارنىڭ كۆلىمى ۋە ئىقتىدارى بارغانسېرى تەرەققىي قىلماقتىكەن.

ئۇ رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە مۇنداق دەيدۇ: «بىز تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغان يامان غەرەزلىك يۇمشاق دېتال ئۆرنەكلىرىدىن قارىغاندا، ئۇلار بارغانسېرى تەرەققىي قىلىپ مۇرەككەپلىشۋاتىدۇ، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئىقتىدارىمۇ كۆپىيىۋاتىدۇ. ئاندىن بىز بۇ يۇمشاق دېتاللارنىڭ ئەڭ يېڭى نۇسخالىرىدىن قارىغان ۋاقتىمىزدا، ئۇلارنىڭ كېلىش مەنبەسىنى يوشۇرۇش ئىقتىدارىنىڭمۇ كۈچەيگەنلىكىنى كۆردۇق.»

مەلۇم بولۇشىچە، ئادەتتە ئۇيغۇرلار كۆپ ئىشلىتىدىغان ئەپلەر، يەنى ئۇيغۇرچە خەت كىرگۈزۈش، ئۇيغۇرچە لۇغەت، ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش، قۇرئان ئاڭلاش، ئەرەبچە ئۆگىنىش قاتارلىق مۇشۇ خىلدىكى ئەپلەر يامان غەرەزلىك يۇمشاق دېتال بىلەن يۇقۇملاندۇرۇلىدىغان بولۇپ، بۇنداق ئەپ قاچىلانغان تېلېفونلار قوللانغۇچىنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى ۋە خۇسۇسىي ئۇچۇرلىرى قاتارلىق بارلىق مەلۇماتلارنى نەق ۋاقتىدا قارشى تەرەپكە، يەنى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان تېخنىكا شىركەتلىرى ياكى تېخنىكا گۇرۇپپىلىرىغا ئەۋەتەلەيدىكەن.

MOONSHINE نازارەت قىلىش دېتالىنىڭ يېقىنقى ئەۋرىشكىسىدە ئىشلىتىلگەن ئەپلەرنىڭ سىنبەلگىلىرى ، بۇنىڭدىن ئۇنىڭ ئوخشىمىغان تىپتىكى ئەپلەرنىڭ سىياقىغا كىرىۋالالايدىغىنىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.

MOONSHINE نازارەت قىلىش دېتالىنىڭ يېقىنقى ئەۋرىشكىسىدە ئىشلىتىلگەن ئەپلەرنىڭ سىنبەلگىلىرى ، بۇنىڭدىن ئۇنىڭ ئوخشىمىغان تىپتىكى ئەپلەرنىڭ سىياقىغا كىرىۋالالايدىغىنىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.

كىرىستىنا خانىم مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ 8 يىللىق تەتقىقاتىمىزدىن قارىغاندا، بۇ يۇمشاق دېتاللارنى ياسايدىغانلار ھەممىسى بۇ ھۆددىگە ئالغۇچى شىركەتلەر. مەن كېسىپ ئېيتالايمەنكى، بولۇپمۇ بىزنىڭ ئەڭ يېقىنقى تەتقىقاتىمىزدىكى ئەپلەردە قوللىنىلغان ئىككى ئاساسلىق يامان نىيەتلىك يۇمشاق دېتال ئائىلىسى بولغان ‹ BadBazaar› ۋە ‹ Moonshine› نىڭ ياسىغۇچىلىرىنىڭ خىتاي تىللىق كىشىلەر ئىكەنلىكى ۋە ئۇلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يوليورۇقى بويىچە خىزمەت قىلىدىغانلىقى مۇقەررەر. يۇقۇملانغان ئەپلەر تېلېفونغا ئورنىتىلىپ قوزغىتىلغاندىن كېيىن، ئۇ دەرھال مۇلازىمېتىر بىلەن ئالاقە قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭ كوماندىسى بويىچە ھەرىكەت قىلىدۇ. يەنى قارشى تەرەپ خالىسا سىزنىڭ تېلېفونىڭىزغا كەلگەن ئۇچۇرلارنى، رەسىملىرىڭىزنى، مەلۇم ھۆججەت قىسقۇچتىكى ھۆججەتلىرىڭىزنى، سىزنىڭ ئورنىڭىزنى كۆرۈپ تۇرالايدۇ. قىسقىسى، نېمىنى خالىسا شۇنى قىلالايدۇ. »

باشقۇرۇش تاختىسىدا كۆرسىتىلگەن GPS كوئېردېناتلىرىنىڭ خەرىتىسى، شىئەندىكى تاڭ چاڭئەن سېپىلى باغچىسىنى مەركەز قىلغان. بۇ جايلارنىڭ بىرىگە خىتايدىكى چوڭ مۇداپىئە ھۆددىگەرلىرىدىن بىرى بولغان «شىئەن تيەنخې مۇداپىئە تېخنىكىسى» دەپ بەلگە قويۇلغان.

باشقۇرۇش تاختىسىدا كۆرسىتىلگەن GPS كوئېردېناتلىرىنىڭ خەرىتىسى، شىئەندىكى تاڭ چاڭئەن سېپىلى باغچىسىنى مەركەز قىلغان. بۇ جايلارنىڭ بىرىگە خىتايدىكى چوڭ مۇداپىئە ھۆددىگەرلىرىدىن بىرى بولغان «شىئەن تيەنخې مۇداپىئە تېخنىكىسى» دەپ بەلگە قويۇلغان.

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي قوللانغان 4 ئاساسلىق يامان غەرەزلىك يۇمشاق دېتالنىڭ باش نىشانى ئۇيغۇرلار بولۇپ، ئۇ ھەم خىتاي ئىچىدىكى ھەم چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. تېپىلغان پاكىتلار ئاز دېگەندىمۇ 14 دۆلەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ بۇ يۇقۇملانغان ئاندرويىد تېلېفون ئەپلىرىنىڭ نىشانىغا ئايلانغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. بۇ يامان نىيەتلىك يۇمشاق دېتاللار تۈركىيە، سۈرىيە، كۇۋەيت، ھىندونېزىيە ۋە قازاقىستان قاتارلىق دۆلەتلەردە ياسالغان مۇلازىمەت ۋە خەۋەر ئەپلىرىگە يەرلەشتۈرۈلگەن ئىكەن.

نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقاتچىسى ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ئىلگىرى «بادام» ناملىق ئۇيغۇرچە خەت كىرگۈزگۈچ ئەپىنى ئىشلەتكەن بولۇپ، ئۇ بۇ دوكلاتنى كۆرگەندىن كېيىن ئاندرويىد تېلېفونىنىڭ نېمە سەۋەبتىن خاكېرلانغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەنگەن.

كىرىستىنا خانىمنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، ئادەتتە ئۇيغۇرلار كۆپ ئىشلىتىدىغان ئۇيغۇر تىللىق ئاندرويىد ئەپلىرى ياكى سكايپى ۋە ۋاتسئەپ، تېلىگرام قاتارلىق ئەپلەرنى ئەسلى مەنبەسىدىن، يەنى گۇگۇل ئەپ بازىرىدىن چۈشۈرۈش ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، بۇ قوللانغۇچىلارنىڭ يامان غەرەزلىك يۇمشاق دېتال بىلەن يۇقۇملاندۇرۇلغان ئەپنى چۈشۈرۈۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن.

ئۇيغۇر تىلىدىكى ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ۋە ئالاقە قاناللىرىدا 100 دىن ئارتۇق BadBazaar ئەۋرىشكىسى تېپىلغان.

ئۇيغۇر تىلىدىكى ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ۋە ئالاقە قاناللىرىدا 100 دىن ئارتۇق BadBazaar ئەۋرىشكىسى تېپىلغان.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي ئىچىدىكى قوللانغۇچىلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، خىتايدا گۇگۇل ئەپ بازىرى بولمىغانلىقتىن، ئۇلار بۇ خىلدىكى ئەپلەرنى ئىشلەتكەندە 3- تەرەپ ئەپ دۇكانلىرىنى ئىشلىتىدۇ – دە، نەتىجىدە مۇشۇنداق يۇقۇملانغان ئەپلەرنى چۈشۈرۈۋالىدۇ. ئەمما مېنىڭ چەت ئەللەردە ياشايدىغان ئۇيغۇرلارغا دەيدىغىنىم، سىلەر ئاندرويىد ئەپلىرىنى چۈشۈرگەن ۋاقتىڭلاردا ھەرگىز سىلەرگە ئەۋەتىلگەن ئۇلانمىلارنى ياكى 3 – تەرەپ ئەپ دۇكانلىرىنى ئىشلەتمەڭلار، چوقۇم ئەسلى مەنبە، يەنى گۇگۇل دۇكىنىدىن چۈشۈرۈڭلار. شۇنىڭ بىلەن بىرگە مەن يەنە تېلېفوندا ۋىرۇس سۈزگۈچ يۇمشاق دېتال ئەپلىرىنى ئىشلىتىشنى كۈچلۈك تەۋسىيە قىلىمەن.»

شىۋېتسارىيە دۆلەتلىك ئۇچۇر مۇلازىمەت شىركىتىنىڭ ئالىي ئىنژېنېرى، دوكتور ئابدۇشۈكۈر ئابدۇرېشىتمۇ رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، ھەرقانداق بىر ئەپنى تېلېفونغا قاچىلىغاندا، ئۇنىڭ مەنبەسىنى ياخشى تەكشۈرۈش لازىملىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، «تېلېفونغا ئامال بار ئاز ئەپ قاچىلاش، زۆرۈر بولمىغان ئەپلەرنى ۋاقتىدا تازىلاش، مەنبەسىنى تەكشۈرۈش ۋە بۇ ئىشنىڭ ئەھلىلىرىدىن ياردەم سوراش»نى ئەسكەرتتى.

ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندى سۆزىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈندىدار ۋە تىك – توك ئەپلىرىنى قوللىنىشنى، بولۇپمۇ ئۇنى ئۇيغۇرلار ئۇچراشقان سورۇنلاردا ئىشلىتىشنىمۇ دەرھال توختىتىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ، بۇنداق ئەپلەرنىڭ خەتىرىگە سەل قارىماسلىقنى ئاگاھلاندۇردى.

Lookout شىركىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى مەخسۇس دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ يانفونلىرىنى نىشان قىلغان يۇمشاق دېتال ياساش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش تىرىشچانلىقى 2015- يىلى ئالاھىدە تېزلەشكەن. ئۇ ھازىر يەنىمۇ ئاكتىپ ۋە يەنىمۇ كەڭ كۆلەمدە داۋام قىلماقتىكەن.