Responsive Image

ياپونىيە كامبودژانىڭ 20 ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگىنىنى ئەيىبلىدى ۋە ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ر ف ئا خەۋىرى

 2009-يىلى 12-ئاينىڭ 24-كۈنى

كامبودژا ھۆكۈمىتىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىن سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن 20 نەپەر ئۇيغۇرنى خەلقئارا كېلىشىملەرگە خىلاپ ھالدا، خىتاي ھۆكۈمىتىگە قايتۇرۇپ بەرگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن، ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 22 – دېكابىر كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ كامبودژا ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلەش بىلەن بىللە، خىتاي ھۆكۈمىتىنى بۇ 20 نەپەر ئۇيغۇرغا ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىن ئادىل مۇئامىلە قىلىشقا چاقىردى.

 
ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ مەسۇلى ئىلھام مەخمۇت ئەپەندى بۈگۈن رادىومىز ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ باياناتنى چىقىرىش جەريانى ھەققىدە توختالدى.

ئىلھام ئەپەندى يەنە، ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان خىزمەتلىرى ھەققىدە توختىلىپ، بۇ جەمئىيەتنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەم ياپونىيىدە ئوقۇش ۋە خىزمەت بىلەن تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان قىيىنچىلىقلار ھەققىدە، ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرىغا داۋاملىق ئەھۋال ئىنكاس قىلىپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

ئىلھام ئەپەندى سۆزىدە، ئۆزلىرىنىڭ ياپونىيە ھۆكۈمىتىدىن ئۇيغۇر مىللىي داۋاسىغا ئارىلاشقانلىق سەۋەبىدىن، خىتايغا قايتىش ئىمكانىيىتى بولماي، ياپونىيىدە ئۇزۇن مەزگىل تۇرۇپ قېلىشقا مەجبۇر بولۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلۈشنى تەلەپ قىلىۋاتقانلىقىنى ھەم ياپونىيە ھۆكۈمىتىدىكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ كامبودژادىكى 20 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلغانلىق ۋەقەسىدىن كېيىن، ياپونىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ بۇندىن كېيىنكى تەقدىرىگە تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى، ھازىر ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ، ئەگەر ياپونىيىدىكى ئۇيغۇرلار سىياسىي پاناھلىق تىلىسە، ئۇلارغا ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بارلىق قۇلايلىق شاراىتلارنى يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى بايان قىلدى.

ياپونىيىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن قۇتلۇق ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ياپونىيىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كامبودژادىكى 20 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلغانلىقىدىن ناھايىتى ئېچىنىۋاتقانلىقىنى، ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىن تۇرۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولغىنى ئۈچۈن دادىللىق بىلەن كامبودژا ھۆكۈمىتىنىڭ قىلمىشىنى ئەيىبلىگەنلىكىنى بايان قىلدى.

زىيارىتىمىز ئاخىرىدا ئىلھام ئەپەندى ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ مەسۇلى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۆزلىرىنىڭ كامبودژادىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىغا ئەڭ ئۈنۈملۈك ياردەملەردە بولالمىغانلىقىدىن ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

كامبودژا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىنىڭ ئىقتىسادى مەنپەەتىنى ئىنسانپەرۋەرلىكتىن ئۈستۈن ئورۇنغا  قويۇپ، خەلقئارا ئەھدىنامىلەرگە خىلاپ ھالدا، كامبودژا زېمىنىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىن سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن 20 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىش قىلمىشى، ھازىر خەلقئارادىكى ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى ھەم دېموكراتىك دۆلەتلەر تەرىپىدىن قاتتىق ئەيىبلەنمەكتە.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.