Responsive Image

ئابدۇراھمان توختى: «مېنىڭ ئائىلەم 7 يىلدىن بۇيان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىماقتا»

ئابدۇراھمان توختى: «مېنىڭ ئائىلەم 7 يىلدىن بۇيان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىماقتا»

ئابدۇراھمان توختىنىڭ يۇرتى ئەسلىدە ئاقسۇ شەھەر بەشتۈگمەن يېزا يېڭىئۆستەڭ كەنتىدە بولۇپ، ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئېچىنىشلىق ھېكايىسى بۇنىڭدىن توت يىل ئىلگىرى خەلقئارالىق تاراتقۇلاردا ئاڭلىتىلىپ، زور دىققەت قوزغىغان ئىدى.

ئابدۇراھمان توختىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ ئايالى پەرىدە ياسىن، 6 ياشلىق چوڭ قىزى تايىبە، 2 ياشلىق ئوغلى ئابدۇلئەزىز ۋە بوۋاق قىزى نادىرەنى ئېلىپ، 2016-يىلى 8-ئايدا تۈركىيەدىن ئاقسۇغا قايتقان ئىكەن. شۇنىڭدىن بۇيان ئابدۇراھماننىڭ يۇرتىغا قايتان بالا-چاقىلىرى بىلەن بولغان ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان. ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتكەندىن كېيىن، يەنى 2017-يىلى 11-ئايدا ئابدۇراھمان ئايالىنىڭ 10 يىللىق قاماققا كېسىۋېتىلگەنلىدىن خەۋەر تاپقان. ئۇ يەنە يۇرتىدىكى ئاتا-ئانىسى ھەمدە قېرىنداشلىرىنىڭمۇ 2017-يىلى لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى ئاڭلىغان. تېخىمۇ ئېچىنىشلىق يېزى شۇكى، ئۇ يۇرتىدا قارانچۇقسىز قالغان بالىلىرىنىڭ قەيەرگە ئېلىپ كېتىلگەنلىكى، كىملەرنىڭ قولىدا تەربىيەلىنىۋاتقانلىقىدىن خەۋر ئالالماي، تولىمۇ ئازابلىنىپ كەلگەن ئىكەن.

ئابدۇراھمان، 2019-يىلىنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە بىر خىتاينىڭ «داۋيۈ» دېگەن ئىجتىمائىي تاراتقۇسىدىن ئۇيغۇر بالىلىرىغا خىتايچە مېڭە يۇيۇش ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بىر ۋىدېيو كۆرۈنۈشىگە دىققەت قىلىدۇ. ئۇ بۇ ۋىدېيودىن كۆرمىگىلى 2 يىلدىن ئاشقان ئوغلى ئابدۇلئەزىزنى تونۇۋالىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئوغلى ئالىقاچان 4 ياشقا كىرىپ بولغان ئىدى. 15 سېكۇنتلۇق بۇ ۋىدېيودا ئابدۇراھماننىڭ ئوغلى ئابدۇئەزىزنىڭ بىر خىتاي ئوقۇتقۇچىنىڭ سوئاللىرىغا خىتايچە جاۋاب قايتۇرۇۋاتقان كۆرۈنۈشى كۆرسىتىلگەن بولۇپ، قەيەردە تارتىلغانلىقى ئېنىقسىز بولغان بۇ ۋېدىيو ئۇنىڭ يۈرەك باغرىنى لەختە-لەختە قىلىۋېتىدۇ. ئابدۇراھمان شۇ بالىسىنى كۆرۈپ يۈرىكى لەختە بولغان ئابدۇراھمان شۇ ۋاقىتتا رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئائىلىسىنىڭ بۇ ئېچىنىشلىق ھېكايىسىنى دۇنياغا ئاڭلاتقان، شۇنداقلا چوڭ ئاخباراتلاردا گۇۋاھلىق بەرگەن ئىدى.

بۇ يىل-31يانۋار كۈنى ئابدۇراھمان ئۆزىنىڭ فېيسبۇك بېتىدە يۇرتىدىكى ئاتا-ئانىسى ۋە 4 قېرىندىشىنىڭ 15 يىلدىن كېسىۋېتىلگەنلىكىنى بايان قىلغان.

بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن 1-فېۋرال كۈنى ئابدۇراخمان توختىنى ئىككىنچى قېتىم زىيارەت قىلدۇق. يېقىندا تۈركىيەدىن فرانسىيەگە كېلىپ پاناھلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئابدۇراخمان، ئۆزىنىڭ 7 يىلدىن بۇيان ئاقسۇدىكى ئائىلىسى بىلەن بولغان ئالاقىسىنىڭ پۈتۈنلەي ئۈزۆۈلگەنلىكىنى، يېقىندا ئاقسۇدىكى ئاتا-ئانىسى ۋە قېرنداشلىرىنىڭ 15 يىلدىن كېسىلىپ، پۈتۈن ئائىلىسىنىڭ خانىۋەيران قىلىنغانلىقىدىن خەۋەر تاپقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئابدۇراھماننىڭ خىتايچە «دوۋيىن» (تىك-توك) ئارقىلىق ئىگە بولغان ئۇچۇرىغا قارىغاندا، ئۇنىڭ دادىسى توختى ئەمەت 69 ياش، ئانىسى ئاينۇرخان قاسىم 59 ياش بولۇپ، ھەر ئىككىسى 15 يىلدىن كېسىۋېتىلگەن ئىكەن.

ئابدۇراھمان ئائىلىسىدىكى بەش بالىنىڭ ئوتتۇرانچىسى بولۇپ، ئۇنىڭ چوڭ ئاكىسى ئەمەتجان توختى 38 ياش، كىچىك ئاكىسى مەمەتجان توختى 36 ياش، چوڭ سىڭلىسى ئايگۈل توختى 30 ياش، كىچىك سىڭلىسى ئارزۇگۈل توختى 27 ياش ئىكەن. ئۇلارنىڭ ھەممىسى 15 يىلدىن كېسىۋېتىيلگەن. ئابدۇراھمان، ئۇلارنىڭ تۇتۇلۇشى ۋە كېسىلىشىگە بەلكىم ئۇلارنىڭ ئىلگىرى تۈركىيەگە كېلىپ ئۆزىنى يوقلاپ كەتكەنلىكىنىڭ باھانە-سەۋەب قىلىنغان بولۇشى مممكىنلىكىنى بىلدۈردى. گەرچە ئۇ پۈتۈن ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ كېسىۋېتىلگەنلىدىن خەۋەر تاپقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارغا قاچان سوت ئېچىلغانلىقى، جازا مۇددىتىنى قەيەردە ئۆتەۋاتقانلىقىنى بىلمەيدىكەن.

رادىيومىز ئابدۇراھمان تەمىنلىگەن بۇ ئۇچۇرلارنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا دەلىللەشكە ۋە تەپسىلاتنى ئىگىلەشكە تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە.