Responsive Image

ئادرىيان زېنز: «ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش توختاپ قالغىنى يوق»

ئادرىيان زېنز: «ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش توختاپ قالغىنى يوق»ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى ئامېرىكا-خىتاي ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت پەۋقۇلئاددە كومىتېتى چاقىرغان مەخسۇس گۇۋاھلىق يىغىنىدا «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ تەتقىقاتچىسى دوكتۇر ئادريان زېنز (Adrian Zenz) ئەپەندى سۆزلىمەكتە. 2023-يىلى 23-مارت، ۋاشىنگتون.

ئامېرىكادىكى «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ تەتقىقاتچىسى ئادرىيان زېنز ئۇيغۇرلارنىڭ پاختا تېرىش ۋە باشقا پەسىللىك ھوسۇل يىغىش ئىشلىرىدا داۋاملىق ھالدا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنز 9- ماي كۈنى ئېلان قىلغان يېڭى دوكلاتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتى يېزا ئىگىلىكىنى كەڭ كۆلەمدە ماشىنىلاشتۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرسىمۇ، 2021-ۋە 2022-يىللىرى ئارىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىزچىل مەجبۇرىي پاختا ئۈزۈشكە يۆتكەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئادرىيان زېنز بۇ يېڭى دوكلاتىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكى ھۆججەتلىرىگە ئاساسەن تەييارلىغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئىلگىرى ئاشكارىلانمىغان مەزمۇنلار بار ئىكەن. ئۇ رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە مۇنداق دېدى:

«بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدا مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە مەجبۇرىي پاختا تېرىشنىڭ يوقلۇقىنى،  رايوننىڭ يېزا ئىگىلىكى، بولۇپمۇ ھوسۇل يىغىشنىڭ ماشىنىلىشىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. بىراق مېنىڭ يېڭى تەتقىقاتىم ھوسۇل يىغىش ئەمگىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پەسىللىك ئىشچى يۆتكەش سىياسەتلىرىنىڭ دۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلاپ بەردى».

ئۇنىڭ دېيىشىچە، بۇ خىل پەسىللىك ئەمگەك كۈچى يۆتكەش سىياسىتى بۇندىن كېيىنمۇ داۋاملىشىدىغان بولۇپ، ئۇ خىتاينىڭ 2021-يىلدىن 2025-يىلغىچە بولغان بەش يىللىق خىزمەت پىلانىنىڭ بىر قىسمى ئىكەن.

ئادرىيان زېنزنىڭ دوكلاتىدىكى يەنە بىر مۇھىم نۇقتا بولسا، رايوندىكى پاختا تېرىش ئەمگىكىنىڭ ماشىنىلىشىشىمۇ بەرىبىر ئۇيغۇرلارنىڭ ئوخشىمىغان ساھەدە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:

«بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەب، پاختا تېرىشنى ماشىنىلاشتۇرۇش كەڭ كۆلەمدىكى تۇتاش ئېتىزلىقلارنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ ھەمىشە ئۇيغۇر دېھقانلارنىڭ يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ھۆكۈمەتكە ۋە ئۇنىڭ قوللىشىدىكى خۇسۇسىيلارغا تاپشۇرۇپ بېرىشى بىلەن نەتىجىلىنىدۇ. شۇڭا يېرىدىن قۇرۇق قالغان ئۇيغۇر دېھقانلار باشقا ساھەلەردە مەسىلەن، زاۋۇتلاردا ئىشچىلارغا ئايلاندۇرۇلۇپ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىدۇ. قىسقىسى، پاختىلارنى ماشىنا ئارقىلىق يىغىۋالغان تەقدىردىمۇ، ئۇيغۇرلار باشقا جايلاردا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىشتىن قۇتۇلالمايدۇ».

دوكتور ئادرىيان زېنز ئېنىقلاپ قىلىپ چىققان بۇ يېڭى ئىچكى ھۆججەتلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش خىزمىتىنىڭ مەجبۇرلاش خاراكتېرى 2019-يىلدىن باشلاپ ئالاھىدە كۈچەيگەن. بىر قىسىم يەرلىك دائىرىلەر ھەتتا «ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى يېتەرلىك ئەمەس» دەپ ئاتالغان «ھۇرۇن ئادەملەر» تىزىملىكى تۇرغۇزۇپ، تىزىملىكتىكى كىشىلەرنى قايتا – قايتا «ئىدىيە ئۆزگەرتىش» تەربىيەسىگە ئەۋەتكەن ھەمدە پاختا تېرىش ئەمگىكىگە سالغان.

ئېچىنىشلىقى، بۇ ئاتالمىش «ھۇرۇنلار» تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنلەر ئىچىدە ياشانغانلارمۇ بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ چوڭى 77 ياش ئىكەن. ئادرىيان زېنز مۇنداق دەيدۇ: « بۇ ئاتالمىش ھۇرۇن ئادەملەر تىزىملىكىدە ھەتتا 77 ياشقا كىرگەن ياشانغانلارنىڭمۇ بولۇشى بىزگە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنتايىن زالىملارچە ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. مەن تەتقىق قىلغان ھۆججەتلەرنىڭ بىرىدە ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەمدە ئەمگەككە سېلىش شىنجاڭنى مۇقىملىققا ئېرىشتۈرىدىغان سىياسىي ۋەزىپە، دەپ كۆرسىتىلگەن. مانا بۇمۇ مەجبۇرىي ئەمگەك سىياسىتىنىڭ قاتتىق قوللۇق بىلەن يۈرگۈزۈلۈشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى بولۇشى مۇمكىن».

ئادرىيان زېنزنىڭ دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، پاكىتلار پاختا تېرىشتىن باشقا يەنە، تېرىۋېلىنغان پاختىلارنىڭ تالالىرىنى ئۇرۇقىدىن ئايرىش ئەمگىكىمۇ تۈرمىلەردىكى دېھقانچىلىق مەيدانلىرىدا ئېلىپ بېرىلىدىكەن. دېمەك، خىتاي 2013-يىلى «ئەمگەك ئارقىلىق ئۆزگەرتىش سىستېمىسى» نى ئەمەلدىن قالدۇرغان بولسىمۇ، بىراق ئۇيغۇر ئېلىدىكى تۈرمىلەردە بۇ ھېلىھەم مەۋجۇتكەن.

تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنز بۇ يېڭى دوكلاتىدا، ئۆزبېكىستان ۋە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ پاختا ساھەسىنىڭ دۆلەت قوللىشىدىكى مەجبۇرىي ئەمگىكىنى سېلىشـتۇرۇپ چىققان بولۇپ، ھەر ئىككى جايدىكى دۆلەت قوللىشىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك تۆۋەندىكى ئورتاق خۇسۇسلارغا – يەنى دۆلەتنىڭ ئېھتىياجلىق خىزمەتچى قوبۇل قىلىش نورمىسىنى بەلگىلىشى، خىزمەتچى قوبۇل قىلىش، تەربىيەلەش، خىزمەت مەنزىلىگە يۆتكەش، ئەمگەكچىلەرنى باشقۇرۇش ۋە ئىشچىلارنى تۇتۇپ قېلىشتەك 6 خىل ئورتاق ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىكەن.

تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنزنىڭ بۇ يېڭى دوكلاتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلگىرى سۈرگىنىنىڭ ئەكسىچە، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ھېلىھەم ھەر ساھەدە مەۋجۇتلۇقى، ئۇنىڭ ھېچقاچان توختاپ قالمىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەرگەن بولۇپ، ئۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى ۋە غەرب دېموكراتىك ئەللىرىنى ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكىگە تاقابىل تۇرۇشقا، مۇناسىۋەتلىك قانۇنلارنى چىقىرىش ياكى ئۇنى كۈچەيتىشكە ئۈندەشتە مۇھىم رول ئوينايدىكەن.