Responsive Image

د ئۇ ق ۋەكىللىرى ۋولكىسۋاگېننىڭ قۇرۇلتىيىدا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى

د ئۇ ق ۋەكىللىرى ۋولكىسۋاگېننىڭ قۇرۇلتىيىدا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدىد ئۇ ق بېرلىن ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى غەيۇر قۇرباننىڭ باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇرلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەزالىرى ۋولكىسۋاگېننىڭ قۇرۇلتىيى ئېچىلىۋاتقان يىغىن زالى ئەتراپىدا نامايىش ئۆتكۈزدى. 2023-يىلى 10-ماي، بېرلىن، گېرمانىيە.

د ئۇ ق ۋەكىللىرى بېرلىندا ئۆتكۈزۈلگەن ۋولكىسۋاگېننىڭ ئومۇمىي قۇرۇلتىيىدا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ تەسىر قوزغىدى.

10-ماي كۈنى يىللاردىن بۇيان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق» دەپ ئەيىبلىنىۋاتقان ھەمدە ئۈرۈمچىدە تارماق زاۋۇتى بولغان گېرمانىيەدىكى ۋولكىسۋاگېن گۇرۇھىنىڭ يىللىق ئومۇمىي قۇرۇلتىيى گېرمانىيە پايتەختى بېرلىندا ئۆتكۈزۈلگەن. يىغىنغا د ئۇ ق ۋەكىللىرىمۇ قاتنىشىپ، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئەمما بۇ قۇرۇلتايدىن بىر كۈن بۇرۇن، يەنى 9-ماي كۈنى گېرمانىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ۋولكىسۋاگېننىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن بولغان ئالاقىسىگە دائىر كۆپلىگەن ماقالىلەر ئېلان قىلىنىپ، ۋولكىسۋاگېنغا قارىتا كۈچلۈك تەنقىدلەر قانات يايغان ئىدى.

9-ماي «ئەينەك» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان «پايچېكلار ۋولكىسۋاگېننىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى سودىسىنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلدى»، «تابلە-مېدىيا» قانىلىدا ئېلان قىلىنغان «ئۇيغۇرلار مەسىلىسى سەۋەبلىك ۋولكىسۋاگېن قۇرۇلتىيىنىڭ ھاۋاسى بۇزۇلدى»، «مالىيە» قانىلىدا ئېلان قىلىنغان «ۋولكىسۋاگېننىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى تىجارىتىنى تەكشۈرۈش تەلەپ قىلىنماقتا» قاتارلىق ماقالىلەردە، ۋولكىسۋاگېننىڭ بۇ قېتىمقى ئومۇمىي قۇرۇلتىيىغا د ئۇ ق ۋەكىللىرىنىڭمۇ قاتنىشىپ، خىتاي زۇلۇمى ئاستىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنىش مەسىلىسىنى ۋە ۋولكىسۋاگېننىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىلىش مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى ئالدىن ئېلان قىلغان ئىدى.

«ئاخبارات كۆزنىكى» قانىلىدا 9-ماي ئېلان قىلىنغان «تەشكىلاتلار ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدىن نەپكە ئېرىشىشكە قارشى تەدبىر قوللىنىشنى تەلەپ قىلدى» ناملىق بىرلەشمە ئاخباراتتا مۇنداق جۈملىلەرگە ئورۇن بەرگەن: «د ئۇ ق، خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى، پايچېكلار غوللۇق گۇرۇھى ۋولكىسۋاگېن شىركىتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن تەدبىر قوللىنىپ، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدىن مەنپەئەتكە ئېرىشىشكە خاتىمە بېرىشنى تەلەپ قىلدى. ۋولكىسۋاگېن ئۇيغۇر رايونىدىكى زاۋۇتىنى داۋاملىق ساقلاپ قالماقتا. ئۇ يەردىكى ئاپەت خاراكتېرلىك كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئائىت يېتەرلىك مەلۇمات بار. مىليونلىغان ئۇيغۇرلار ۋە باشقا ئاز سانلىق تۈركىي مىللەتلەر جازا لاگېرلىرىغا قامىلىپ، مېڭە يۇيۇش، تەن جازاسى ۋە جىنسىي تاجاۋۇزچىلىققا ئۇچرىماقتا. بارغانسېرى كۆپ زاۋۇتلار مانا مۇشۇ جازا لاگېرلىرى ئەتراپىغا قۇرۇلۇپ، تۇتقۇنلار تۆۋەن ئىش ھەققى بىلەن مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنماقتا. شېففىلد ھاللام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، ۋولكىسۋاگېننىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش پروگراممىسىغا قاتناشقانلىقى مەلۇم.»

ۋولكىسۋاگېننىڭ قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان د ئۇ ق بېرلىن ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى غەيۇر قۇربان ئەپەندى يىغىندىن كېيىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۆزىنىڭ بۇ يىغىندا ئېرىشكەن 10 مىنۇتلۇق سۆز قىلىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئۇ پەيدا قىلغان يامان ئاقىۋەتلەر توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ ئۆتكەنلىكىنى تىلغا ئالدى. ئۇ سۆزىدە يەنە ۋولكىسۋاگېن شىركىتىنىڭ ئۇيغۇر قۇل ئەمگىكىگە چېتىلىش مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يىغىن ئەھلىنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى تارتقان.

خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىمى ھاننو شېدلېر يىغىندا ۋولكىسۋاگېن شىركىتىگە قارىتا ئىككى تۈرلۈك تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بىز شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدىن مەنپەئەتكە ئېرىشىۋاتقان ۋولكىسۋاگېن شىركىتىگە قارىتا بىرىنچىدىن، ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇتىنى دەرھال تاقاشنى تەلەپ قىلدۇق. ئىككىنچىدىن، ۋولكىسۋاگېن شىركىتىدىن تەمىنلەش زەنجىرىدە ھەرقانداق شەكىلدىكى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن ئۇزاق تۇرۇشنى، ئۇنى ئۈزۈل-كېسىل يوقىتىشنى تەلەپ قىلدۇق. ۋولكىسۋاگېن شىركىتى شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق داۋام قىلىۋاتقان مۇشۇنداق بىر ۋەزىيەتتە تۈرلۈك قارشىلىقلارغا پەرۋا قىلماي، ئۆزلىرىنىڭ ئەخلاقىي نىزاملىرىغا خىلاپ ھالدا ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇتىنى تاقاشنى رەت قىلىپ كەلمەكتە. گەرچە خىتايدىكى ۋولكىسۋاگېن شىركەتلىرى ئۇيغۇرلارنى بىۋاسىتە قۇل ئىشچى ئورنىدا ئىشلەتمىسىمۇ، ئەمما ئۇ ئىشلىتىۋاتقان ماشىنا ئۈسكۈنىلىرىگە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ قان-تەرى سىڭگەن. شېففىلد ھاللام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ئۆزىنىڭ دۆلەت سىياسىتىگە ئايلاندۇرغان. خىتاي ھاكىمىيىتى ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدىكى نۇرغۇنلىغان زەھەرلىك ئېغىر سانائەت زاۋۇتلىرىنى شەرقىي تۈركىستانغا يۆتكەپ كېلىپ، ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىنى ھېچقانداق بىخەتەرلىك، سالامەتلىك تەدبىرى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا قۇل ئىشچى قىلىپ ئىشلەتمەكتە. بۇ زاۋۇتلاردا ئىشلەپچىقىرىلغان ماشىنا زاپچاسلىرىدىن ۋولكىسۋاگېنغا ئوخشاش شىركەتلەر پايدىلانماقتا. بۇنىڭغا چوقۇم خاتىمە بېرىش كېرەك.»

ۋولكىسۋاگېننىڭ بۇ قېتىمقى قۇرۇلتىيى ئانچە تېنىچ ئۆتمىگەن. يىغىن جەريانىدا، بىرقىسىم مۇھىت قوغدىغۇچىلار بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ توسۇشلىرىغا قارىماي يىغىن زالىغا بۆسۈپ كىرىپ، كۆپ قېتىم پاراكەندىچىلىك تۇغدۇرغان. N D R تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، پورشې ئاپتوموبىل شىركىتىنىڭ مۇپەتتىشى ھانس دىتېر پۆچ سۆز قىلىۋاتقاندا، ئۇلاردىن بىرى ھانسقا قارىتىپ تورت ئاتقان. يەنە باشقا پائالىيەتچىلەر «ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك!»، «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى توختات!» دەپ شۇئارلار توۋلاشقان. بىخەتەرلىك خادىملىرى ئۇلارنى يىغىن زالىدىن مەجبۇرىي يىراقلاشتۇرغان.

ۋولكىسۋاگېننىڭ قۇرۇلتىيى داۋاملىشىۋاتقان شۇ سائەتلەردە، ميۇنخېندىن كەلگەن ۋە بېرلىندا ياشاۋاتقان بىر بۆلۈك ئۇيغۇرلار ھەمدە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەزالىرى يىغىن زالى ئەتراپىدا نامايىش ئۆتكۈزۈپ «ۋولكىسۋاگېن شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كەتسۇن!»، «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى توختىتىلسۇن!» دېگەندەك شۇئارلارنى توۋلاپ، ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە ۋە ۋولكىسۋاگېن شىركىتىگە بولغان نارازىلىقلىرىنى نامايان قىلغان.