Responsive Image

ئاقسۇ ئىگەرچىدە لاگېردا ئۆلگەن 14 نەپەر مەھبۇسنىڭ ئۆي ۋە تېرىلغۇ يەرلىرى كىم ئاشتى قىلىپ سېتىۋېتىلگەن

ئاقسۇ ئىگەرچىدە لاگېردا ئۆلگەن 14 نەپەر مەھبۇسنىڭ ئۆي ۋە تېرىلغۇ يەرلىرى كىم ئاشتى قىلىپ سېتىۋېتىلگەن«كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» رەتلەپ چىققان «ساقچى ھۆججەتلىرى» دە بۇ سۈرەتنى ئۇيغۇر رايونىدىكى جازا لاگېرلىرىدا ئېلىپ بېرىلغان مانېۋىر بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

يېقىندا ئابدۇشۈكۈر ئابدۇلئەزىز ئىسىملىك فەيسبوك قوللانغۇچىنىڭ تور بېتىدە خەۋەر قىلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا بىر قىسىم تېرىلغۇ يەرلەر خىتاي كۆچمەنلىرى تەرىپىدىن بازارغا سېلىنغان. مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ يىپ ئۇچىغا ئاساسەن ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا، ئاقسۇنىڭ ئىگەرچى يېزىسىدا، «تېرىلغۇ يەرلىرىدىن پايدىلىنىشتا قىينىلىۋاتقان» 52 ئائىلىنىڭ يەرلىرىنىڭ دائىرىلەر تەرىپىدىن تارتىۋېلىنىپ بازارغا سېلىنغانلىقى ۋە بۇ تارتىۋېلىنغان يەرلەرنىڭ بىر قىسمىنىڭ لاگېر ۋە تۈرمىلەردە جان ئۈزگەن 14 كىشىگە مەنسۇپ ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پىروگراممىسى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.

2017-يىلى لاگېرلار قۇرۇلۇش بىلەن باشلانغان چوڭ تۇتقۇندا، بىرقانچە مىليون كىشىنىڭ ئائىلىسى پارچىلىنىش بىلەن بىرلىكتە، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە بازارلاردا دۇكانلار تاقىلىش، كوچىلاردا ئادەملەر شالاڭلاش، ئاممىۋى پائالىيەت سورۇنلىرى چۆلدەرەش قاتارلىق، تۇتقۇننىڭ يۈزلەرچە يان تەسىرى ئوتتۇرىغا چىققانىدى. خىتاي دائىرىلىرى بۇ ۋەزىيەتنى «كەسپىي تەربىيەلەش» نى پۈتتۈرگەنلەرنىڭ خىزمەتكە تولۇق ئورۇنلىشىپ بولۇشى ۋە ئىشتىن بىكار بولماسلىقى قاتارلىق ھەجۋىي جاۋابلار بىلەن ئىزاھلاپ ۋە پەردازلاپ كەلگەنىدى. ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى بەزى ئۇچۇرلار چوڭ تۇتقۇننىڭ يەنە بىر قىسىم پاجىئەلىك يان ئاقىۋەتلىرىنى ئاشكارىلاپ بەرمەكتە. فەيسبوك قوللانغۇچىلىرىدىن ئابدۇشۈكۈر ئابدۇلئەزىزنىڭ تور بېتىدە خەۋەر قىلىنىشىچە، يېقىنقى ئايلاردىن بېرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي كۆچمەنلىرى يەر سېتىش ئېلانلىرىنى ئارقا-ئارقىدىن بازارغا سالماقتا. بۇ ئېلاننىڭ بەزىلىرىدە باغ-ۋارانلار، بەزىلىرىدە كەڭرى كەتكەن تېرىلغۇ يەرلەر بازارغا سېلىنغان. تۆۋەندىكى ئېلاندا مارالبېشىدىن ئۆتكەندە مەكىتكە يېقىن جايدا 10 مىڭ يەرنىڭ ئىجارىگە بېرىلىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. بۇ ئېلانلارنىڭ بىرىدە مەلۇم بىر باغنىڭ 15-20 يىللىق ئىشلىتىلىش تارىخىغا ئىگە ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان بولۇپ، بۇنىڭدىن بۇ يەرلەرنىڭ ئەسلىدە يەرلىك ئاھالىلەر بىنا قىلغان باغلار ئىكەنلىكى مەلۇم بولماقتا. ئابدۇشۈكۈر ئابدۇئېزىز دويىندىن كۆچۈرۈپ ئېلىنغان بۇ سىن ئۇچۇرلىرىغا يازغان ئىزاھات سۆزلىرىدە، بازارغا سېلىنىۋاتقان بۇ يەرلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا تۈرمە ۋە لاگېرلاردا جان ئۈزگەن مەھبۇسلارنىڭ يېرى بولۇش ئېھتىماللىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

بىز بۇ ھەقتىكى تېلېفون زىيارەتلىرىمىز داۋامىدا، نۆۋەتتە خىتاي كۆچمەنلىرى بازارغا سېلىۋاتقان بۇ ئۆي ۋە يەرلەرنىڭ ئەسلى ئىگىلىرى ۋە بازارغا سېلىنىش سەۋەبى ھەققىدە مەلۇمات سورىدۇق. بەزى خادىملار ئەھۋالدىن خەۋەرسىزلىكىنى ئېيتسا، بەزىلىرى بۇنداق ئەھۋالنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلمىدى. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان ئاقسۇ شەھىرىنىڭ ئىگەرچى يېزىسىدىكى بىر ساقچى خادىمى، بۇ يېزىدا 52 ئائىلىگە مەنسۇپ 142 مو يەرنىڭ «كىم ئاشتى» قىلىپ سېتىلىش ئۈچۈن بازارغا چىقىرىلغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە بۇ ئائىلىلەر تېرىلغۇ يەرلىرىدىن ياخشى پايدىلىنالمايۋاتقانلار بولۇپ، دائىرىلەر بۇ يەرلەرنى سېتىپ، مەزكۇر ئائىلىلەرگە مو بېشىغا 28 مىڭ يۈەندىن پۇل بەرگەن. ئۇنىڭ يەنە دېيىشىچە، ئىگىسىز يەرلەرنى يىغىۋېلىش ئىشى، 2019-يىلى، يەنى لاگېر تۇتقۇنىدىن ئىككى يىل كېيىن باشلانغان. يىغىۋېلىنغان ئۆي ۋە يەرلەر ئاساسەن خىتاي كۆچمەنلىرى تەرىپىدىن سېتىۋېلىنغان. مەزكۇر خادىمنىڭ يەنە ئەسكەرتىشىچە، ئەينى چاغدا 28 مىڭ يۈەندىن سېتىۋېلىنغان بۇ يەرلەر، نۆۋەتتىكى كىم ئاشتى بازىرىدا 700 مىڭ يۈەن بىلەن 1مىليون 200 مىڭ يۈەن ئارىسىدا سېتىلماقتا. مەزكۇر ساقچى خادىمى، ھۆكۈمەتنىڭ «يەر دۆلەتنىڭ تۇرۇقلۇق، ئاھالىلەرگە بۇ سېتىلغان يەرلەردىن پۇل ئايرىپ بېرىۋاتقان» لىقى ۋە «مەركەزنىڭ سىياسىتىنىڭ ياخشى» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن بولسىمۇ، بۇ سېتىۋېتىلگەن 142 مو يەرنىڭ بىر قىسمىنىڭ لاگېر ۋە تۈرمىلەردە جان ئۈزگەن 14 كىشىگە ئائىت ئىكەنلىكىنى، قالغان يەرلەرنىڭمۇ لاگېر سەۋەبلىك ئەمگەك كۈچلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان يەرلىك ئاھالىلەرگە مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى يوشۇرالمىدى.

ئۆتكەن يىلى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك خەلق ئىشلار ئىدارىسىگە ئائىت بولغان بىر ھۆججەتلىك ماتېرىيالدا ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئاجرىشىش نىسبىتىنىڭ ئۇشتۇمتۇت ۋە پەۋقۇلئاددە كۆپەيگەنلىكى، بۇنىڭغا كۆپ ساندا ئائىلىلەردە ئەرلەرنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك كېسىلىپ كەتكەنلىكىنىڭ سەۋەب بولغانلىقى تىلغا ئېلىنغانىدى. رادىيومىزنىڭ كۇچادىن ئىگىلىگەن بىر خەۋىرىدىمۇ، چوڭ تۇتقۇندىن كېيىن، بانكىلار ئاھالىلەرگە تارقاتقان قەرزىنى يىغىۋېلىشقا ئامالسىز قالغانلىقى، ئەمما قەرزنىڭ ئۆسۈم ۋە جازا بىلەن بىرلىكتە تۇتقۇنلارنىڭ بوينىغا ئارتىلىپ مېڭىۋاتقانلىقى مەلۇم بولغانىدى.