Responsive Image

كامبىرىج ئۇنىۋېرسىتېتىدا «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئىرقى قىرغىنچىلىقىنىڭ خىتايدا ئىنكار قىلىنىشى» نامىدا يىغىن ئېچىلدى

كامبىرىج ئۇنىۋېرسىتېتىدا «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئىرقى قىرغىنچىلىقىنىڭ خىتايدا ئىنكار قىلىنىشى» نامىدا يىغىن ئېچىلدى

2024-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى كامبىرىج ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغداش سەپەرۋەرلىك ھەرىكىتىنىڭ تەشكىللىشى كامبىرىج ئۇنىۋېرسىتېتىدا «ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقى» ھەققىدە يىغىن ئېچىلغان بولۇپ، بۇ يىغىن، كامبىرىج ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ خىتاي تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقى توغرىسىدىكى تونۇشىنى ئۆستۈرۈش مەقسەت قىلىنغان. يىغىندا كامبىرىج ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا شېرىك بولماسلىققا چاقىرىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كامبىرىج ئۇنىۋېرسىتېتى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئابرۇي ۋە ئوبرازىنى ياخشىلاشقا ھەم ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقىدىن دىققەتنى باشقا تەرەپلەرگە بۇراشقا تىرىشىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

كامبىرىج ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغداش سەپەرۋەرلىك ھەرىكىتىنى تەشكىللىگۈچىلەرنىڭ بىرى بولغان نىكوس كوسورى ۋىتكەر (Nikos Kouthouri-Whittaker) كامبىرىج ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئېچىلغان «ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقى» يىغىنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغداش سەپەرۋەرلىك ھەرىكىتى ھەققىدە بىزگە تەپسىلىي ئۆچۈر بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«مېنىڭ ئىسمىم نىكوس. مەن كامبىرىج ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىككىنچى يىللىقى ئوقۇغۇچىسى. بىر قانچە ھەپتە ئىلگىرى كامبىرىج ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ تارمىقىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغداش سەپەرۋەرلىك ھەرىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق. مەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغداش سەپەرۋەرلىك ھەرىكىتىنىڭ قۇرغۇچى ئەزالىرىنىڭ بىرى. بىز خەلقئارادىكى خىتاي تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا قارىتا بولۇۋاتقان سۈكۈتكە قارشى ھەرىكەت باشلىدۇق. يەنى خەلقئارانىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا قارىتا سۈكۈتتە تۇرماي، ھەرىكەتكە ئۆتىشىنى تەلەپ قىلىمىز. بىز بۇ توغرۇلۇق كامبىرىج ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئاكادېمىك پائالىيەتلەر ( كامبىرىج ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە خىتاي ئارىسىدىكى ھەمكارلىق) ھەققىدىمۇ ئۆزىمىزنىڭ پوزىتسىيەسىنى بىلدۈردۇق. كامبىرىج ئۇنىۋېرسىتېتى خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن زىچ ئالاقىسى بولغان خۇاۋېي ۋە چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئورگانلار بىلەن ئۇزۇندىن بۇيان ھەمكارلىشىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ. بىز بۇ ھەمكارلىقنى توختىشىنى تەلەپ قىلدۇق. كامبىرىج ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئېچىلغان بۇ يىغىننىڭ مەقسىتى كامبىرىج ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ خىتاي تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى تونۇشىنى ئۆستۈرۈش ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغداش سەپەرۋەرلىك ھەرىكىتىگە قاتنىشىشىنى تەشۋىق قىلىش. ئەمما بۇ يىغىننىڭ مۇھىم نۇقتىسى پەقەت ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ. يىغىندا يەنە مۇناسىۋەتلىك باشقا مەسىلىلەر ئالاھىدە تىلغا ئېلىندى، مەسىلەن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قانداق قىلىپ ئۇنىۋېرسىتېتىمىز ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئابرۇي ۋە ئوبرازىنى ياخشىلاشقا ۋە ئىرقى قىرغىنچىلىقتىن دىققەتنى باشقا تەرەپلەرگە بۇراشقا تىرىشىۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىندى.»

بۇ يىغىنغا لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى تەتقىقاتچىسى ۋە شائىر ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن (Aziz Isa Elkun)، تەتقىقاتچى سەم داننىڭ (Sam Dunning) ۋە خىتاي پائالىيەتچىلىرىدىن كايلا ما (Kyle Ma) تەكلىپ بىلەن قاتناشقان. ئۇلار «ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقى» ۋە خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ھەققىدە لېكسىيە بەرگەن.

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن ئەپەندى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ بۇ يىغىن ۋە يىغىندا بەرگەن لېكسىيەسى ھەققىدە سورىغان سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەردى. ئۇ «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزگەن قىرغىنچىلىقىنى ئىجتىمائىي تاراتقۇ ۋە ئىنتېرنېت مەنبەلىرى ئارقىلىق تەكشۈرۈش» ناملىق لېكسىيە بەرگەنلىكىنى دېدى. ئۇ يىغىندا دۇنيانى چوقۇم ئۇيغۇرلارنى قوغداش ۋە ئۇيغۇرلارنى خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدىن قۇتۇلدۇرۇشقا چاقىرغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇ لېكسىيەسىدە خىتاينىڭ «ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقىنى» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتىنى» نى يوشۇرۇپ، دۇنيانى ئالداۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تىلغان ئالغان.

ھازىر كامبىرىج ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇقۇۋاتقان ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغداش سەپەرۋەرلىك ھەرىكىتىنى تەشكىللىگۈچىلەردىن بىرى بولغان لەيلا ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغداشقا، مەدەنىيىتى، تارىخى ۋە تىلىنى تەشۋىق قىلىشقا تۈرتكە بولغان مۇھىم سەۋەبلەرنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېدى:

«مېنىڭ ئىسمىم لەيلا، مەن كامبىرىج ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغداش سەپەرۋەرلىك ھەرىكىتىنىڭ قۇرغۇچى ئەزالىرىنىڭ بىرى. بىز كامبىرىج ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارغا بولغان تونۇشنى ئۆستۈرۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى، تارىخى ۋە تىلىنى تەشۋىق قىلىشقا تىرىشىۋاتىمىز. مىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغداشقا، مەدەنىيىتى، تارىخى ۋە تىلىنى تەشۋىق قىلىشقا تۈرتكە بولغان مۇھىم سەۋەبلەردىن بىرى، مىنىڭ ئۇيغۇر ئائىلىدىن كېلىپ چىقىشىم. ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىش مەن ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم. ئۇيغۇر ئېلىدە مېنىڭ تۇغقانلىرىم بار. يەنى ئۇيغۇر ئېلى بىلەن مېنىڭ شەخسىي باغلىنىشىم بار. كامبىرىج ئۇنىۋېرسىتېتىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە بولۇۋاتقانلار ھەققىدە تۈنىشى بەك كەمچىل. شۇڭا بىز كامبىرىج ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغداش سەپەرۋەرلىك ھەرىكىتىنى باشلىدۇق. كامبىرىج ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى يىغىن ‹ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى: ئۇيغۇرلارنىڭ باستۇرۇلۇشى ۋە ئىرقى قىرغىنچىلىقىنىڭ خىتايدا ئىنكار قىلىنىشى› دەپ ئاتالدى. پائالىيەتنىڭ مەزمۇنى بولسا ئىرقى قىرغىنچىلىق ھەققىدە ئەزەلدىن ئاڭلاپ باقمىغان كىشىلەرگە ھېلىھەم ئۇيغۇر ئېلىدە داۋام قىلىۋاتقان ئىرقى قىرغىنچىلىقنى تونۇشتۇردۇق. بىز كامبىرىج ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا شېرىك بولۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنى قىلىشى كېرەكلىكىنى چۈشەندۈردۇق».

كامبىرىج ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغداش سەپەرۋەرلىك ھەرىكىتىنىڭ ئەزالىرىدىن بىرى، ۋەتىنىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يېتىشىدىن ئەنسىرەپ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئۇ مۇنداق دېدى:

«مەقسىتىمىز شەرقى تۈركىستاندا بولۇۋاتقانلار ھەققىدە تونۇشنى ئۆستۈرۈش. كامبىرىج ئۇنىۋېرسىتېتى خىتاي بىلەن قويۇق مۇناسىۋىتى بار. ئىشىنىمىزكى، ئەگەر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى قويۇق بولسا، ئۇلارمۇ ھېلىھەم داۋام قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا دىققەت قىلىشى ۋە ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقىغا شېرىك بولماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. مۇھىمى كامبىرىج ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بار. بىز كامبىرىج ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ بىزگە قۇلا سېلىشىنى ۋە بىزنىڭ تەلەپلىرىمىزگە جاۋاب قايتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.»

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن ئەپەندى كامبىرىج ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ قوللىشى بىلەن قۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغداش سەپەرۋەرلىك ھەرىكىتىنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: «كامبىرىج ئۇنىۋېرسىتېتى دۇنيادىكى داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېت بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇنىڭ خەلقئارادا تەسىرى بەك چوڭ. شۇڭا ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغداش سەپەرۋەرلىك ھەرىكىتى خىتاينىڭ ئالدامچىلىقىنى ئاشكارىلاپ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغداشتا مۇھىم تۆھپە قوشالايدۇ.»

نىكوس كوسورى ۋىتكەر كامبىرىج ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغداش سەپەرۋەرلىك ھەرىكىتىنىڭ مەقسىتىنىڭ پەقەت ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى تۇنۇشنى ئاشۇرۇشلا ئەمەس، بەلكى خىتاينىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشنى تەلەپ قىلىش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى:

«مەن قىلالايدىغان ئەڭ ياخشى ئىش، بۇ مەسىلىگە بولغان تونۇشنى ئۆستۈرۈپ، بۇ ھەقتە پەرق يارىتىش، يەنى ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىش. مەن كامبىرىج ئۇنىۋېرسىتېتى ئىككىنچى سىنىپ ئوقۇغۇچىسى. مېنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشۈم يەنى تەجرىبىلىرىم چەكلىك بولسىمۇ، ئەمما قانداقلا بولمىسۇن مېنىڭ خىتاي ھەققىدىكى تونۇشۇم ۋە خىتاي تەتقىقاتىدىكى ئارقا كۆرۈنۈشۈم ئارقىلىق ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقى مەسىلىسىگە بولغان تونۇشنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىمەن. مېنىڭ فاكۇلتېتىمدا ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقى مەسىلىسى ھەقىقەتەن تىلغا ئېلىنمايدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇمى ۋە باستۇرۇشى ئىنسان تەسەۋۋۇرىدىن ھالقىپ كەتتى. مېنىڭچە، ئەگەر ئۇيغۇرلارغا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىرقى قىرغىنچىلىق باشقا دۆلەتتە بولغان بولسا، خەلقئارانىڭ ئىنكاسى پەرقلىق بولغان بولاتتى دەپ ئويلايمەن. بۇ كامبىرىج ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغداش سەپەرۋەرلىك ھەرىكىتىنىڭ مەقسىتى بولسا ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى تونۇشنى ئاشۇرۇش ۋە خىتاينىڭ جىنايى جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشتىن ئىبارەت».

يېقىندا كامبىرىج ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغداش سەپەرۋەرلىك ھەرىكىتى كامبىرىج ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋە «ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا شەرق تەتقىقاتى» دىكى ئوقۇتقۇچىلارغا ئايرىم-ئايرىم ئوچۇق خەت يېزىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىشىغا سۈكۈتتە تۇرۇشنىڭ سەۋەبى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىشىنى تەلەپ قىلغانىدى.

بۇ خەتتە ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ خۇاۋېي قاتارلىق شىركەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىشنى توختىتىشى دەۋەت قىلىنغان. خۇاۋېي 2016-يىلىدىن باشلاپ ئۇنىۋېرسىتېتنى 28 مىليون فوندستېرلىڭدىن ئارتۇق مەبلەغ بىلەن تەمىنلىگەن. خۇاۋېي گۇرۇھى بولسا يېقىنقى يىللاردا ئۇيغۇر ئېلىدىكى قىرغىنچىلىققا ئەڭ ئاكتىپ ئىشتىراك قىلغان خىتاي پەن-تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكى مەلۇم.

بۇنىڭدىن باشقا ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغداش سەپەرۋەرلىك ھەرىكىتى، خىتاي تەتقىقاتى فاكۇلتېتى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يىلدا بىر قېتىم چەت ئەلگە بېرىش پروگراممىسىنى توختىتىشنى، ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئەيىبلەيدىغان ئاشكارا بايانات ئېلان قىلىشىنى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق تەتقىقات مۇنبىرى ھەم ئۇيغۇر تەتقىقات فوندى تەسىس قىلىشنى تەلەپ قىلغانىدى.