Responsive Image

ب د ت نىڭ جەنۋەدىكى باش شىتابى ئالدىدا چوڭ تىپتىكى بىرلەشمە نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

ب د ت نىڭ جەنۋەدىكى باش شىتابى ئالدىدا چوڭ تىپتىكى بىرلەشمە نامايىش ئۆتكۈزۈلدىچەت ئەللىك مۇخبىرلار نامايىش مەيدانىنى سىنغا ئئالماقتا. 2024-يىلى 23-يانۋار، جەنۋە.

23-يانۋار كۈنى جەنۋەدىكى ب د ت باش شىتابىدا «خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ئۇنىۋېرسال تەكشۈرۈش بويىچە 45-نۆۋەتلىك قەرەللىك يىغىنى» ئۆتكۈزۈلۈشكە باشلىدى.

بۇ مۇناسىۋەت دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە شىۋېتسارىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن زور كۆلەملىك نامايىش ئېلىپ بېرىلدى. نامايىشقا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، تىبەت تەشكىلاتلىرى ۋە ياۋروپادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بولۇپ، كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى. بۇ قېتىملىق نامايىش ب د ت دا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان يىغىنغا پاراللېل ھالدا ئېلىپ بېرىلىپ، ھەرقايسىي تەرەپلەر ۋە جەنۋە خەلقىنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىدى. نامايىش باشلىنىشى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىستىقلال مارشى قويۇلدى، ئاندىن خىتاينىڭ تۈرمە-لاگېرلاردا ھاياتىدىن ئايرىلغان شېھىتلارنىڭ روھىغا ھۆرمەت بىلدۈرۈلۈپ، بىر مىنۇت سۈكۈتتە تۇرۇلدى.

بۈگۈن ئەتىگەن سائەت 9:00 دا باشلانغان ب د ت دىكى يىغىنغا خىتاي ھۆكۈمىتى جەنۋەگە ئېلىپ كەلگەن 100 ئارتۇق كىشىنى قاتناشتۇردى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە مۇخبىرلار، خىتاينىڭ ئەدلىيە، قانۇنچىلىق، سەھىيە، جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتارلىق ھەر قايسى مىنىستىرلىكلىرىدىن ئېلىپ كەلگەن كىشىلەر، خوڭكوڭ ۋە ماكاۋ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، شۇنداقلا ئۇيغۇر ۋە تىبەت ئاپتونوم رايونىدىن تاللاپ ئېلىپ كەلگەن ئاتالمىش «ئاز سانلىق مىللەت ۋەكىللىرى» مۇ بار ئىكەن. يىغىن جەريانىدا خىتاي تەرەپ ئۆز ۋەكىللىرىنى ئۈچكە بۆلۈپ، مەركەز ۋە ھەر قايسى ئاپتونوم رايونلار بويىچە سۆزگە ئېلىپ چىقتى.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى يىغىن ئاخىرىدا نامايىشچىلارغا يىغىن مەيدانىدىكى ئەھۋالدىن قىسقىچە دوكلات بەرمەكتە. 2024-يىلى 23-يانۋار، جەنۋە.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى يىغىن ئاخىرىدا نامايىشچىلارغا يىغىن مەيدانىدىكى ئەھۋالدىن قىسقىچە دوكلات بەرمەكتە. 2024-يىلى 23-يانۋار، جەنۋە.

بۈگۈنكى يىغىندا خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا ئۆزلىرىنىڭ «كىشىلىك ھوقۇق جەھەتتىكى ئۇتۇق-نەتىجىلىرى» نى پەردازلاپ كۆرسىتىشكە، ئۆزىنىڭ قانۇن سىستېمىسىنىڭ ئادىللىقى ۋە پۇقرالىرىنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغانلىقى ھەققىدە لاپ ئۇرۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى يەنە بىر قېتىم ئالداشقا ئۇرۇندى. ھالبۇكى، خىتاينىڭ بۇ ئويۇنلىرى بۇ قېتىملىق ب د ت يىغىنىدا ئۇلار ئويلىغاندەك ئۈنۈم كۆرسىتەلمىدى. ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەربتىكى 31 دېموكراتىك دۆلەتنىڭ ۋەكىللىرى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىدىن چوڭقۇر ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە تىبەت خەلقلىرىگە قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش ۋە ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، بۈگۈنكى يىغىن ھەققىدە توختىلىپ، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ئەيىبلىگەن دۆلەتلەرنىڭ ئىلگىرىكى 18 دۆلەتتىن 31 دۆلەتكە كۆپەيگەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ دىرېكتورى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ب د ت يىغىن زالىدا رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ قېتىمقى يىغىندىمۇ خىتاينىڭ تەرىپىنى تۇتقان زور كۆپچىلىك مۇسۇلمان دۆلەتلىرى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تۈرك دۆلەتلىرىدىن قاتتىق ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

تۈركىيە ۋەكىلىمۇ بۇ قېتىمقى يىغىندا شەرقىي تۈركىستاندىكى يەرلىك خەلقلەرنىڭ ئەھۋالىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان يەرلىك خەلقلەرنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ۋە كىشىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىنىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

يىغىن ئاخىرىدا ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى ب د ت ئالدىدىكى مەيداندا داۋام قىلىۋاتقان نامايىشقا قاتناشتى. نامايىشچىلار، ب د ت بىناسىدىن چىقىۋاتقان خىتاي ۋەكىللىرى ئالدىدا «ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك! تىبەتلەرگە ئەركىنلىك، شەرقىي تۈركىستانغا ھۆررىيەت! خىتاي ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا جاۋابكار بولۇشى كېرەك! . . .» جاراڭلىق دېگەندەك شوئارلارنى توۋلاپ، مەيداننى لەرزىگە كەلتۈردى. بۇ مەنزىرىدىن ھودۇقۇپ كەتكەن خىتاي ئۆمىكى ئارىسىدىكى ئاتالمىش «ئۇيغۇر ۋە تىبەت ۋەكىللىرى» نى ئارىغا ئېلىپ، نەق مەيداندىن تېزدىن ئۇزاقلاشتى.

ب د ت دا ئېلىپ بېرىلغان بۇ قېتىمقى يىغىن ئەتىگەن سائەت 9:00 دىن 12:30 غىچە داۋاملاشتى. بۇ قېتىمقى يىغىنغا د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا، د ئۇ ق خادىملىرىدىن زۇمرەتئاي ئەركىن ۋە ئېۋا، ئۇيغۇر ھەرىكىتىنىڭ روشەن ئابباس، ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ باشلىقى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس، ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر ئادۋوكات رەيھان ئەسەت ھەم زىبا مۇراتلار قاتناشتى. بۇ قېتىمقى ب د ت يىغىنىغا پاراللېل ھالدا ئېلىپ بېرىلغان نامايىشقا تەھدىت ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى ۋەكىللىرى، بېلگىيە، فىرانسىيە، گېرمانىيە قاتارلىق ياۋروپا دۆلەتلىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇرلار، شۇنداقلا شىۋېتسارىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، موڭغۇللارمۇ قاتناشتى.