Responsive Image

دېموكراتىك دۆلەتلەر جەنۋەدىكى ب د ت يىغىندا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن

دېموكراتىك دۆلەتلەر جەنۋەدىكى ب د ت يىغىندا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى قاتتىق ئەيىبلىگەنئامېرىكىنىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى مىچېل تايلور(Michèle Taylor) خانىم مۇخبىرلارغا بايانات بەرمەكتە. 2023-يىلى 31-مارت، جەنۋە.

23-يانۋار كۈنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جەنۋەدىكى باش شىتابىدا خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە قەرەللىك قاراپ چىقىش يىغىنى باشلانغان. 4 يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان يىغىننىڭ كۈنتەرتىپى بويىچە ئالدى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدە دوكلات بەرگەن. ئۇلار دوكلاتىدا خىتايدىكى كىشىلىك ئەركىنلىك، ئەمگەكچىلەر ھوقۇقى، ئاياللار ۋە بالىلار ھوقۇقى، ئاز سانلىق مىللەتلەر ھوقۇقلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئومۇمىي كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ئاقلىغان ۋە ئۇنىڭ داۋاملىق ياخشىلىنىپ مېڭىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ دوكلاتىدىن كېيىن ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرىگە 45 سېكۇنتتىن ۋاقىت بېرىلگەن بولۇپ، ئۇلار بۇ ۋاقىت ئىچىدە خىتاينىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدىكى باھالىرىنى ۋە پىكىر-تەكلىپلىرىنى ئوقۇپ ئۆتكەن.

بۇ قېتىملىق باھالاشتىمۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى ھەرقايسى يىغىنلارغا ئوخشاش خىتاي بىلەن مۇناسىۋىتى ياخشى بولغان ياكى ئىقتىسادى جەھەتتىن خىتايغا تايىنىۋاتقان دۆلەتلەر خىتاينىڭ دوكلاتىنى ئالقىشلىغان. ئۇلار خىتاينىڭ مىليونلىغان كىشىلەرنى نامراتلىق قۇتۇلدۇرغانلىقىنى كىشىلىك ھوقۇققا كاپالەتلىك قىلغانلىق، دەپ مەدھىيەلىگەن.

دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى بولسا خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىگە بولغان ئەندىشىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ دۆلەتلەر خىتايدىكى باراۋەرلىك، ئەركىنلىك ۋە ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشلار ۋە قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىشنىڭ ناچارلىشىپ ماڭغانلىقىنى، ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر ۋە خوڭكوڭلۇقلارنىڭ ۋەزىيىتىنىڭ ئېغىرلاشقانلىقىنى تىلغا ئېلىشقان.

دېموكراتىك دۆلەتلەر ئۇيغۇرلار ھەققىدە توختالغاندا بىردەك خىتايدىن ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقىنىڭ ئۇيغۇر رايونى ھەققىدىكى دوكلاتىدىكى پىكىر-تەكلىپلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىنى تەلەپ قىلغان. بۇ دۆلەتلەر ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، كانادا، ئىسرائىلىيە، ئاۋسترالىيە، ئاۋسترىيە، شىۋېتسىيە، شىۋېتسارىيە قاتارلىقلار بولۇپ، ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتۇۋاتقان مۇئامىلىسىنى مەخسۇس تىلغا ئالغان.

بولۇپمۇ ئامېرىكانىڭ ۋەكىلى خىتايغا ناھايىتى كەسكىن تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ خىتايغا 8 تۈر بويىچە پىكىر سۇنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتىنىڭ ھېلىھەم داۋاملىشىۋاتقانلىقى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەنگەن. ئامېرىكا ۋەكىلى مۇنداق دېگەن: «بىز شىنجاڭدا داۋاملىشىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنى، پۈتۈن خىتاي مىقياسىدا، جۈملىدىن ئىچكى موڭغۇل، تىبەتتە يۈز بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى؛ خوڭكوڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە نېگىزلىك ئەركىنلىككە ھۆرمەت قىلىشنىڭ يوقىتىلىشىنى، شۇنداقلا چەت ئەللەردىكى شەخسلەرنى جىمىقتۇرۇش ئۈچۈن يۈرگۈزۈلگەن چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشلارنى ئەيىبلەيمىز.»

ئامېرىكا ۋەكىلى سۆزىدە يەنە خىتاينى ئۇيغۇر ئېلىدىكى بارلىق گۇناھسىز تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىشنى، ياتاقلىق مەكتەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى توختىتىشنى تەلەپ قىلغان. ئۇ مۇنداق دېگەن:

«بىز شىنجاڭدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك، مەجبۇرىي تويلاشتۇرۇش، تۇغۇت چەكلەش، ئاياللارنى تۇغماس قىلىۋېتىش، بالا چۈشۈرۈش ۋە ئائىلىلەرنى مەجبۇرىي پارچىلاشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلىمىز. شۇنداقلا ب د ت نىڭ شىنجاڭ ۋە تىبەتكە قارىتا توسالغۇسىز ھالدا ۋە ھەقىقىي مەنىدىكى تەكشۈرۈشىگە يول قويۇلۇشىنى تەلەپ قىلىمىز.»

ئامېرىكانىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىكى ئەلچىسى مىشېل تەيلور (Michèle Taylor) خانىمنىڭ يۇقىرىدا ئوقۇپ ئۆتكەن باياناتى ئامېرىكانىڭ جەنۋەدە تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ رەسمىي تور بېتىدە ھەمدە مىشەل تايلۇر خانىمنىڭ «X» تىكى تور بېتىدە ئۇيغۇر تىل-يېزىقىدىمۇ تارقىتىلغان.

خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان سىياسەتلىرىنى قاتتىق تەنقىد قىلغان دۆلەتلەرنىڭ يەنە بىرى ئەنگىلىيەدۇر. ئەنگىلىيە ۋەكىلى يىغىندىكى سۆزىدە خىتايدىن «ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرگە قارىتىلغان خالىغانچە تۇتقۇن ۋە زىيانكەشلىكنى توختىتىش» نى كەسكىن تەلەپ قىلغان. ئۇ يەنە «ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرنىڭ نازارەت قىلىش، قىيناش، مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە جىنسىي زوراۋانلىقتىن قورقماي، دىن، ئېتىقاد ۋە مەدەنىيەت ئەركىنلىكىدىن بەھرىمەن بولۇشى لازىملىقىنى؛ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقىنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا ئائىت دوكلاتىدىكى تەۋسىيەلەرنى يولغا قويۇش زۆرۈرلۈكى» نى تەكىتلىگەن.

ئىسرائىلىيە ۋەكىلىمۇ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى مەخسۇس تىلغا ئالغان. ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ۋەزىيەتتىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېگەن: «بىز شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىدىن، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىدىن ئەندىشە قىلىۋاتىمىز. ئىسرائىلىيە خىتاينى شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ياخشىلاشقا چاقىرىدۇ. . .»

بۇندىن سىرت، ياپونىيە، ئىرېلاندىيە، سىلاندىيە، بېلگىيە، گېرمانىيە، فىرانسىيە، لىيۇكسېمبۇرگ، فىنلاندىيە، گوللاندىيە، يېڭى زىللاندىيە، نورۋېگىيە، مونتېنېگرو، گىرېتسىيە، سلوۋېنىيە، لىختىنىشتېيىن قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ ئۇيغۇرلارنى مەخسۇس تىلغا ئالغان. گېرمانىيە ۋەكىلى يىغىندا مۇنداق دېگەن: «گېرمانىيە شىنجاڭ ۋە تىبەتتىكى ۋەزىيەتتىن ئەندىشە قىلىدۇ. . . بىز خىتايدىن كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقىنىڭ شىنجاڭ ھەققىدىكى دوكلاتىدىكى تەۋسىيەلەرگە ئەمەل قىلىشنى، شىنجاڭ ۋە تىبەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقلىرىغا ھۆرمەت قىلىشنى تەلەپ قىلىمىز.»

مونتېنېگرو ۋەكىلىنىڭ سۆزلىرى ناھايىتى كەسكىن بولغان. ئۇ سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» نامى ئاستىدا يۈرگۈزگەن سىياسەتلىرىنىڭ بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئېلىدە ئەندىشە قوزغايدىغان سىياسەتلەرنى يولغا قويغانلىقىنى تىلغا ئالغان ۋە مۇنداق دېگەن:

«بىز خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇۋاتقان ‹دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنلىرى›غا قايتا قاراپ چىقىشنى، ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مىللەتلەرگە قارىتىلىۋاتقان كەمسىتىش خاراكتېرلىك قانۇن-سىياسەتلىرىنى توختىتىشنى، لاگېرلاردىكى ۋە باشقا تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرىدىكى قىيىن-قىستاق، جىنسىي زوراۋانلىق، مەجبۇرىي ئەمگەك قاتارلىق ناچار مۇئامىلىلەرنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلىمىز.»

شىۋېتسىيە ۋەكىلىمۇ سۆزىدە خىتايدىن ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرنىڭ ھوقۇقلىرىغا تولۇق ھۆرمەت قىلىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى قانۇنسىز ۋە خالىغانچە تۇتقۇن قىلىشنى بىكار قىلىشنى، تۈرمىلەردىكى ژۇرنالىستلار، كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرى قاتارلىق سىياسىي مەھبۇسلارنى ئەركىنلىككە چىقىرىشنى تەلەپ قىلغان. كانادا ۋەكىلى ب د ت ئالاھىدە ۋەكىللىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەتتە تولۇق ۋە چەكلىمىسىز زىيارەتتە بولۇشىغا رۇخسەت قىلىشنى ئەسكەرتكەن.

بېلگىيە، لىتۋا، پولشا ۋە ئاۋسترىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ۋەكىللىرىمۇ سۆزلىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ۋەيران قىلىنىۋاتقانلىقى، تىل ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىن مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشقا ئۇچراۋاتقانلىقى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقىدەك مەسىلىلەرنى تىلغا ئالغان. لىتۋا ۋەكىلى ئاز سانلىق مىللەت بالىلىرىنىڭ ئۆز ئانا تىلىدا سۆزلىشىگە رۇخسەت قىلىنىشى لازىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

يىغىندا ئىتالىيە، ھىندونېزىيە، ئىسپانىيە، ئېكۋاتور، لىتۋا قاتارلىق دۆلەتلەر ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسمىنى بىۋاسىتە تىلغا ئالمىغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىگە بولغان ئەندىشىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىللەتلەرنىڭ سىياسىي ۋە مەدەنىيەت ھوقۇقلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشى لازىملىقىنى، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشنى ئەسكەرتكەن.

تۈركىيە ۋەكىلى بولسا يىغىندىكى سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بارلىق پۇقرالارنىڭ جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىشى لازىملىقىنى تىلغا ئېلىپ، «خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر تۈركلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق مىللەتلەرنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە، يەنى ئۇلارنىڭ كىملىكى، دىنىي ئېتىقادى ۋە تىلىغا تولۇق ھۆرمەت قىلىشنى تەۋسىيە قىلىمىز. . .» دېگەن.

بۈگۈنكى يىغىندا خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكىگە 3 قېتىم ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ سۇنغان تەكلىپ-باھالىرىغا جاۋاب بېرىش پۇرسىتى بېرىلگەن بولۇپ، ئۇلار ھەر قېتىملىق سۆزىدە ئۆزلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىگە قارىتىلغان تەنقىدلەرنى رەت قىلغان. ئۇلار ئۇيغۇر مەسىلىسىدە توختالغاندا، خىتايدا 56 مىللەت بارلىقىنى ۋە بۇ 56 مىللەتنىڭ ھەممىسىنىڭ باراۋەر ھوقۇقلاردىن بەھرىمەن بولۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

خىتاي دائىرىلىرى بۇ قېتىملىق يىغىنغا خىتاينىڭ خەلق ئىشلىرى، ئاياللار ئىشلىرى، مىللەتلەر ۋە دىنىي ئىشلار ساھەلىرىدىكى رەھبىرىي خادىملىرىدىن تەشكىل تاپقان يۈزدىن ئوشۇق ۋەكىلنى ئېلىپ كەلگەن. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ باياناتچىسى ئېلىجان ئىنايەتمۇ بار ئىكەن. باياناتچى ئېلىجان ئىنايەت بۈگۈنكى يىغىندا سۆز قىلىپ، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ئەندىشە ۋە تەنقىدلىرىگە جاۋاب قايتۇرغان. ئۇ سۆزىدە «شىنجاڭدا ھەممە كىشى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن خىزمەت تاللايدۇ ۋە ئىشلىيەلەيدۇ. شىنجاڭدا ھەرگىزمۇ مەجبۇرىي ئەمگەك يوق.» دېگەن. ئۇ يەنە لاگېرلارنىمۇ ئاقلاپ: «بۇ ئورۇنلار دىنىي ئاشقۇنلۇق بىلەن يۇقۇملانغان كىشىلەرنى كەسپىي ماھارەت بىلەن تەربىيەلەيدىغان ئورۇنلاردۇر. جازا لاگېرلىرى، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت دېگەنلەر توقۇپ چىقىرىلغان ئاساسسىز سۆزلەردۇر» دېگەن.

23-يانۋار كۈنىدىكى يىغىن 3 سائەت داۋام قىلغاندىن كېيىن خىتاي ۋەكىلنىڭ خۇلاسە سۆزى بىلەن ئاياغلاشقان.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە قاراپ چىقىش يىغىنى جەريانىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق ئورگانلار ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە جەنۋەدە يانداش پائالىيەتلەر ۋە نامايىشلارنى ئۆتكۈزۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان ۋەھشىيلىكلىرىنى ئەيىبلىگەن ھەم پاش قىلغان.