Responsive Image

ئاقچى ناھىيەسىدىكى بىر ساقچى خادىمى: يەر تەۋرەشتە ئۆلگەنلەردىن ئۈچ نەپىرى قۇلانسېرىق يېزىسىدىكى قىرغىزلاردۇر

ئاقچى ناھىيەسىدىكى بىر ساقچى خادىمى: يەر تەۋرەشتە ئۆلگەنلەردىن ئۈچ نەپىرى قۇلانسېرىق يېزىسىدىكى قىرغىزلاردۇرئاقسۇ ۋىلايىتى ئۈچتۇرپان ناھىيەسىدە يەر تەۋرىگەندىن كېيىن ئەسكەرلەر تام ئۆرۈلۈپ چۈشكەن مەيداننى تازىلاۋاتقان كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 23-يانۋار، ئۈچتۇرپان

خىتاي دائىرىلىرى ئۈچتۇرپان ۋە ئاقچى قاتارلىق ناھىيەلەردە يۈز بەرگەن قاتتىق يەر تەۋرەشتە پەقەت ئۈچلا كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان، ئەمما ئۇلارنىڭ كىملىكى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات بەرمىگەنىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ ئۈچتۇرپان ۋە ئاقچىغا قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا، ئۆلگەنلەر سانىنىڭ ئۈچتىن كۆپ ئىكەنلىكى ئىشارەتلىنىش بىلەن بىرلىكتە، ئۆلگەنلەردىن ئۈچ نەپىرىنىڭ ئاقچى ناھىيەسىنىڭ قۇلانساراق يېزىسىدىكى قىرغىزلار ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشتى. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پىروگراممىسى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.

خىتاي ئاخباراتى ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۇچتۇرپان ۋە ئاقچى قاتارلىق ناھىيەلىرىدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشنىڭ قاتتىق بولغانلىقى ۋە قۇتقۇزۇش سەپەرۋەرلىك ھەرىكىتىنىڭ كەڭ كۆلەملىك بولغانلىقىنى كۆپلەپ خەۋەر قىلىۋاتقان بولسىمۇ، نەق قازاغا ئۇچرىغان ئاھالىلەرنىڭ كۆرۈنۈشلىرى ھەققىدە ئاساسەن دېگۈدەك خەۋەر بەرمىدى. شۇڭا خەۋەردە دېيىلگەن ئۆلگەنلەرنىڭ ئۈچ، يارىلانغانلارنىڭ 51 ئىكەنلىكى ھەققىدىكى ئۇچۇر مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ گۇمانىنى قوزغىدى. بىز يەر تەۋرەش ئەڭ ئېغىر بولغانلىقى مەلۇم بولغان ئۇچتۇرپان ۋە ئاقچى ناھىيەسىگە تېلېفون قىلىپ، ئۆلگەنلەرنىڭ سانى ۋە كىملىكلىرى ھەققىدە مەلۇمات سۈرۈشتە قىلدۇق.

ئۇچتۇرپان بازارلىق ساقچى خادىمىنىڭ بايان قىلىشىچە، دائىرىلەر ھۆكۈمەت ئاخباراتىدا ئاپەتنىڭ ئاھالىلەرنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىگە ئېلىپ كەلگەن زىيان زەخمەتلىرى ھەققىدە، دۆلەت ئاخباراتىدىكى قىسقىچە باياندىن باشقا تەپسىلىي دوكلات بەرمىگەن. مەزكۇر ساقچى خادىمى شۇ كۈنى ئۆيىدە بولۇپ يەر تەۋرىگەندە دەرھال سىرتقا قېچىپ چىققان ۋە ساقچى ماشىنىسىدا ئولتۇرۇپ سوغۇقتىن ئۆزىنى قوغدىغان. ئۇ ئۆزى تۇرۇۋاتقان بىنادا، كىشىلەرنىڭ قېچىپ چىقىشلىرىغا شاھىت بولغان ۋە ئۆلگەن ۋە يارىلانغانلار ھەققىدە خەۋەر ئاڭلىمىغان. ئۇ يەنە خىزمەتكە بېرىپ-كېلىش جەريانىدا، ئۇچتۇرپان بازار ئىچىدىكى بىر قىسىم بىنالارنىڭ زەخىملەنگەنلىكىنى كۆرگەن. ئەمما بۇ بىنالاردا ئۆلۈش ۋە يارىلىنىشنىڭ بولغان-بولمىغانلىقىدىن خەۋىرى بولمىغان. ئۇ جەمئىيەتتىن ۋە ۋەقەدە ۋەزىپە ئۆتىگەن خىزمەتداشلىرىدىن ئاڭلىغانلىرىغا ئاساسەن، ئۇچتۇرپاندا يەر تەۋرەشنىڭ يامانسۇ يېزىسىدا ئەڭ ئېغىر بولغانلىقى ۋە شۇ يېزىدا بەلگىلىك ساندا كىشىلەرنىڭ ئۆلگەن بولۇش ئېھتىماللىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدە يەر تەۋرەشنىڭ ئۇچتۇرپاننىڭ يامانسۇ ۋە ئاقچىنىڭ قۇلانساراق يېزىسىدا بولغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. مەزكۇر خادىمنىڭ دېيىشىچە، يۇقىرىقى ھەر ئىككى يېزىدا ئۇيغۇرلار بىلەن قىرغىزلار ئارىلاش ئولتۇراقلاشقان.

تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان ئاقچى ناھىيە بازار ئىچى ساقچىخانا خادىمى، ئاقچىدا يەر تەۋرەشتە ئۆلگەن ئۈچ كىشىنىڭ ئۆز تەۋەلىكىدە ئەمەسلىكى ۋە ئۇلارنىڭ قۇلانساراق يېزىسىدىن ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. قۇلانساراق يېزىسىنىڭ تېلېفونلىرى ئېلىنمىغاندىن كېيىن، بىز مەزكۇر يېزىغا قوشنا بولغان ساپارباي يېزىسىغا تېلېفون قىلدۇق. مەزكۇر يېزىلىق ساقچىخانىنىڭ باشلىقىمۇ ئاقچىدا يەر تەۋرەشتە ئۆلگەن 3 كىشىنىڭ قۇلانساراق يېزىسىدىن ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى، ئەمما، ئۆلگەنلەرنىڭ كىملىكلىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمىدى. بۇ ساقچى باشلىقىنىڭ قول ئاستىدا ئىشلەۋاتقان بىر قىرغىز ساقچى، ئۆلگۈچى 3 كىشىنىڭ قىرغىز مىللىتىدىن ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. ئەمما، ئۇمۇ ئۆلگۈچىلەرنىڭ ئىسىم-فامىلە ۋە يېشى قاتارلىق ئۇچۇرلاردىن پەقەت يېزا باشلىقى ۋە سېكرېتارلارنىڭ خەۋەردار ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

يۇقىرىدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەر تەۋرەشتە ئاقچى ناھىيەسىدە ئۆلگەن كىشىلەرنىڭ ئۈچ نەپىرىنىڭ قۇلانساراق يېزىسىدىكى قىرغىزلار ئىكەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بەردۇق.