Responsive Image

فىرانسىيە پارلامېنتى ۋە كېڭەش پالاتاسىدا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ بېرىلغان

فىرانسىيە پارلامېنتى ۋە كېڭەش پالاتاسىدا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ بېرىلغاند ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا، «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى روشەن ئابباس، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ دىرېكتورى ئابدۇلھاكىم ئىدرىسلار فىرانسىيە كېڭەش پالاتا ئەزالىرى بىلەن سۆھبەتتە. 2024-يىلى 24-يانۋار، پارىژ.

23-يانۋار ب د ت ئۆتكۈزۈلگەن خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى قەرەللىك كۆزدىن كۆچۈرۈش يىغىنىغا ۋە ب د ت ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن خىتايغا قارشى نامايىشقا قاتنىشىپ جەنۋەدىكى پائالىيەتلىرىنى ئاخىرلاشتۇرغان د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا، د ئۇ ق باياناتچىسى زۇمرەتئاي ئەركىن، ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى روشەن ئابباس، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ دىرېكتورى ئابدۇلھاكىم ئىدرىسلار 24-يانۋار فىرانسىيە پايتەختى پارىژغا يېتىپ كەلگەن. ئۇلار فىرانسىيە پارلامېنتى ۋە كېڭەش پالاتاسىدا بىر قىسىم ئۇچرىشىشلاردا بولۇپ، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى توغرىسىدا سۆھبەتلەر ئېلىپ بارغان.

بۈگۈن، يەنى 25-يانۋار پارىژدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 24-يانۋار فىرانسىيە كېڭەش پالاتا ئەزالىرى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتتە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مەسىلىسى ئاساسلىق تېما بولغان. ئۇچرىشىش جەريانىدا 2023-يىلى 6-ئايدا فىرانسىيە كېڭەش پالاتاسىدا قوبۇل قىلىنغان ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە مۇناسىۋەتلىك قارارنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ھەققىدە مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بېرىلغان.

فىرانسىيە كېڭەش پالاتا ئەزالىرى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان بۇ سۆھبەتكە ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ دىرېكتورى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ئەپەندىمۇ ھەمراھ بولغان. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، سۆھبەتتە ب د ت دا ئۆتكۈزۈلگەن خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى كۆزدىن كۆچۈرۈش يىغىنى توغرىسىدىمۇ مۇزاكىرىلەر بولغان. ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ئەپەندىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، فىرانسىيە كېڭەش پالاتا ئەزالىرىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى مەسىلىسىنى خەلقئارا كۈنتەرتىپتە تۇتۇپ تۇرۇش ۋە خىتاينىڭ خەلقئارادا قانات يايدۇرۇۋاتقان تەتۈر تەشۋىقاتلىرىنى تىزگىنلەش ئىرادىسى ئالاھىدە كۈچلۈك ئىكەن.

ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ فىرانسىيەدىكى بۇ قېتىمقى زىيارىتى، يېقىندا فىرانسۇز تىلىدا نەشردىن چىققان دولقۇن ئەيسانىڭ «خىتاينىڭ ئەركىنلىك تۇزىقى» ناملىق كىتابىنىڭ تارقىتىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈشنى ئاساسلىق مەقسەت قىلغان بولۇپ، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇلار فىرانسىيە پارلامېنتى ۋە كېڭەش پالاتاسىدا بىر يۈرۈش پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغان. دولقۇن ئەيسانىڭ تىلغا ئېلىشىچە، فىرانسىيە پارلامېنتىدىكى ئۇچرىشىش بۇندىن ئىككى يىل ئىلگىرى، يەنى 2022-يىل 1-ئاينىڭ 20-كۈنى فىرانسىيە پارلامېنتى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى توغرىسىدىكى قارارنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋاللىرىنى كۆزدىن كۆچۈرۈشنى ئاساسلىق تېما قىلغان.

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا، د ئۇ ق باياناتچىسى زۇمرەتئاي ئەركىن، «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى روشەن ئابباس، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ دىرېكتورى ئابدۇلھاكىم ئىدرىسلار فىرانسىيە كېڭەش پالاتاسىدا خاتىرە سۈرەتتە. 2024-يىلى 24-يانۋار، پارىژ.

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا، د ئۇ ق باياناتچىسى زۇمرەتئاي ئەركىن، «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى روشەن ئابباس، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ دىرېكتورى ئابدۇلھاكىم ئىدرىسلار فىرانسىيە كېڭەش پالاتاسىدا خاتىرە سۈرەتتە. 2024-يىلى 24-يانۋار، پارىژ.

ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ئەپەندى فىرانسىيە پارلامېنتىدىكى بۇ سۆھبەت ھەققىدە توختالغاندا، ئۆزلىرىنىڭ فىرانسىيە پارلامېنتى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى توغرىسىدىكى قارارنىڭ يېتەرلىك دەرىجىدە كۈچلۈك ئەمەسلىكىنى، ئۇنىڭ فىرانسىيە ھۆكۈمىتىگە ۋە خىتايغا كۆرسىتىۋاتقان تەسىرىنىڭ زەئىپلىكىنى تىلغا ئېلىپ، بۇ جەھەتتە تېگىشلىك چارىلەرنى ئويلىشىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى تەكىتلىدى.

24-يانۋار كۈنى د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى «فىرانسىيە24» تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ نەق مەيدان زىيارىتىنى ۋە «ئېكىسپرەس» (Express) گېزىتىنىڭ زىيارەتلىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى مەسىلىسىنى ئاڭلاتقان. ئۇلار 25-يانۋار كۈنى فىرانسىيەدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا نۇتۇق سۆزلەشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەنە بىر يۈرۈش پائالىيەتلەردە بولىدىكەن.