Responsive Image

پارىژ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى تونۇشتۇرۇلدى

پارىژ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى تونۇشتۇرۇلدىپارىژ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى پاش قىلىش ۋە جازا لاگېرلىرى توغرىلىق گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ۋە لاگېر شاھىتلىرىدىن گۈلباھار خاتىۋاجى ۋە گۈلباھار جېلىلوۋا خانىملار دوكلات بەرمەكتە. 2024-يىلى 25-يانۋار.

24-يانۋاردىن بۇيان فىرانسىيە پايتەختى پارىژدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى 25-يانۋار كۈنى فىرانسىيەدىكى دۆلەتلىك كىشىلىك ھوقۇق ئورگىنىنىڭ پرېزىدېنتى جېئان مارىيە بۇرگۇبۇرۇ (Jean-Marie Burguburu) ۋە ب د ت نىڭ ئالاھىدە مۇتەخەسسىسى مىشېل فورىست (Michel Forst) قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى مەسىلىسى توغرىلىق سۆھبەتلەر ئېلىپ بارغان.

پارىژدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ شۇ كۈنى يەنە پارىژ شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، پارىژدا ئۆتكۈزۈلىدىغان 2024-يىللىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىدىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى مەسىلىسىنى فىرانسىيەدە كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈشنىڭ يوللىرى ئۈستىدە سۆھبەتلەر ئۆتكۈزگەن.

25-يانۋاردىكى ئەھمىيەتلىك يەنە بىر پائالىيەت پارىژ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى پاش قىلىش ۋە جازا لاگېرلىرى توغرىلىق گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى بولغان. بۇ يىغىندا فىرانسۇز تىلىدا نەشردىن چىققان دولقۇن ئەيسانىڭ «خىتاينىڭ ئەركىنلىك تۇزىقى» ناملىق كىتابى تونۇشتۇرۇلغان. جازا لاگېرلىرى شاھىتلىرىدىن فىرانسىيەدە ياشايدىغان گۈلباھار خاتىۋاجى ۋە گۈلباھار جېلىلوۋالار خىتاينىڭ جىنايى قىلمىشلىرى توغرىلىق گۇۋاھلىقلار بەرگەن.

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى پۈتكۈل ياۋروپادا تارقىتىلىدىغان «ئارتە» تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ نەق مەيدان زىيارىتىنى قوبۇل قىلماقتا. 2024-يىلى 25-يانۋار، پارىژ.

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى پۈتكۈل ياۋروپادا تارقىتىلىدىغان «ئارتە» تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ نەق مەيدان زىيارىتىنى قوبۇل قىلماقتا. 2024-يىلى 25-يانۋار، پارىژ.

پارىژ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى گۇۋاھلىق ھەققىدە توختالغان جازا لاگېرى شاھىتى گۈلباھار خاتىۋاجى خانىم سۆزىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى، جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى ھەمدە مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىلىرى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلغان ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بىر پائالىيەت ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى تىلغا ئالدى. جازا لاگېرى شاھىتى گۈلباھار جېلىلوۋا خانىممۇ بۇ ھەقتە ئۆز تەسىراتلىرىنى ئىپادە قىلىپ، پارىژ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى بۇ پائالىيەتتە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەسىلىسىنىڭ ئەتراپلىق ئاڭلىتىلغانلىقىنى، ناھايىتى كۆپ ساندىكى ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بۇ پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلغانلىقىنى بايان قىلدى.

24-يانۋار كۈنى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى «فىرانسىيە24» تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ نەق مەيدان زىيارىتىنى ۋە «Express» گېزىتىنىڭ زىيارەتلىرىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىنى پاش قىلغان ئىدى. 25-يانۋار كۈنى ئۇ يەنە پۈتكۈل ياۋروپادا تارقىتىلىدىغان «ARTE» تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ نەق مەيدان زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، 45 مىنۇتلۇق بۇ فىلىم ئارقىلىق ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ كەڭ تونۇلۇشى ئۈچۈن ھەسسە قاتقان.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار بۈگۈن، يەنى 26-يانۋار كۈنى ئىرېلاندىيە پايتەختى دۇبلىندا قۇرۇلغۇسى تۇنجى ئۇيغۇر تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلۇش مۇراسىمىغا قاتنىشىدىكەن.