Responsive Image

دۇبلىندا «ئىرېلاندىيە ئۇيغۇر مەدەنىيەت جەمئىيىتى» قۇرۇلدى

دۇبلىندا «ئىرېلاندىيە ئۇيغۇر مەدەنىيەت جەمئىيىتى» قۇرۇلدى

26-يانۋار كۈنى ئىرېلاندىيە پايتەختى دۇبلىندا ئىرېلاندىيەدىكى تۇنجى ئۇيغۇر تەشكىلاتى- «ئىرېلاندىيە ئۇيغۇر مەدەنىيەت جەمئىيىتى» قۇرۇلغان.

جەمئىيەتنىڭ قۇرۇلۇش مۇراسىمىغا ئىرېلاندىيەدىكى ئۇيغۇرلاردىن باشقا، د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا باشچىلىقىدىكى قۇرۇلتاينىڭ بىر گۇرۇپپا ۋەكىللەر ئۆمىكى، مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ دىرېكتورى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس، ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى روشەن ئابباس ۋە ئەنگىلىيەدىن كەلگەن بىر قىسىم ئۇيغۇر ئاكتىپلارمۇ قاتناشقان.

ئىرېلاندىيە ئۇيغۇر مەدەنىيەت جەمئىيىتىنىڭ قۇرۇلۇش مۇراسىمىدا نۇتۇق سۆزلىگەن د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ قۇرۇلۇشىنى قىزغىن تەبرىكلەيدىغانلىقىنى، بۇ جەمئىيەتنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئىرېلاندىيە خەلقىگە تونۇتۇشتا تۈرتكىلىك رول ئوينىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىدىغانلىقىنى ئىپادە قىلغان. ئۇ دۇبلىندىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، ئالدى بىلەن ئىرېلاندىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 2018-يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ب د ت دا ئوتتۇرىغا قويۇشتا ئاكتىپ رول ئويناپ كەلگەنلىكىنى تىلغا ئالدى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىرېلاندىيە ئۇيغۇر مەدەنىيەت جەمئىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشى، ئۇزۇن مەزگىللىك بىر تەييارلىقتىن كېيىن ۋۇجۇدقا چىققان.

«ئىرېلاندىيە ئۇيغۇر مەدەنىيەت جەمئىيىتى» نىڭ قۇرۇلۇش مۇراسىمىدا د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى تەبرىك سۆزى قىلماقتا. 2024-يىلى 26-يانۋار، دۇبلىن، ئىرېلاندىيە.

«ئىرېلاندىيە ئۇيغۇر مەدەنىيەت جەمئىيىتى» نىڭ قۇرۇلۇش مۇراسىمىدا د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى تەبرىك سۆزى قىلماقتا. 2024-يىلى 26-يانۋار، دۇبلىن، ئىرېلاندىيە.

جەمئىيەتنىڭ قۇرۇلۇش مۇراسىمىدا ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ دىرېكتورى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ئەپەندىمۇ نۇتۇق سۆزلىگەن بولۇپ، ئۇ بۇ خۇسۇستا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، ئىرېلاندىيە ئۇيغۇر مەدەنىيەت جەمئىيىتىنىڭ قۇرۇلۇش مۇراسىمىغا كۆپلىگەن دېپلوماتلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىنىڭ ئىشتىراك قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى ئۈچۈن ھەسسىلەر قېتىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

دۇبلىندا ياشايدىغان ئۇيغۇر زىيالىيسى نۇرىيە زەيدىن خانىم ئىرېلاندىيە ئۇيغۇر مەدەنىيەت جەمئىيىتىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك رەئىسى بولۇپ سايلانغان. ئۇ بۈگۈن بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك قۇرۇلۇشىغا بولغان مەمنۇنىيەتلىرىنى ۋە بۇندىن كېيىنكى پائالىيەت پىلانلىرىنى قىسقىچە ئىزھار قىلىپ ئۆتتى.

ئىرېلاندىيە ئۇيغۇر مەدەنىيەت جەمئىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشى ھەققىدە توختالغان ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس خانىم، ئىرېلاندىيە ئۇيغۇر مەدەنىيەت جەمئىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئىرېلاندىيەدە تونۇتۇشتىكى بىر بوشلۇقنى تولدۇردى» دېگەنلەرنى تىلغا ئالدى.