Responsive Image

زۇمرەتئاي ئەركىن رۇزۋېلت فوندى جەمئىيىتىنىڭ «ئېتىقاد ئەركىنلىكى مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن

زۇمرەتئاي ئەركىن رۇزۋېلت فوندى جەمئىيىتىنىڭ «ئېتىقاد ئەركىنلىكى مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەند ئۇ ق خەلقئارا ئالاقە بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى زۇمرەتئاي ئەركىن خانىم روزۋېلىت فوندى جەمئىيىتى تەرىپىدىن تارقىتىلىدىغان «تۆت ئەركىنلىك مۇكاپاتى» (Four Freedoms Awards) نىڭ «ئېتىقاد ئەركىنلىكى مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن. 2024-يىلى 31-يانۋار.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خەلقئارا ئالاقە بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى زۇمرەتئاي ئەركىن يىللاردىن بۇيان خەلقئارا سەھنىلەردە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئاڭلىتىشتا ئاۋانگارتلىق رولىنى ئويناپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنى بىرى. ئۇ، ب د ت نى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا سەھنىلەردە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇشى، ئاڭلىتىشى ۋە بىر قاتار ئاكتىپ تەشكىلاتچىلىق پائالىيەتلىرى بىلەن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا تونۇلغان.

زۇمرەتئاي ئەركىن 31-يانۋار كۈنى روزۋېلىت فوندى جەمئىيىتى تەرىپىدىن تارقىتىلىدىغان «تۆت ئەركىنلىك مۇكاپاتى» (Four Freedoms Awards)غا ئېرىشكەن. مەزكۇر فوندى جەمئىيەت زۇمرەتئاينىڭ يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىزچىل كۈرەشلىرىنى تەقدىرلەش يۈزىسىدىن ئۇنىڭغا «تۆت ئەركىنلىك مۇكاپاتى» ئىچىدىكى «ئېتىقاد ئەركىنلىكى مۇكاپاتى» نى بەرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، رۇزۋېلت فوندى جەمئىيىتىنىڭ «تۆت ئەركىنلىك مۇكاپاتى» ھەر يىلدا بىر قېتىم تارقىتىلىدىكەن. بۇ مۇكاپات ئامېرىكا پرېزىدېنتى فرانكلىن دېلانو روزۋېلتنىڭ 1941-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى ئامېرىكا پارلامېنتىدا قىلغان «تۆت ئەركىنلىك» ناملىق مەشھۇر نۇتۇقىدا تەكىتلىگەن «تۆت ئەركىنلىك» يەنى پىكىر ئەركىنلىكى، ئېتىقاد ئەركىنلىكى، تەلەپ ئەركىنلىكى ۋە جاسارەت ئەركىنلىكىنى تەكىتلەش ئۈچۈن تەسىس قىلىنغان. روزۋېلىت فوندى جەمئىيىتى ھەر ئىككى يىلدا بىر قېتىم مۇشۇ تۆت تۈرلۈك ئەركىنلىك جەھەتتە كۆرۈنەرلىك نەتىجە كۆرسەتكەن تۆت نەپەر شەخس ۋە بىر تەشكىلاتقا بۇ مۇكاپاتنى بېرىدىكەن.

مەزكۇر مۇكاپات تۇنجى قېتىم 1982-يىلى تارقىتىلغان بولۇپ، تۇنجى قېتىملىق مۇكاپات گوللاندىيە مەلىكىسى جۇلىياناغا بېرىلگەن. ئۇنىڭدىن كېيىنكى يىللاردا بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلەرنىڭ تىزىملىكىدە نىلسون ماندېلا، ھىلارى كىلىنتون، ئانجىلا مېركىل قاتارلىق مەشھۇر كىشىلەرمۇ يەر ئالغان.

مەزكۇر مۇكاپاتنى تارقىتىش مۇراسىمى ئامېرىكا پۇقرالىرى ئۈچۈن ئامېرىكانىڭ نيۇ-يورك شەھىرىدە، ئامېرىكا پۇقراسى بولمىغانلارغا گوللاندىيەنىڭ مىدېلبۇرگ شەھىرىدە ھەيۋەتلىك مۇراسىم بىلەن تارقىتىلىدىكەن.

زۇمرەتئاي ئەركىننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ بۇ يىل ئاپرېلدا گوللاندىيەنىڭ مىدېلبۇرگ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدىكەن. مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمغا گوللاندىيە خان جەمەتى ۋە گوللاندىيە ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى قاتنىشىدىكەن.

زۇمرەتئاي ئەركىن زىيارىتىمىز داۋامىدا ئۆزىنىڭ مەزكۇر مۇكاپاتقا نامزاتلىققا كۆرسىتىلىش جەريانى ۋە ئۇيغۇر دەۋاسىغا قەدەم قويۇش مۇساپىسى توغرىلىق تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.

سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى يۇقىرىقى ئاۋازى ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىز.