Responsive Image

بېيجىڭنىڭ «خىتايلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەسى» ۋە ئۇيغۇر روھىنىڭ قارشىلىقى

بېيجىڭنىڭ «خىتايلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەسى» ۋە ئۇيغۇر روھىنىڭ قارشىلىقى

2023-يىلى 22-يانۋار خىتاينىڭ قەمەرىيە يىلى بويىچە يېڭى يىل بايرىمى ھېسابلىنىدۇ. خىتايلارنىڭ مەزكۇر بايرىمى ئادەتتە بۇددا دىنىدىكى مايتېرىيا بۇتساتۋانىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبىرىكلەش ئەنئەنىسىدىن شەكىللەنگەن دەپ قارىلىدۇ. گەرچە بۇ بايرام خەلقئارادا «خىتاي چاغانى» دەپ قوبۇل قىلىنىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما مەزكۇر بايرامنىڭ دىنىي بايرام ئىكەنلىكى مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان ھەقىقەتتۇر. يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر يىلىدىكى «خىتاي چاغانى» نى ئاتالمىش «خىتاي تۇغقانلىرى» بىلەن بىرلىكتە، ئۆيلىرىگە خىتايچە مەسنەۋىي چاپلاپ، بىرلىكتە تۈگۈرە تۈگۈشۈپ، بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئۆتكۈزىۋاتقانلىقى خىتاي تاراتقۇلىرىدا كەڭ تەشۋىق قىلىنىپ كەلمەكتە. ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىلقى «خىتاي چاغانى» مۇ ئاۋۋالقى يىللارقىدىن تېخىمۇ كېڭىيىپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەربىر يېزا-قىشلاقلىرىغىچە بىر تۇتاش ئۆتكۈزۈلىۋاتقانلىقى مەلۇم.

مەلۇمكى، ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ ئەنئەنىۋىي بايراملىرى شۇ مىللەتنىڭ ئۇزاق تارىخى ۋە مەدەنىيىتى بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان بولىدۇ. ئۇيغۇر ئەنئەنىلىرىمۇ دەل ئۇلارنىڭ ئۇزاق تارىختا ياراتقان يۈكسەك مەدەنىيەتلىرىنىڭ شاھىتى سۈپىتىدە بۈگۈنگىچە داۋام قىلىپ كەلگەن. شۇڭا ئۇيغۇرلارنىڭ ھېيت-بايراملىرىمۇ ئەسىرلەردىن بۇيان ئۆزىگە خاس بولغان گۈزەل ئۇسلۇبلاردا تەبىرىكلىنىپ كېلىنگەن. ئۇيغۇرلار ئۆز بايراملىرىغا قانداق ھۆرمەت بىلدۈرگەن بولسا، باشقا مىللەتلەرنىڭ ھېيت-بايراملىرىغىمۇ شۇنداق ھۆرمەت بىلدۈرۈپ كەلگەن بىر خەلقتۇر. ئۇيغۇرلار كېيىنكى مۇستەملىكە تارىخىدا خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا كۆپىيىشى ۋە جامائەت بولۇپ ئۆز بايراملىرىنى قۇتلۇقلاشلىرىغا ھۆرمەت قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتايلارنىڭ ئەنئەنىۋىي بايراملىرىنى قۇتلاشنى ۋە ئۆتكۈزۈشنى ئادەت قىلغان ئەمەس. بۇ نوقتىدىن ئېيتقاندا، ئۇيغۇرلار پۈتكۈل مىللەت گەۋدىسى بىلەن خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا دۇچ كېلىۋاتقان بۈگۈنكى بۇ ئېغىر ۋەزىيەتتە، «چاغان» دىن ئىبارەت خىتايلارنىڭ ئەنئەنىۋىي دىنىي بايرامىنى «مىللىي ئەنئەنە» سۈپىتىدە قوبۇل قىلىشى، ئەقىلگە ئەسلا سىغمايدۇ.

ئۇنداقتا، خىتاي تاراتقۇلىرى تەشۋىق قىلىۋاتقان «چاغان ئۆتكۈزىۋاتقان بەختلىك ئۇيغۇرلار» مەسىلىسىنى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟

بۇ مەسىلىنى چۈشىنىش ئۈچۈن گەپنى خىتاينىڭ «شىنجاڭنى يېڭىچە ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيىسى» دىن باشلاشقا توغرا كېلىدۇ. ئاتالمىش «شىنجاڭنى يېڭىچە ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيىسى» نىڭ كېلىپ چىقىشىنى ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا بەلكىم دېڭ شياۋپىڭ دەۋرىدىكى «ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش» دەۋرىگە باغلاش مۇمكىن. بۇنداق دېيىشتىكى سەۋەب، دېڭ شياۋپىڭ ئاتالمىش «ئىسلاھات ۋە ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش» سىياسىتىنى يولغا قويۇش بىلەن تەڭلا، ئۇيغۇرلارنى بىڭتۇەندىن ئىبارەت بىر ھەربىي كۈچنىڭ نازارىتى ئاستىغا ئالغانىدى. چۈنكى دېڭ شياۋپىڭ ئەينى چاغدا ئۇيغۇر دىيارىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن مۇقىملىقنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. مۇقىملىق ئۈچۈن بىڭتۇەننى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ ئۆزىلا، خىتاينىڭ ھەربىي كۈچ بىلەن ئۇيغۇرلارنى تېزگىنلەش، يەنى ئۇيغۇرلارنى دۈشمەن كاتېگورىيەسىگە ئېلىش پىلانىنى تۈزگەنلىكىنى كۆرىۋېلىشقا بولىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنىڭغا بىلدۈرگەن نارازىلىقلىرى ۋە قارشىلىقلىرى، جياڭ زېمىن دەۋرىدە «تېرورلۇق، مىللىي بۆلگۈنچىلىك ۋە دىنىي ئەسەبىيلىك» تىن ئىبارەت «ئۈچ خىل كۈچ» دەپ قارىلانغان ۋە خەلقئارا تېرورلۇقنىڭ بىر ئۇچىغا باغلاپ قويۇلغانىدى. تېخىمۇ ئېنىقراق ئېيتقاندا، دېڭ شياۋپىڭ ۋە جياڭ زېمىن دەۋرى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى بويسۇندۇرۇش ئىستراتېگىيەسىگە پۇختا سېلىنغان بىر دەۋر، دەپ قاراشقا بولىدۇ.

خۇ جىنتاۋ دەۋرىنىڭ ئاخىرىقى يىللىرى ۋە شى جىنپىڭ دەۋرى بولسا «شىنجاڭنى يېڭىچە ئىدارە قىلىش» ئىستراتېگىيەسى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن رەسمىي يوسۇندا «دۆلەت ئىستراتېگىيەسى» دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەن تەشۋىق قىلىنىشقا باشلىغان دەۋر ھېسابلىنىدۇ. بۇ ۋەجىدىن 2010-يىلى ئېچىلغان ئاتالمىش «بىرىنجى قېتىملىق مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنى» دا، ئۇيغۇر دىيارى خىتاينىڭ 19 ئۆلكە-شەھەرلىرىگە بۆلۈپ بېرىلدى. خىتاينىڭ 19 ئۆلكە-شەھەرلىرى «شىنجاڭغا ياردەم بېرىش» نامىدا ئۇيغۇر ئېلىنى بۆلۈشۈۋالغاندىن كېيىن، ئۇلار ئۇيغۇر دىيارىنى مائارىپ، سەھىيە ۋە داۋالاش، سودا-سانائەت، مەدەنىيەت ۋە پەن-تېخنىكادىن ئىبارەت بەش چوڭ ساھە بويىچە «تەرەققىي قىلدۇرۇش» قا قەسەم قىلىشتى. بۇ قەسەمنىڭ تولۇق ئاتىلىشى «ئەسلى مەقسەتنى ئۇنۇتمايمىز، بۇرچىمىزنى ئەستە ساقلايمىز!» (不忘初心牢记使命) بولۇپ، بۇ قەسەم خىتاينىڭ ئىچكىي ئۆلكىلىرىدىن ئۇيغۇر ئېلىغا «ياردەم» كەلگەن ھەربىر شەخسكە مەسلەك قىلىندى. تېخىمۇ كونكىرېتراق قىلىپ ئېيتقاندا، ئاتالمىش «شىنجاڭغا نوقتىلىق ياردەم» (对口援疆) سىياسىتى نامىدا ئۇيغۇر ئېلىغا كەلگەن ھەر بىر خىتاي دەل يوقۇرىقى قەسەمنى ئۆزىگە قىبىلنامە قىلدى!

2010-يىلى ئاتالمىش «ياردەم» لەرنىڭ كاتېگورىيەسىگە كىرگۈزۈلگەن «مەدەنىيەت» تۈرىدە، «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش» شوئارى ئەڭ مۇھىم خىزمەتلەرنىڭ بىرى قىلىپ بېكىتىلدى. دەل بۇ چاقىرىقنىڭ تۈركىسىدە، 2013-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرىتارىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان جاڭ چۈنشيەن، «ئۈچ خىل كۈچ» كە قارشى تۇرۇشتا «بەش قۇلۇپ، بەش ئاچقۇچ» نەزەرىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ بازارغا سالغان بۇ ئاتالمىش يېڭى نەزەرىيە _ «مەدەنىيەت مەسىلىسىنى مەدەنىيەت بىلەن؛ ئىدىيە مەسىلىسىنى، ئىدىيە بىلەن؛ ئۆرپ-ئادەت مەسىلىسىنى ئۆرپ-ئادەت بىلەن؛ دىنىي مەسىلىنى دىنىي قائىدىلەر بىلەن؛ تېرورلۇق ۋە ئەسەبىيلىك مەسىلىسىنى قاتتىق زەربە بېرىش بىلەن ھەل قىلىش» تىن ئىبارەتتۇر. دېمەك، جاڭ چۈنشيەن دەۋرىدىلا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىدىيەسىنى «ئۆزگەرتىش» ئۈچۈن ئۇلارنى «قايتا تەربىيەلەش» ؛ دىنىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن «ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش»، «تېرورلۇق ۋە ئەسەبىيلىك» نى يوقىتىش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىش، لاگېرلارغا قاماش ياكى زەربە بېرىش پىلانى تۈزۈلۈپ بولۇنغان ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرلارنىڭ «چاغان ئۆتكۈزۈش» كە مەجبۇرلىنىشىمۇ ئەمەلىيەتتە ئاتالمىش «بەش ئاچقۇچ» نىڭ ئىچىدىكى «مەدەنىيەتنى مەدەنىيەت بىلەن، ئۆرپ-ئادەتنى ئۆرپ-ئادەت بىلەن، ئىسلام دىنىنى ‹خىتايچىلاشتۇرۇش› بىلەن» ھەل قىلىشتەك ئىستراتېگىيەنىڭ بىر قىسمى ئىدى!

ئۇ ھالدا، ئاتالمىش «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش» قۇرۇلۇشى ئۇيغۇرلارغا قانداق شەكىلدە ئېلىپ بېرىلدى؟ ئۇيغۇرلار ئۆز مەدەنىيىتىگە قىلىنغان بۇ تاجاۋۇزچىلىقنى قوبۇل قىلدىمۇ؟

بۇ سوئاللارغا جاۋاب بېرىش ئۇنچە ئاسان بولمىسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ نەنتوڭ ج خ تورى (南通公安网) دا 2018-يىلى 4-ئۆكتەبىر ئېلان قىلىنغان بىر ماقالە، بۇ مەسىلىنىڭ بىر قىسىم كارتىنىلىرىنى بىزگە ئەينەن ئېچىپ بېرەلىشى مۇمكىن. مەزكۇر ماقالە «بىر ئۇيغۇرنىڭ ئېيتقانلىرى: ‹ھالال› دېگەن تامنى ئۆرۈپ تاشلايلى، يېمەك-ئىچمەكلىرىمىزدىكى چەكلەشلەر بېشىمىزغا بالا بولمىسۇن!» دېگەن تېمىدا يېزىلغان. بۇ ماقالە بىڭتۇەن 3-دىۋىزىيەسى قەشقەر چارۋىچىلىق رايونى جامائەت خەۋپسىزلىك باشقارمىسىنىڭ پارتكوم ئەزاسى، مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى مىجىت قادىرنىڭ نامىدا يېزىلغان. ماقالىدە مىجىت قادىرنىڭ كىچىكىدىن خىتايلار بىلەن ئارىلاش مۇھىتتا ئۆسۈپ چوڭ بولغانلىقى، ھەر يىلى ھېيت-بايراملاردا ئۆز ئائىلىسىنىڭ خىتاي قوشنىلىرى بىلەن ئۆز ئارا ھېيتلىشىپ ۋە تاماققا چاقىرىشىپ، ھەتتا «خىتايچە غىزا» لىنىپ ياشاپ كەلگەنلىكى بايان قىلىنغان. مىجىت قادىر ماقالىسىدە ھەتتا بىر قېتىم بىرگە ئوينايدىغان خىتاي دوستى ئۇنى ئۆيىگە چاقىرىپ، «ھېچكىم كۆرمىگەندىن كېيىن، چوشقا گۆشىنى تېتىپ باقە؟» دېگىنىدە، ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۆزىگە شۇنداق دېگەنلىكىنى چۈشەنمەي ھەيران قالغانلىقى، مۇسۇلمانلارنىڭ چوشقا گۆشى يېمەيدىغان قائىدىسى بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى مۇسۇلمان ئەمەسلىكى، ئۇيغۇرلاردىمۇ چوشقا گۆشى يېيىشنى چەكلەيدىغان بىرەر قائىدىنىڭ ئەسلا يوقلىقى. . . ئىلگىرى سۈرۈلگەن. ماقالىنىڭ داۋامىدا مىجىت قادىرنىڭ بۇ ھەيرانلىققا قانداق جاۋاب تاپقانلىقى مۇنداق بايان قىلىنىدۇ: «سوئاللىرىمغا جاۋاب ئىزدەپ تېڭىرقاپ يۈرگەن كۈنلىرىمدە، مارالبېشى ناھىيەسى ‹ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش› (访惠聚) خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ رەھبىرى يۈسۈپجان رېشىتنىڭ ‹دوستۇم، مەن ئۈچۈن مۇسۇلمانچە ئاشپۇزۇل ئىزدەپ يۈرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ› تېمىسىدىكى ماقالىسىنى ئۇچراتتىم. يۈسۈپجان رىشىت ئۆز بېشىدىن كەچۈرگەنلىرى ئاساسىدا نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنىڭ يۈرەك ساداسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مەن ۋە باشقا ئۇيغۇرلارنى يېمەك-ئىچمەكتە ‹ئازاتلىققا چىقاردى›. . . مەن 40 نەچچە يىل جەنۇبىي شىنجاڭدا خىزمەت قىلدىم. مۇسۇلمانلارنىڭ ‹ھالال› يېيىش ئادىتى خۇددىي بىر كۆرۈنمەس تامدەك، خىتايلار بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا توساق پەيدا قىلىپ، ئارىلىقىمىزنى يىراقلاشتۇرىۋەتتى. دىنىي قائىدىلەرنىڭ ھەممىسىنى مىللىي ئەنئەنە قىلىۋېلىشنىڭ ئۆزىلا رادىكال، ئەسەبىي قاراش ھېسابلىنىدۇ. كۆزىتىشىمچە، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ‹ھالال› ھەققىدىكى چۈشەنچىسى پەرقلىق. ئۇلارنىڭ قاراشلىرىنى قانداق قىلغاندا ئۆزگەرتىش مۇمكىن؟ مەن ئۆزۈمنىڭ ئۇيغۇر بولغانلىقىدەك ئارتۇقچىلىقىم بىلەن ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىدىكى كىچىك ئىشلاردىن تارتىپ، ئۆرپ-ئادەتلەرگىچە ئىلمىي دەلىللەر بىلەن چۈشەنچە بېرىپ، ئۆزۈم ئۈلگە بولۇپ، ئەتراپتىكىلەرنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن رادىكال، ئاشقۇن ئىدىيىلەرنى پاش قىلىشى، قارشى تۇرۇشىغا تۈرتكە بولدۇم. مېنىڭ تەسىرىمدە ئەتراپىمدا نۇرغۇن كىشىلەر بۇ خىل ‹ھالال كىشەنلىرى›دىن قۇتۇلدى».

دەرۋەقە، يوقۇرىقى ماقالىدىن شۇنى ھېس قىلالايمىزكى، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇسۇلمانچە يېمەكلىك يېيىش ھەققىمۇ «رادىكاللىق ۋە ئەسەبىيلىك» كە باغلىنىپ چەكلەنگەن. بۇنداق ئەھۋالدا خىتايلار بىرلىكتە «چاغان ئۆتكۈزىۋاتقان بەختلىك ئۇيغۇرلار» نىڭ مەيدانغا كېلىشىلا ئەمەس، بەلكى بۇنىڭدىن كېيىن كۈندىن-كۈنگە كۆپىيىدىغانلىقى تەبىئىي. ھالبۇكى مەسىلىنىڭ تۈگۈنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى تۈپ يىلتىزىدىن يوقىتىش ئىستراتېگىيەسىنىڭ بۇ خىل ئۇسۇلدا روياپقا چىقىش-چىقماسلىقىدا.

ئۇيغۇرلار يىراق قەدىمكى دەۋىرلەردىن بۇيان شامانىزم، زەردۇشتلۇق (ئاتەشپەرەستلىك)، بۇددىزم، مانىخىزم قاتارلىق كۆپ خىل دىنلارغا ئېتىقاد قىلغان ھەمدە شۇ دىنلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان كۆپ قاتلاملىق مەدەنىيەت بەرپا قىلغان بولسىمۇ، ئەمما مىلادىيە 10-ئەسىردىن ئېتىبارەن پۈتكۈل مىللەت گەۋدىسى بىلەن ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىشقا باشلىغان. شۇنىڭدىن بۇيانقى مىڭ يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت جەريانىدا، ئىسلامىيەت ئەقىدىسى ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكىنى شەكىللەندۈرگەن ئەڭ مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى بولدى. بۇ جەرياندا گەرچە ئۇيغۇرلارنىڭ تىل-يېزىق ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىدە نۇرغۇن ئۆزگىرىشلەر يۈز بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلۇق كىملىكى تاكى بۈگۈنگىچە ئۆزگەرگىنى يوق. دۇنيادا يەھۇدىيلاردەك نەچچە مىڭ يىللار سەرسان-سەرگەردان بولۇپ، ئاخىرى ئۆز ۋەتىنىنى قايتا قۇرۇپ چىقالىغان؛ شۇنداقلا سىگانلاردەك ۋەتەنسىز قالغان ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغان، ئەمما ئەسلا يوقالمىغان مىللەتلەرمۇ مەۋجۇت. خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان يوقۇرى تېخنىكا ۋە يېپىق شەكىلدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقى، ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە تولدۇرغۇسىز زىيانلارنى ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ بۇنىڭلىق بىلەن يوقىلىپ كېتىشى ناتايىن! چۈنكى ئۇيغۇرلار نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان ئېغىر تارىخىي سىناقلاردىن ئۆتكەن، ئۆزىنىڭ ئىچكىي ئېنېرگىيەسى بىلەن مەۋجۇتلۇق ئىقتىدارىنى ھېچقاچان يوقاتمىغان، شۇنداقلا ئۆزىگە خاس بۈيۈك مەدەنىيەتلىرى بىلەن ئىنسانىيەتنىڭ مەدەنىيەت خەزىنەسىگە ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان بىر خەلقتۇر. ئۇيغۇرلار بۈگۈنكى كۈندە يەنە دۇنيانىڭ خوجىسىغا ئايلىنىش چۈشىنى كۆرىۋاتقان، بۇنىڭ ئۈچۈن دۇنيانىڭ نۆۋەتتىكى دېموكراتىك قىممەت قاراشلىرىغا جەڭ ئېلان قىلغان خىتايدەك چوڭ بىر مۇستەبىت كۈچنىڭ بىۋاسىتە رەقىبىگە ئايلانغان بىر خەلقتۇر. شۇڭا پۈتكۈل دۇنيا خەلقىنىڭ دېموكراتىك قىممەت قاراشلارنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن ئۇيغۇرلار بىلەن بىر سەپتە تۇرۇدىغانلىقى، ئىنسانلىقنىڭ ۋەھشىيلىك ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى كۈچلەر ئۈستىدىن ھامان غالىب كېلىدىغانلىقى شەك-شۈبھەسىزدۇر.

دەرۋەقە، خىتاينىڭ يوقاتماقچى بولۇۋاتقىنى دەل ئۇيغۇر كىملىكى ۋە ئۇيغۇرلۇق روھىدۇر! چۈنكى بۇ كىملىك ۋە بۇ روھ، خىتاي جىددىي ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقان «شىنجاڭ» ئاتلىق بىپايان تۇپراقنىڭ قات-قېتىغا سىڭىپ كەتكەن، تاغلىرىغا مۆھۈر كەبى ئۇيۇلغان، گۈل-گىياھلىرىنىڭ پۇراقلىرىغا، قۇم-بارخانلىرىنىڭ تىۋىشلىرىغا، تاغ-دەريالىرىنىڭ تىنىقلىرىغا سىڭىپ كەتكەن. ئۇيغۇرلۇق روھى بۇ ئەزىم تۇپراق قوينىدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ جىسمىغا سىڭىپ كەتكەن روھ بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇرلار تۇغۇلغان شۇ زېمىن بىلەن تەڭ دۇنياغا كەلگەن، ئۇنىڭ بىلەن تەڭ ياشايدۇ ۋە مەڭگۈ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ.

***بۇ ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار پەقەت ئاپتورنىڭ ئۆزىگىلا خاس بولۇپ، رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.