Responsive Image

دولقۇن ئەيسا: شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ رامىزان ئېيىغا مۇبارەك بولسۇن

دولقۇن ئەيسا: شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ رامىزان ئېيىغا مۇبارەك بولسۇن

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم شەرقىي تۈركىستانلىق ئەزىز قېرىنداشلىرىم،مانا بۈگۈن بىز پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرى چەكسىز ھاياجان ۋە تەشنالىق ئىلكىدە 11 ئاينىڭ سۇلتانى مۇبارەك رامىزان ئېيىغا شەرەپ بىلەن قەدەم باستۇق!

ئۇشبۇ خاسىيەتلىك ئېيىمىزنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ، جۈملىدىن ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى پۈتۈن شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ مۇبارەك رامىزان ئېيىنى يۈرەكتىن قۇتلۇقلايمەن!

ئاللاھ ئىگەم ئىبادىتىمىزنى ۋە دۇئالىرىمىزنى قوبۇل قىلغاي، ئامىن!

ئەزىز قېرىنداشلار، بۇ ئۇلۇغ ئاي، ئۇلۇغ كۈنلەردە ھەربىر ئىبادىتىمىزدە جانابى ئاللاھدىن ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستانغا ئازادلىق، خەلقىمىزگە ھۆرلۈك تىلەيلى. ئۆز خەلقىمىزنىڭ ھۆرلۈكى ۋە ئەركىنلىكى يولىدا شېھىت بولغان ئەزىز شېھىتلىرىمىزنىڭ روھىغا فاتىھە ئوقۇيلى، ئۇلارنىڭ سۆيۈملۈك ئاتا-ئانا، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا سەبىر-تاقەت تىلەيلى. ھەر قېتىملىق ئىپتارلىرىمىزدا، دۇئا-تىلاۋەتلىرىمىزدە جانابى ئاللاھتىن خىتاينىڭ زىندانلىرىدا، جازا لاگېرلىرىدا، مەجبۇرى ئەمگەك مەيدانلىرىدا ئازاب-ئوقۇبەت چېكىۋاتقان سانسىزلىغان باتۇر ئەزىمەتلىرىمىزنىڭ ئەركىنلىككە ئېرىشىشىنى تىلەيلى. كۆز ياشلىرىمىز ھەر زامان ۋەتەن ئىچىدىكى مېھرىبان خەلقىمىزنىڭ كۆز ياشلىرى بىلەن بىرگە بولسۇن!

مانا بۇ مۇبارەك ئاينى جانابى ئاللاھنىڭ بۇيرىغىنىدەك خەير-ساخاۋەت، ئېھسان، شەپقەت، بىرلىك، ئىتتىپاقلىق، دوستلۇق، ھەمكارلىق ۋە سۆيگۈ-مۇھەببەت ئېيىغا ئايلاندۇرايلى. ئۇشبۇ مۇبارەك ئايدا خىتاينىڭ ۋە ھەرقايسى ئەللەرنىڭ تۈرمىلىرىدە ۋە لاگېرلىرىدا ئازاب چېكىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزغا ئاللاھتىن كۈچ-قۇۋۋەت، نۇسرەت ۋە ھۆرلۈك تىلەيلى. ئۇلارغا ياردەم قولىمىزنى سۇنۇشنى بىر ئىنسانىي، مىللىي، دىنى ۋە قېرىنداشلىق بۇرچىمىز دەپ بىلەيلى. ھەممىمىز ئۆز ئارا ئىختىلاپ ۋە ئاداۋەتلەرنى كاللىمىزدىن چىقىرىۋېتىپ، ۋەتەندە زۇلۇم ئاستىدا جان تالىشىۋاتقان خەلقىمىزنىڭ ھۆرلۈكى ۋە ئازادلىقى ئۈچۈن مىللىي مۇستەقىللىق كۈرەش يولىمىزدا بىرلىكتە ئىلگىرىلەيلى .

ئەزىز قېرىنداشلىرىم، ھەممىڭلارغا مەلۇم بولغىنىدەك، ئىسلامىيەتنىڭ ئەشەددىي دۈشمىنى ھېسابلانغان مۇستەبىت كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغان 1949-يىلىدىن تاكى ھازىرغىچە مۇسۇلمان خەلقىمىزنى مەجبۇرى دىنسىزلاشتۇرۇش ۋە مۇقەددەس ئىسلام دىنىمىزنىڭ گۈزەل ۋەتىنىمىزدىكى شانلىق ئىزىنى پۈتۈنلەي ئۆچۈرۈش ئۈچۈن قىلمىغان ۋەھشىيلىكلىرى قالمىدى، ۋەتەن ئىچىدىكى خەلقىمىزنىڭ بىرەر كۈنىمۇ خاتىرجەملىك ۋە شاتلىق ئىچىدە ئۆتۈپ باققىنى يوق، خەلقىمىزنىڭ ھەر بىر كۈنى قانلىق ياش تۆكۈش ۋە مۇسىبەت ئىچىدە ھەسرەتلىنىش بىلەن ئۆتتى، مۇھاجىرەتتىكى قەرىنداشلىرىمىزمۇ ۋەتەندىكى ئاتا-ئانا، ئۇرۇق-تۇققان، دوست-يارەنلىرى ۋە سۆيۈملۈك خەلقىنىڭ دەردى-پىراقىدا قايغۇرۇش، ھەسرەتلىنىش ۋە ئازاپلىنىش تۇيغۇسى ئىچىدە بۈگۈنكىدەك مۇبارەك كۈنلىرىمىزنى كۈتىۋېلىشقا مەجبۇر بولۇپ كەلدى.

بۈگۈن بىز شەرقىي تۈركىستانلىقلار تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن زور ئىرقىي يوقۇتۇشقا دۇچ كېلىۋاتقان بىر خەتەرلىك ۋەزىيەتتە تۇرۇپتىمىز، مۇستەبىت خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ خەلقىمىزگە قاراتقان فاشىستىك قىلمىشلىرى بۈگۈن پۈتۈن خەلقئارا جامائەتچىلىكنى ئويغاتتى، دۇنيا مەدىنىيىتىگە شانلىق تۆھپىلەرنى قوشقان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بىر پۈتۈن مىللەت سۈپىتىدە يوقۇلۇپ كېتىشىگە تاقەت قىلىپ تۇرالمىغان خەلقارا جامائەتچىلىك مۇستەبىت خىتاي ھاكىمىيىتىدىن بۇنىڭ ھېسابىنى سوراش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە باشلىدى. مانا مۇشۇنداق ھالقىلىق بىر پەيتتە، بارلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقى چوقۇم قايغۇنى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، خىتايغا قارشى بىرلىكسەپنى مۇستەھكەملەپ، شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنى كۈچەيتىش يولىدا يۈكسەك جاسارەت ۋە پىداكارلىق روھى بىلەن مىللەت سۈپىتىدە جىددىي ھەركەتكە ئۆتۈشىمىز تولىمۇ زۆرۈردۇر!

ئەگەر بىز ئىنسانىي ھەق-ھوقوقلىرىمىزنى، قەدىر-قىممەتلىرىمىزنى، مىللىي ۋە دىنىي مەۋجۇتلۇقىمىزنى قوغداپ قالىمىز ۋە دۇنيا مۇسۇلمانلىرىغا ئوخشاش ئەركىن ۋە ئازات ھالدا رامىزان ئېيىمىزنى قۇتلۇقلايمىز دەيدىكەنمىز، ئۇ ھالدا چوقۇم خەلقىمىزگە كېلىۋاتقان پۈتۈن زۇلۇم ۋە بالايى-ئاپەتلەرنىڭ تۈپ مەنبىيى ھېسابلانغان خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ مۇستەملىكىسىدىن ۋە بويۇنتۇرۇقىدىن ئۈزۈل-كېسىل قۇرتۇلۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشىمىز ۋە بۇ شەرەپلىك يولدا پۈتۈن پىداكارلىقىمىزنى كۆرسىتىشىمىز لازىم، مانا بۇ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ بىردىن-بىر چىقىش يولىدىن ئىبارەت!

چەكسىز ھۆرمەت ۋە ئېھتىرام بىلەن : 

دولقۇن ئەيسا ( دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى)

2024-يىلى 11-مارت