Responsive Image

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتىنى مەھبۇسلارغا يالغان سۆزلەشكە مەجبۇرلىماقتا

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتىنى مەھبۇسلارغا يالغان سۆزلەشكە مەجبۇرلىماقتا«تەربىيەلەش» لاگېرىدىكىلەرنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى بىلەن كۆرۈشتۈرۈلۈۋاتقان كۆرۈنۈشى.

مەھبۇس ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ رادىيومىزغا كەلگەن ئىنكاسلىرىدا ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى 6 يىلدىن بۇيان لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە سولىۋالغان مەھبۇسلارنىڭ كۆپىنچىسىنى ئائىلىسى بىلەن پەقەت ئايدا بىر قېتىم ئېكران كۆرۈشۈشكە يول قويماقتا. بەزىدە يېزا ئاتلاپ، بەزىدە شەھەر ئاتلاپ بېرىپ ئەمەلىيلەشكەن بۇ كۆرۈشۈش پەقەتلا 2 ياكى 3 مىنۇت ئەتراپىدا داۋام قىلماقتا. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ كۆرۈشۈشلەردە مەھبۇس ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ئۆز ئائىلىسى ۋە جەمئىيەت ھەققىدە مەھبۇسلارغا يالغان گەپ قىلىشقا مەجبۇرلانماقتا. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پىروگراممىسى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.

نۆۋەتتە كانادا ياشاۋاتقان مۇنەۋۋەر خانىمنىڭ غۇلجىدىكى ئاتا-ئانىسى مەھبۇس نەۋرىسىنى شىخۇ تۈرمىسىگە بېرىپ ئېكراندا كۆرگەن. مۇنەۋۋەر خانىمنىڭ بۇ ھەقتىكى يازما ئىنكاسىدا بايان قىلىنىشىچە، ئايلارچە كۈتۈپ ۋە ئۇزۇن مۇساپىنى بېسىپ ئەمەلىيلەشكەن بۇ كۆرۈشۈش ئاران 3 مىنۇتچە داۋام قىلغان. نۆۋەتتە تۈركىيەدە ياشاۋاتقان بىر مۇھاجىرنىڭ يەنە رادىيومىزغا يازما ئىنكاس قىلىشىچە، ئۇنىڭ توققۇزاق مۇش تۈرمىسىدىكى سىڭلىسى بىلەن ئېكراندا كۆرۈشكەن ئاتا-ئانىسى، ئۆز ئائىلە ئەھۋالى ۋە مەھەللە-كوي ھەققىدە يالغان سۆزلەشكە مەجبۇر بولغان. ئۇلار ئۆزلىرىگە ئايدا 400 يۈەندىن بېرىلىۋاتقان تۆۋەن كاپالەت پۇلىنى 1200 يۈەن دېيىشكە كۆندۈرۈلگەن، مەھەللىدە ھەممە ئائىلىلەرنىڭ بەخت-سائادەت ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقىنى مەلۇم قىلغان.

مەھبۇس ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ مەھبۇسلارغا يالغان گەپ قىلىشقا مەجبۇرلىنىشى، ئۆتكەن ھەپتە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن دويىندا تارقالغان بىر سىن ئۇچۇردىنمۇ ۋاسىتىلىك دەلىللەندى. مەزكۇر ئۇچۇردا ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەلۇم بىر ئادۋوكات مەھبۇس ئائىلىلىرىگە قارىتا تەنبىھ ۋە تەۋسىيەلىرىنى بايان قىلغان. بۇ بايانلاردا مەھبۇس ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ مەھبۇسنى يوقلاپ بارغاندا، يىغلىماسلىقى نۇقتىلىق تەۋسىيە قىلىنغان. گەرچە بۇ ئادۋوكات بايانلىرىدا مەھبۇسنىڭ روھىي كەيپىياتىنى ياخشىلاشنى كۆزدە تۇتقاندەك قىلسىمۇ، ئەمما، گەپلىرى ئارىسىدا، كومپارتىيەنىڭ مەزكۇر ئائىلىگە قىلىۋاتقان ياخشىلىقلىرىنى يەتكۈزۈشىنى ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىش ئارقىلىق، خىتاي ھۆججەتلىرىدە ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويۇلۇۋاتقان مەھبۇسلارنى روھىي جەھەتتىن بويسۇندۇرۇش چاقىرىقىغا ئائىلىلەرنى ھەمكارلىشىشقا ئۈندىگەن.

تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان قەشقەر كوناشەھەرنىڭ بۇلاقسۇ ۋە مۇش ساقچىخانىلىرى، مەھبۇس ئائىلىلىرىنىڭ مەھبۇسلارغا يالغان سۆزلەشكە مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى، بەزىلىرى بۇ خىل ئەھۋالنى ئىنكار قىلدى. ئۆزى قەشقەردە مەلۇم بىر ساقچىخانىدا ياردەمچى ساقچى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان بىر خادىم، ئۈرۈمچى ئۆسمۈرلەر تۈرمىسىدە جازا ئۆتەۋاتقان قىزىنى ئۆزى ساقچى ئورنىدا ئىشلەۋاتقانلىقى ئۈچۈنلا ئايدا 2 قېتىم كۆرۈشكە مۇۋەپپەق بولغان. ئەمما ئۇمۇ ھەر قېتىملىق كۆرۈشۈشتە 1-2 سائەت ئۆچرەت ساقلىغاندىن كېيىن بەزىدە 1 مىنۇت بەزىدە 2 مىنۇت سۆزلىشەلىگەن. بۇ ۋاقىتتا كومپارتىيەنى مەدھىيەلەش شەرت بولغاچقا، ئۆز ئائىلە ئەھۋالىنى بىلدۈرۈشكە بېرىلگەن ۋاقىت يېتىشمىگەن.

كوناشەھەرنىڭ مۇش تۈرمىسىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان بىر خادىم، مەھبۇس ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ مەھبۇسلار بىلەن ئېكراندا كۆرۈشكەندە يالغان سۆزلەشكە مەجبۇر ئىكەنلىكىنى يوشۇرمىدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئەگەر كۆرۈشكىنى كەلگەنلەر كەنت كادىرلىرىنىڭ ئۆگەتكىنى بويىچە گەپ قىلمىسا يەنى يالغان سۆزلىمىسە، ئۇلارنىڭ مەھبۇس بىلەن كېيىن قېتىملىق سۆزلىشىشى چەكلىنىدىكەن.

خىتاينىڭ ئاشكارىلىنىپ قالغان مەخپىي ھۆججەتلىرىدە ئەڭ دىققەت تارتقان مەزمۇنلاردىن بىرى رايوننىڭ سابىق پارتكوم سېكرېتارى چېن چۈەنگونىڭ ئۇيغۇرلارنى ئىدارە قىلىش ھەققىدىكى «4 نى ئۈزۈپ تاشلاش» بۇيرۇقى ئىدى. بۇلاردىن ئىككىسى «يىلتىزىنى ئۈزۈپ تاشلاش» ۋە «ئىجتىمائىي ئالاقىسىنى ئۈزۈپ تاشلاش» بولۇپ، كېيىنكىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزئارا ئالاقىسىنىڭمۇ شالاڭلاشتۇرۇلۇشى ۋە ئۆز جەمئىيىتىنىڭ مەسىلىرىدىن خەۋەرسىز قالدۇرۇلۇشى تەۋسىيە قىلىنغانىدى. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر، مەھبۇس ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ مەھبۇسلارغا يالغان سۆزلەشكە مەجبۇرلىنىشىنى ئەنە شۇ جەمئىيەت بىلەن ئالاقىسىنى ئۈزۈۋېتىش تەدبىرىنىڭ بىر ئىجراسى دەپ قاراشماقتا.

يۇقىرىدا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا مەھبۇس ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى مەھبۇسلارغا يالغان سۆزلەشكە مەجبۇرلاۋاتقانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەردۇق.