Responsive Image

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 7-نۆۋەتلىك قۇرۇلتاي ۋەكىل نامزاتلىرى ھەققىدە باياناتى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 7-نۆۋەتلىك قۇرۇلتاي ۋەكىل نامزاتلىرى ھەققىدە باياناتى

د ئۇ ق ئاخباراتى ھۆججەت نومۇرى: DUQ 7-002

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 7-نۆۋەتلىكى ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنى 2021-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن 14-كۈنىگىچە چېخىيەنىڭ پايتەختى پىراگادا ئۆتكۈزۈش قارار قىلىنغاندىن كىيىن، ھەرقايسى تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى، جامائەت ئەربابلىرى ۋە قۇرۇلتاينىڭ خىزمەتچى خادىملىرىدىن بولۇپ 40 تىن ئارتۇق كىشىدىن تەركىب تاپقان قۇرۇلتاي تەييارلىق كومىتېتى، 5 خىزمەت كومىسسىيونىغا بۆلۈنۈپ ئۆزىنىڭ خىزمەتلىرىنى رەسمىي يوسۇندا باشلىدى.

بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايدا، بۆسۈش خاراكتېرلىك بىر ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ ، يۈكسەك دەرىجىدە دېموكراتىيە جارى قىلدۇرۇلۇپ، قۇرۇلتاي ۋەكىللىرى خەلقىمىزنىڭ ئالى مەنپەئەتى ۋە مىللىي ئىرادىسىگە ھەقىقىي ۋەكىللىك قىلىدىغان، پىداكار، قابىلىيەتلىك قېرىنداشلىرىمىز ئىچىدىن ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئاۋاز بېرىشى ئارقىلىق سايلاپ چىقىلىدۇ.

بۇ قارارنىڭ ئىجرا قىلىنىشى ئۇچۇن ھەرقايسى ئەللەردە مەخسۇس 7-نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا ۋەكىل سايلاش كومىتېتلىرى تەسىس قىلىندى، 7-نۆۋەتلىك قۇرۇلتايغا ۋەكىل نامزاتلىرىنى سايلاش خىزمەتلىرى 8-ئاينىڭ ئوتتۇرىغا قەدەر تاماملىنىپ بولىدۇ ۋە ئۇيغۇرلار كۆپ ئولتۇراقلاشقان دۆلەتلەردە 8-ئاينىڭ 22-كۈنى يەكشەنبە ئوخشاش كۈندە بىر تۇتاش ھالدا ۋەكىل سايلىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ.

7-نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىكىگە نامزات بولغۇچىلارغا قويۇلىدىغان تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلىغان ھەرقانداق بىر شەرقىي تۈركىستانلىق، قۇرۇلتاي ۋەكىل نامزاتلىقىغا ئۆزىنى كۆرسىتىش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇپ، ھەرقايسى ئەللەردىكى ۋەكىل سايلاش كومىتېتلىرى بۇ بەلگىلىمىنىڭ پۈتۈن ماددىلىرىغا قاتتىق ئەمەل قىلغان ئاساستا ۋەكىل نامزاتلىرىنى تاللاپ چىقىشى لازىم:

  1. قۇرۇلتاي ۋەكىللىرى ھەرقايسى دۆلەتلەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان قۇرۇلتاي تەركىبىدىكى تەشكىلاتلار ۋە قۇرۇلتاينى ھىمايە قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىقلار تەرىپىدىن دېموكراتىك ئۇسۇلدا سايلاپ چىقىلىدۇ؛
  2. ھەر بىر دۆلەتتە سايلاپ چىقىلىدىغان ۋەكىللەرنىڭ ئەڭ ئاز 3 دىن 1 قىسمى ياشلاردىن ۋە خانىم-قىزلىرىمىزدىن تەركىب تاپقان بولۇشى؛
  3. ۋەكىل نامزاتى جەزمەن 18 ياشنى تولدۇرغان شەرقىي تۈركىستانلىق بولۇشى، ئەڭ ئاز بىر چەتئەل تىلىنى بىلگەن بولۇشى؛
  4. ۋەتەن، مىللەت سۆيگۈسى كۈچلۈك، مىللىي داۋا سېپىمىزدە مىننەتسىز پىداكارلىق كۆرسىتىش روھىغا ئىگە بولۇشى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى قىزغىن ھىمايە قىلىدىغان، قوللايدىغان كىشى بولۇشى، د ئۇ ق ۋە ئۇنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ ئوبرازىغا زىيان يەتكۈزىدىغان سۆز-ھەرىكەتلەردە بولمىغان ۋە بۇندىن كېيىنمۇ د ئۇ ق مەنپەئەتىنى جان-دىل بىلەن قوغدايدىغان، تاپشۇرغان ۋەزىپىلەرنى ئاكتىپلىق بىلەن ئورۇنلايدىغان بولۇشى؛
  5. ئۆزى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىدا خىزمەت قىلغان بولۇشى، ياكى مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن تەشكىلاتلاردا ۋەزىپە ئالمىغان بولسىمۇ ئۆز ئالدىغا مىللىي داۋايىمىز ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقان بولۇشى؛
  6. ئۆزى، چەتئەلدىكى ئائىلە ئەزالىرى خىتاينىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى خىتايغا باغلىنىشلىق بولغان سىياسىي، ئىجتىمائىي، مەدەنىي ۋە تىجارىي ئورۇنلار بىلەن ھەرقانداق شەكىلدىكى ئالاقىدە بولمىغان بولۇشى؛
  7. چوقۇم كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىق، جاۋابكارلىق تۇيغۇسى بولۇشى، ئىلتىماس قىلغان ۋەزىپىگە سايلانغان ياكى تەيىنلەنگەن تەقدىردە، ۋەزىپە ئالغان مۇددەت ئىچىدە ئۆزى مەسئۇل ساھە ھەققىدە تەپسىلىي پىلان-پىروگرام تۈزۈپ چىقالايدىغان ۋە ئۇنى جانلىق شەكىلدە ئىجرا قىلالايدىغان ئىقتىدارغا ئىگە بولۇشى لازىم.
  8. قۇرۇلتاي ئېچىلغىچە بولغان مۇددەتتىن ئەڭ ئاز 3 يىل ئىلگىرگىچە ۋە قۇرۇلتاينىڭ ۋەكىلى بولۇپ خىزمەت قىلغان مۇددەت ئىچىدە، شۇنداقلا ۋەكىللىك مۇددىتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىنكى بىر يىل ئىچىدە شەرقىي تۈركىستان، خىتاي ۋە خىتاي مۇستەملىكىسى ئاستىدىكى رايونلارغا بارمىغان ۋە بارمايدىغان بولۇشى؛
  9. سىياسىي جەھەتتىن بەلگىلىك ئاڭ ۋە تەجرىبىگە ئىگە بولۇشى، خەلقئارا سىياسەت، خىتاي ۋە شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتى ھەققىدە بەلگىلىك چۈشەنچە ۋە مەلۇماتقا ئىگە بولغان بولۇشى؛
  10. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەرىپىدىن يولغا قۇيۇلغان ئۇيغۇرلۇق بەدىلىنى ئىزچىل تۈردە تۆلەپ كەلگەن بولۇشى، مەلۇم سەۋەب تۈپەيلىدىن ھازىرغىچە تۆلىمىگەنلەر 36 ئايلىق بەدەل پۇلىنى ۋەكىل نامزاتلىقىغا ئىلتىماس قىلىشتىن بۇرۇن تۆلىۋېتىشى شەرت (ئۇيغۇرلۇق بەدەل پۇلى: ياۋروپا، ئامېرىكا، ئاسىيا تېنچ ئوكيان رايۇنىدىكى دۆلەتلەر ئۈچۈن ئايدا 5 دوللار؛ تۈركىيە ۋە ئوتتۇرا شەرىق دۆلەتلىرى ئۈچۈن ئايدا 3 دوللار؛ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئۈچۈن ئايدا 1 دوللار)؛
  11. ۋەكىل نامزاتى چوقۇم 7-نۆۋەتلىك قۇرۇلتايغا بىۋاسىتە ياكى تور ئارقىلىق قاتنىشالايدىغان بولۇشى شەرت؛
  12. يۇقارقى شەرتلەرنى ھازىرلىغان شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىز ئۆزىنى 7-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن بۇرۇن ۋەكىل نامزاتلىقىغا كۆرسىتىپ بولۇشى لازىم.
  13. ۋەكىل نامزاتلىرى قۇرۇلتاي تەرىپىدىن تەييارلانغان ۋەكىللىككە ئىلتىماس قىلىش جەدۋىلىنى تولدۇرۇپ، ئۆزى تۇرۇشلۇق دۆلەتتىكى سايلام كومىتېتىغا بەلگىلەنگەن مۇددەت ئىچىدە تاپشۇرۇشى كېرەك. بۇ جەدۋەل ئىنتېرنېت ئارقىلىق ئېلېكتىرونلۇق شەكىلدە ياكى قەغەز يۈزىدە يازما شەكىلدە تولدۇرىلىدۇ. بۇ جەدۋەل ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى سايلام كومىتېتى تەرىپىدىن تەمىنلىنىدۇ.

بىز، ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى تەشكىلاتلار، ۋەتەنپەرۋەرلەر، جۈملىدىن بارچە ۋەتەنداشلىرىمىزنى 7-قۇرۇلتىيىمىز ئۈچۈن ھازىردىن باشلاپ جىددىي سەپەرۋەرلىككە كېلىشكە، بۇنىڭ ئۈچۈن، جايلاردا ئېلىپ بېرىلىدىغان قۇرۇلتاي ۋەكىللىك سايلىمىدىن تارتىپ، ئاخىرقى قۇرۇلتاي رەھبەرلىك سايلىمىغىچە، قۇرۇلتايدىكى ئەركىن مۇزاكىرىلەردىن تارتىپ، ئىستراتېگىيەلىك قارارلارنى ئېلىشقىچە بولغان پۈتۈن جەريانلارغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇشقا، بۇ قۇرۇلتاينىڭ، خەلقىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى ھەقىقىي ئارزۇ-ئىستەكلىرى ۋە تەلەپلىرىگە جاۋاب بېرەلەيدىغان، خەلقئارا سەۋىيەدىكى غەلىبىلىك بىر قۇرۇلتاي بولۇپ ئۆتۈشىگە ئۆز ھەسسىلىرىنى قوشۇشقا چاقىرىمىز.

 

ھۆرمەت ۋە ئېھتىرام بىلەن:

7–نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەييارلىق كومىتېتى

2021-يىلى 7-ئاينىڭ 16-كۈنى

 

قوشۇمچە:

مەزكۇر باياناتنىڭ PDF نۇسخىسىنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ