Responsive Image

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 7 – نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنى چاقىرىش ھەققىدە باياناتى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 7 – نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنى چاقىرىش ھەققىدە باياناتى

د ئۇ ق ئاخباراتى ھۆججەت نومۇرى: DUQ 7-001

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 7 – نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى 2021-يىلى 11 – ئاينىڭ 12 – كۈنىدىن 14 – كۈنىگىچە چېخىيەنىڭ پايتەختى پىراگادا ئۆتكۈزۈلىدۇ.

قۇرۇلتاي نىزامنامىسى بويىچە، ھەر ئۈچ يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزىلىدىغان ۋە ئەسلىدە 2020-يىلى 11-ئايدا ئۆتكۈزۈش قارار قىلىنغان 7-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى، كورونا ۋاباسى سەۋەبىدىن كېچىكتۈرۈلگەن ئىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، بۇ يىل 7 – ئاينىڭ 7 – كۈنى ئېچىلغان د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ يىغىنى ۋە 7-ئاينىڭ 10-كۈنى ئېچىلغان د ئۇ ق تەركىبىدىكى تەشكىلات رەھبەرلىرى يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق، 7 – نۆۋەتلىكى ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنى 2021-يىلى 11 – ئاينىڭ 12 – كۈنىدىن 14 – كۈنىگىچە چېخىيەنىڭ پايتەختى پىراگادا ئۆتكۈزۈش قارارىنى ئالدى.

يۇقىرىقى يىغىندا يەنە «7 – نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىغا تەييارلىق قىلىش كومىتېتى» قۇرۇپ چېقىلدى. تەييارلىق كومىتېتى قارمىقىدا «ۋەكىللەر كومىسيونى»، «نامزاتلار كومىسيونى»، «مالىيە كومىسيونى»، «ئارقا سەپ كومىسيونى» ۋە «كاتىباتلىق» قاتارلىق بەش خىزمەت كومىسيونى تەسىس قىلىندى.

د ئۇ ق نىڭ 7- قۇرۇلتىيى، خىتاي ھاكىمىيىتى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى داۋام قىلدۇرۇۋاتقان ، دۇنيادىكى دېموكراتىك ئەللەر خىتاينىڭ بۇ جىنايىتىنى كۈچلۈك ئەيىبلەۋاتقان ۋە سوراققا تارتىۋاتقان، شۇ جۈملىدىن دۇنيا دۆلەتلىرى ب د ت دە ئۇيغۇر مەسىلىسىدە خىتايغا قارشى تۇرۇش ياكى قوللاش بويىچە ئىككى قۇتۇپقا بۆلۈنگەن، شۇنداقلا، دۇنيانىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىدە زور بۇرۇلۇش يۈز بېرىۋاتقان پەۋقۇلئاددە بىر پەيتكە توغرا كەلدى. بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاي، دەۋر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە بىر قېتىملىق قۇرۇلتاي بولغۇسى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، نۆۋەتتە خەلقئارادىكى شەرقىي تۈركىستان داۋاسىغا ۋەكىللىك قىلىۋاتقان مەركىزى تەشكىلات بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇنىڭ مىللىي ھەرىكىتىمىزدىكى مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيىتى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىن تېخىمۇ ئېشىپ بارماقتا. مۇشۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندىمۇ، 7-نۆۋەتلىك قۇرۇلتاينىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلىشى ۋەتەن سىرتىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىمىزنىڭ بۇندىن كېيىن ھەم ئىزچىل، سىستېمىلىق ۋە ئۇتۇقلۇق داۋام قىلىشىدا زور ئەھمىيەتكە ئىگىدۇر.

بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاي، ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ دېموكراتىك ئۇسۇل بىلەن سايلاپ چىققان قۇرۇلتاي ۋەكىللىرى، كۆزەتكۈچىلەر ۋە تەكلىپ قىلىنغان ئالاھىدە مېھمانلارنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلىدۇ. قۇرۇلتايدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئۆتكەن تۆت يىللىق خىزمەت دوكلاتى، مالىيە دوكلاتى تەقدىم قىلىنىدۇ، شۇنداقلا مىللىي ھەرىكىتىمىزنى تېخىمۇ كۈچلەندۈرۈشنىڭ چارە-تەدبىرلىرى، ئىستراتېگىيەلىرى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىدۇ ۋە مۇھىم قارارلار قوبۇل قىلىنىدۇ.

د ئۇ ق رەھبەرلىك ھەيئىتىدە يېڭى ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلىدۇ. يەنى، د ئۇ ق نىڭ ئىجابىي ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىش بىلەن بىرگە، بۈگۈنكى دۇنيا يۈزلىنىشىگە ماس خىزمەت قىلالايدىغان ياش، قابىلىيەتلىك ۋە جەڭگىۋار يېڭى رەھبەرلىك قوشۇنى دېموكراتىك شەكىلدە سايلاپ چىقىلىدۇ.

7-نۆۋەتلىك قۇرۇلتاي، خەلقىمىزنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق ئارزۇسى ۋە سىياسىي غايىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۇچۇن تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بولغان تەدبىرلەرنى ئىزدەيدىغان، مىللىتىمىزنىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئۈمىدى ۋە كۈرەش ئىرادىسىنى كۈچەيتىدىغان قۇرۇلتاي بولىدۇ. بۇ قۇرۇلتاي يەنە، دۇنيادىكى بىزنى قوللاۋاتقان ھەرقايسى دۆلەتلەر ، سىياسىي پارتىيەلەر، خەلقئارا تەشكىلاتلار ۋە شەرقىي تۈركىستان دوستلىرىغا  ئۆزىمىزنىڭ كەلگۈسىدە يەتمەكچى بولغان بۈيۈك نىشانىمىز ھەققىدە  مەلۇمات بېرىدىغان بىر قۇرۇلتايدۇر. شۇ جۈملىدىن، قۇرۇلتايدا، شەرقىي تۈركىستان خەلقنىڭ مىللىي مۇستەقىللىقىغا ئېرىشىشتىن ئىبارەت ئاداققى غايىسى ۋە سىياسىي نىشانى دۇنياغا يەنە بىر قېتىم جاكارلىنىدۇ.

بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاي، مىللىي دەۋا ئىشلىرىمىزغا پايدىلىقلا بولغان ھەرخىل پىكىر ئېقىملىرى ۋە كۆز قاراشلارنىڭ ئەركىن ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى ئۈچۈن كەڭرى سورۇن ھازىرلاپ بېرىدۇ، شۇنىڭدەك، بۈگۈنگىچە ، ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن مىللىي ھەرىكىتىمىز، جۈملىدىن د ئۇ ق نىڭ سىرتىدا قالغان ياش، قابىلىيەتلىك زىيالىيلىرىمىز ۋە پائالىيەتچىلىرىمىزگە كەڭ قۇچاق ئاچىدۇ.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خەلقىمىزنىڭ قۇرۇلتىيىدۇر!

بىز، ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى تەشكىلاتلار، ۋەتەنپەرۋەرلەر، جۈملىدىن بارچە ۋەتەنداشلىرىمىزنى نويابىردا ئۆتكۈزۈلىدىغان 7- قۇرۇلتىيىمىز ئۈچۈن ھازىردىن باشلاپ جىددىي سەپەرۋەرلىككە كېلىشكە ، بۇنىڭ ئۈچۈن، جايلاردا ئېلىپ بېرىلىدىغان قۇرۇلتاي ۋەكىللىك سايلىمىدىن تارتىپ، ئاخىرقى قۇرۇلتاي رەھبەرلىك سايلىمىغىچە، قۇرۇلتايدىكى ئەركىن مۇزاكىرلەردىن تارتىپ، ئىستراتېگىيەلىك قارارلارنى ئېلىشقىچە بولغان پۈتۈن جەريانلارغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇشقا، بۇ قۇرۇلتاينىڭ، خەلقىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى ھەقىقىي ئارزۇ-ئىستەكلىرى ۋە تەلەپلىرىگە جاۋاب بېرەلەيدىغان، خەلقئارا سەۋىيەدىكى غەلىبىلىك بىر قۇرۇلتاي بولۇپ ئۆتۈشىگە ئۆز ھەسسىلىرىنى قوشۇشقا چاقىرىمىز.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى

2021 – يىلى 7-ئاينىڭ 14-كۈنى