Responsive Image

غۇلجادا تېرىلغۇ يەر ۋە باغ-ۋارانلارنى يەرلىك ئاھالىلەردىن تارتىۋېلىش زوراۋانلىقى يەنە داۋام قىلماقتا

غۇلجادا تېرىلغۇ يەر ۋە باغ-ۋارانلارنى يەرلىك ئاھالىلەردىن تارتىۋېلىش زوراۋانلىقى يەنە داۋام قىلماقتابايكۆلدە ئېتىز بېشىدا يېرىنى قوغداپ ياتقان دېھقان تۇرسۇن تۇرغان. 2013-يىلى ئىيۇن. غۇلجا.

ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاينىڭ گاۋتوڭ باغۋەنچىلىك شىركىتى غۇلجا ناھىيە قاراياغاچ يېزىسىدىكى 5000 مو يەرنى ئىگىلىۋېلىپ، 2020‏-يىلى 40 مىليون يۈەن كىرىم قىلغان. شىركەت مو بېشىغا 8000 يۈەندىن توغرا كەلگەن بۇ كىرىمنىڭ پەقەت 300 يۈەنىنى يەرلىك ئاھالىلەرگە بېرىپ، قالغان 7700 يۈەننى چۆنتىكىگە سالغان. يەرلىك ئاھالىلەر پەقەت پايدىنىڭ 3.75 پىرسەنتكە ئىگە بولالىغان.

ئۆتكەن ئايدا قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى زۇلھايات ئىسمائىل تەرىپىدىن يېزىلغان ۋە خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا بەس-بەستە كۆچۈرۈپ تارقىتىلغان «شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدە گەپ قىلىشقا كىم ئەڭ ھوقۇقلۇق» ماۋزۇلۇق ئوبزوردا، ئۇيغۇر ئېلىدا يەرلەرنى قولدىن-قولغا ئۆتكۈزۈپ باشقۇرۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلغاندىن كېين، يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ يەرلەردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشىغا ئاساس تىكلەنگەنلىكى ئالاھىدە شەرھىيلىگەن ئىدى. بۇ شەرھىيدە يەنە يەرلەرنى قولدىن-قولغا ئۆتكۈزۈشتە يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ ئىرادىسى بويىچە ئىش تۇتۇلۇۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلگەن ئىدى.

ئاڭلىغۇچىلىرىمىزدىن بىرىنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، غۇلجا ناھىيەسىدىكى گاۋتوڭ باغۋەنچىلىك شىركىتى قاراياغاچ يېزىلىق ھۆكۈمەت بىلەن كېلىشىپ، مەزكۇر يېزىدىكى 1000 ئائىلىلىك بىر كەنتنىڭ قولىدىكى 5000 مىڭ مو بىنەم يەرنى ئىگىلىۋلغان ۋە باغقا ئايلاندۇرغان. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان قاراياغاچ يېزىسىدىكى بىر كەنت ئامانلىق مۇدىرى، تەۋەلىكتىكى مەزكۇر 5000 مو يەرنىڭ گاۋتوڭ شىركىتىگە ئۆتكۈزۈپ گېرىلگەنلىكىنى دەلىللىدى.

ئاڭلىغۇچىمىزنىڭ ئىنكاسىدا، يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ بۇ يەرلەرنى گاۋتوڭ شىركىتىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىش ئۈچۈن ئاھالىلەرنى ئالداش ۋە قورقۇتۇش تەدبىرلىرىنى يولغا قويغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. مەزكۇر ئامانلىق مۇدىرى، يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ گاۋتوڭ شىركىتى ھەققىدە بىر قاتار تونۇشتۇرۇش ئېلىپ بارغانلىقى ئۇنىڭ قاش يېزىسىدا بەرپا قىلغان باغۋەنچىلىك مەيدانىغا كەنت ئەزالىرىنى زىيارەتكە ئاپىرىپ، ئۇلارغا ئىدىيەۋىي خىزمەت ئىشلىگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

قولىمىزدىكى ئىنكاستا، ئاھالىلەرنىڭ بۇ تەشۋىقاتلارغا قايىل بولمىغانلىقى، ئەمما يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئاھالىلەرنىڭ نارازىلىقىغا پەرۋا قىلماستىن، بىنەم يەرنى نورمال بازار باھاىسدىنمۇ تۆۋەن ھالەتتە گاۋتوڭ شىركىتىگە ئىجارىگە بېرىۋەتكەنلىكى قەيت قىلىنغان. مەزكۇر ئامانلىق مۇدىرىمۇ، ئاھالىلەر ئادەتتە موسىغا ئاز دېگەندە 1000 يۈەندىن كىرىم قىلالايدىغان بۇ 5000 مو يەرنىڭ يىللىقىغا 300 يۈەندىن ئىجارىگە بېرىۋەتلگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

زۇلھايات ئىسمائىل يۇقىرىقى ئوبزورىدا، يەرلەر قولدىن-قولغا ئۆتكەندىن كېيىن، ھەر مىللەت ئاممىسى ئۆز ئالاھدىلىكلىرىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكى ۋە ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ھوسۇلىدىن تەڭ بەھرىمان بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. ئەمما «خىتاي خەۋەرلەر تورى» دا ئۆتكەن يىلى ئېلان قىلىنىشىچە، قاراياغاچ يېزىسىدىكى مەزكۇر باغدىن 2020‏-يىلى خىتاينىڭ جېڭجۇ، شاڭخەي ۋە چوڭچىڭ شەھەرلىرىگە جەمئىي 40 مىليون يۈەنلىك مېۋە ساتقان. يەنى مو بېشىغا 8000 مىڭ يۈەندىن كىرىم قلغان.

مەزكۇر ئامانلىق مۇدىرى، گاۋتوڭ شىركىتىنىڭ باغدىن قانچىلىك پايدا ئېلىۋاتقانلىقىدىن خەۋەرسىزلىكىنى ئېيتىش بىلەن بىرلىكتە، شىركەتنىڭ تۈزۈلگەن توختام بويىچە يىلىغا 30 يۈەندىن ئاشۇرۇپ، 2020 يىلى ئاھالىلەرگە 330 يۈەن يەر ھەققى بەرگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. دېمەككى، 5000 مو باغدىن كىرىم قىلىنغان 40 مىليون يۈەندىن، بىر مىليون 500 مىڭ يۈەن، يەنى كىرىمنىڭ 3.75 پىرسەنتى يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ قولىغا تەگكەن، 96.5 پىرسەنتى بولسا خىتاي شىركىتىنىڭ چۆنتىكىگە چۈشكەن.

قولىمىزدىكى ئىنكاستا يەنە دېيىلىشىچە، بۇ تەڭپۇڭسىزلىققا نارازى بولغان بەزى ئاھالىلەر، ئوبلاست ۋە ئاپتونۇم رايونلارغىچە ئەرز سۇنۇپ باققان بولسىمۇ، بۇ باغنىڭ كىرىمىدىن ھېچقانداق تولۇقلىما پۇل ئالالمىغان.

بۇ يېزىدىن تېلېفوىنىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر كەنت ساقچىسى، دۆلەتنىڭ بۇ خىل يەر باشقۇرۇش سىياسىتىنى مەدھىيەلەش بىلەن بىرلىكتە، بىر قىسىم ئاممىنىڭ «ياخشىلىق» نىڭ قىممىتىنى بىلمەستىن ئەرز-شىكايەتلەردە بولۇۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئۇ يەنە مەزكۇر 5000 مو باغنىڭ يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ ئىرادىسى بىلەن ئەمەس، پەقەت يېزىلىق ھۆكۈمەت ۋە كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ قارارى بىلەن گاۋتوڭ شىركىتىگە ئۆتكۈزىۋېتىلگەنلىكىنى دەلىللىدى.

زۇلھايات ئىسمائىلنىڭ مەزكۇر ئوبزورىدا، يەرلەرنىڭ مۇشۇ خىل شەكىلدە قولدىن قولغا ئۆتكۈزۈلۈشى، خەلقئارانىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك ھەققىدىكى تەنقىدلىرىنى ئىنكار قىلىش ئۈچۈن پاكىت سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى.