Responsive Image

گوللاندىيىدە ئۇيغۇر مەشرىپى ئۆتكۈزۈلدى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى

2010-يىلى 9-دېكابىر گوللاندىيىنىڭ ئامىستېردام شەھىرىدە ئۇيغۇر مەشرىپى ئۆتكۈزۈلدى. «گوللاندىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتى»، «گوللاندىيە ئۇيغۇرلارغا ياردەم بېرىش گۇرۇپپىسى» ۋە «گوللاندىيە ئۇيغۇر مەشرەپ ئانسامبىلى» قاتارلىقلارنىڭ زىچ ھەمكارلىشىشى بىلەن «تېروپىن» تىياتىرخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ مەشرەپكە گوللاندىيىلىك مېھمانلارمۇ ئىشتىراك قىلدى.

ئۇيغۇر كىيىملىرى بىلەن ياسانغان ئارتىسلارنىڭ ئىجراسىدا تەمبۈر، دۇتار، نەي، غېجەك، داپ ۋە راۋاب قاتارلىق ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى مۇزىكىلىرىدىن ياڭرىغان مۇڭلۇق مېلودىيىلەر بىلەن مۇكەممەل ئورۇنلانغان ئۇيغۇر كلاسسىك ناخشىلىرى كۆرۈرمەنلەرنى ھاياجانغا سالدى. نەپىس ۋە گۈزەل ھەرىكەتلىرى بىلەن خاسلاشقان ئۇيغۇر ئۇسۇلى تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.

مەشرەپ ئىككى سائەتتىن ئارتۇق داۋام قىلغان بولۇپ، ئارىلىقتىكى قىسقا دەم ئېلىش پۇرسىتىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئۇيغۇر يېمەكلىرى تاماشىبىنلارنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولدى. چەتئەللىك تاماشىبىنلار ئۆز-ئارا بەس-مۇنازىرە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ سەنئىتى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىدىن تارتىپ، نۆۋەتتىكى سىياسىي تراگېدىيىلەرگە قەدەر پىكىرلەشتى.

«گوللاندىيە ئۇيغۇرلارغا ياردەم بېرىش گۇرۇپپىسى» نىڭ تەشكىللىگۈچىسى، گوللاندىيە پارلامېنت ئەزاسى خاررى فانبوممىل ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى سەنئىتى بىلەن تااملىرىنىڭ ئۆزگىچىلىكىدىن ئالغان تەسىرىنى بايان قىلىپ: «بۈگۈن پەرقلىق بىر مەدەنىيەتنىڭ ماھىيىتىنى يېڭىدىن كۆرۈڭەندەك بولدۇم. باشقا دوستلارنىڭمۇ ھاياجانلانغانلىقى ھېس قىلدىم» دېدى.

ئۇيغۇر تاماشىبىنلارمۇ بەس-بەستە پىكىر بايان قىلىپ، بۈگۈنكى سەنئەت كېچىلىكىنى كۆرۈپ، ئۆز ۋەتىنىدە تۇرۇپ كۆرگەندەك تۇيغۇلارغا چۆمگەنلىكىنى بايان قىلدى.

كېچىلىك شۇنداق قىزغىن ۋە ھاياجان بىلەن ئۆتتى. ھەتتا «گوللاندىيە مەشرەپ ئانسامبىلى» نىڭ ئارتىسلىرى بارلىق نومۇرلار ئاخىرلاشقانلىقى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىنمۇ، تاماشىبىنلارنىڭ توختىماي چاۋاك چېلىپ تەلەپ قىلىشى بىلەن يەنە بىر قانچە نومۇرلار ئارتۇق كۆرسىتىلىپ، ھەممەيلەننى رازى قىلدى.

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/tepsili_xewer/gollandiye-uyghur-meshrep-12142010150742.html/story_main?encoding=latin