Responsive Image

NED سۆھبىتى: «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلىشىغا قارشى كۈرەشلەر»

NED سۆھبىتى: «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلىشىغا قارشى كۈرەشلەر»ئامېرىكا «دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى» (NED) 14-مارت كۈنى چۈشتىن كېيىن ئاچقان مەخسۇس مۇھاكىمە يىغىنىدا د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى سۆزلەۋاتىدۇ. 2024-يىلى 14-مارت، ۋاشىنگتون.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلىشى مۇئەييەن دەرىجىدە بىلىنگەن بولسىمۇ، تاشقى دۇنياغا ئانچە تونۇشلۇق بولمىغان زۇلۇم شەكىللىرىنىڭ بىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشلارنىڭ ئىزچىل داۋام قىلىپ كەلگەنلىكى بولماقتا. بۇ خىل زۇلۇملارنىڭ قۇربانلىرى ئوخشىمىغان شەكىللەردە بۇنى پاش قىلغان بولۇپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى (د ئۇ ق) نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا يازغان «خىتاينىڭ ئەركىنلىك تۇزىقى» ناملىق ئەسەرنى شۇ قاتاردىكى ۋەكىللىك ئەمگەكلەردىن، دېيىش مۇمكىن. 2022-يىلى ئەنگلىيەدە نەشر قىلىنغاندىن بۇيان مەزكۇر ئەسەر خەلقئارادا بەلگىلىك تەسىر قوزغىغان بولۇپ، ئامېرىكا «دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى» (NED) 14-مارت كۈنى چۈشتىن كېيىن بۇ ئەسەر ھەققىدە مەخسۇس مۇھاكىمە يىغىنى چاقىردى.

يىغىندا ئالدى بىلەن «دېموكراتىيەنى ئالغا سۈرۈش فوندى» نىڭ پىرېزىدېنتى دېيمون ۋىلسون (Damon Wilson) ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىدى. ئۇ سۆزىدە بۇنىڭ يالغۇزلا بىر كىتاب تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى ئەمەسلىكىنى، ئەكسىچە بىر مىللەت دۇچ كېلىۋاتقان زۇلۇمنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى چۈشىنىش، بولۇپمۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلىشى ھازىر ئاللىقاچان خىتاي چېگراسىدىن ھالقىپ، دېموكراتىك ئەللەرنىڭ بوسۇغىسىدا قانداق كېڭىيىۋاتقانلىقىنى بىلىشتە، شۇنىڭدەك خىتاينىڭ بۇ مەسىلىلەردىكى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتە قىلىشتا مۇھىم قىممەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ: «د ئۇ ق قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقى تەبرىكلىنىۋاتقاندا، شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستاندىكى قىرغىنچىلىق ۋە زۇلۇم ئۈچۈن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى بىر قاتار قارارلارنى ئېلىۋاتقاندا بۇنداق كىتابلار تېخىمۇ مۇھىم» دېدى.

بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئەزىز مېھمىنى بولغان دولقۇن ئەيسا ئارقىدىن سۆز ئالدى. ئۇ ئۆزىنىڭ 1990-يىللىرى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىگە رەھبەرلىك قىلىش سەۋەبىدىن مەكتەپتىن قوغلانغان ۋاقىتلىرىدىن تارتىپ بۇ خىل زۇلۇملارنى تارتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، گەرچە ئۇ خىتايدىن قېچىپ ياۋروپادىكى ئەركىن تۇپراققا قەدەم ئالغان بولسىمۇ شۇنىڭدىن كېيىنكى 21 يىلدا ئىزچىل تۈردە خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان پاراكەندىچىلىكلىرى تۈپەيلىدىن ئونلىغان خەلقئارا ئايرودۇرۇملاردا توسۇپ قويۇلغانلىقىنى، ھەتتا خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىگە دۇچ كەلگەنلىكىنى سۆزلەپ ئۆتتى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ساھەدىكى ئەۋزەللىكى ۋە سىياسىي تەسىرىدىن پايدىلىنىپ دولقۇن ئەيسانى خەلقئارادا قاتمۇقات توسقۇنلۇقلارغا دۇچار قىلغان ھەمدە شۇ ئارقىلىق ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن سۆز قىلىشىنى توسماقچى بولغان. ھەتتا «خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى» نى سۇيىئىستېمال قىلىش ئارقىلىق دولقۇن ئەيسا توغرىسىدا «قىزىل رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقى» ئېلان قىلدۇرغان. گەرچە خىتاينىڭ ھەر خىل شەكىللەردىكى تۇزاقلىرى بىرىنىڭ ئارقىسىدىن يەنە بىرى ئوتتۇرىغا چىقىپ تۇرغان بولسىمۇ دولقۇن ئەيسا ھېچقاچان ئۈمىدنى يوقاتمىغان. ئەركىنلىك ۋە ئادالەتنىڭ بەدەلسىز بولمايدىغانلىقىنى ئۇنتۇمىغان ھالدا ئۆز دۇچ كەلگەن توسقۇنلۇقلارنى ۋە تۇزاقلارنى بەربات قىلغان. ئاخىرقى ھېسابتا ئۇنىڭ بۇ خىل قارشىلىق كۆرسىتىش روھى ئۆز غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرگەن. ئەمما بۇ جەرياندا ئۇنىڭ يېقىنلىرى، جۈملىدىن ئاتا-ئانىسى، ئايالى ۋە ئائىلىسى روھىي جەھەتتە بۇنىڭ دەردىنى كۆپ تارتقان. بولۇپمۇ ئانىسى بۇ جەرياندا ئۆزلىرى تارتقان سورۇقچىلىقلار ئۈچۈن قىلچە ئاغرىنماستىن دولقۇن ئەيسا ئۈچۈن ئەڭ زور دەرىجىدە قۇربان بەرگەن ھەمدە خىتاي لاگېرىدا جان ئۈزگەن. دولقۇننىڭ ئايالىمۇ شۇ قاتاردا كۆپلىگەن روھىي بېسىملارغا دۇچ كەلگەن. ئەمما ئۇلار ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ مەردانىلىكى ۋە قەيسەرلىكىنى ئۆزلىرىنىڭ ئەمەلىيىتى ئارقىلىق نامايان قىلغان. شۇڭا بۇ ئەسەر يالغۇز دولقۇن ئەيسانىڭ ھايات كەچۈرمىشلىرى بولۇپلا قالماستىن ئۇيغۇر خەلقى، جۈملىدىن ئۇيغۇر ئاياللىرى دۇچ كېلىۋاتقان زور پاجىئەلەرنىڭمۇ جانلىق ئىنكاسى.

ئامېرىكا «دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى» (NED) 14-مارت كۈنى چۈشتىن كېيىن ئاچقان مەخسۇس مۇھاكىمە يىغىنىدا د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى سۆھبەتتە. 2024-يىلى 14-مارت، ۋاشىنگتون.

ئامېرىكا «دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى» (NED) 14-مارت كۈنى چۈشتىن كېيىن ئاچقان مەخسۇس مۇھاكىمە يىغىنىدا د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى سۆھبەتتە. 2024-يىلى 14-مارت، ۋاشىنگتون.

سۆھبەت رىياسەتچىسى، «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ ئوبزورچىسى جوش راگىن (Josh Rogin) ئۆزىنىڭ بۇ كىتابنى ئوقۇپ چىقىش جەريانىدا ھېس قىلغانلىرىنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشتى. شۇنىڭدەك بۇنىڭ قۇربان بېرىش ۋە قارشىلىق كۆرسىتىش ھەققىدىكى تىپىك ھېكايە ئىكەنلىكىنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ بىر مۇھىم مەزمۇنى بولغان چېگرا ھالقىغان زۇلۇملار ھەققىدىكى جانلىق بايانلار ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى.

مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ يەنە بىر ئەزىز مېھمىنى ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى (ئا ق ش) نىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) دا تۇرۇشلۇق سابىق باشئەلچىسى كېللىي كۇرىي (Kelley Currie) خانىم ئىدى. ئۇ ئۆزى ب د ت دا ئىشلەۋاتقان مەزگىللەردە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ب د ت نى سۇيىئىستېمال قىلىش ھەرىكىتىنىڭ بىر مۇھىم قۇربانى دەل دولقۇن ئەيسانىڭ ب د ت مۇنبىرىدە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن سۆز قىلىشىنى توسۇش بولغانلىقى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى نيۇ-يورك ۋە جەنۋە شەھەرلىرىدە ب د ت يىغىنىغا تەكلىپ قىلىنغان دولقۇن ئەيسانى تۈرلۈك يوللار بىلەن يىغىندىن چەكلەش، ۋەكىللىك ئورنىنى بىكار قىلىش، ھەتتا ئۇنى قوغلاپ چىقىرىشقا ئۇرۇنغان. ئەمما ھەققانىيەتنى ھىمايە قىلغۇچى ھەر ساھە كىشىلىرىنىڭ تىرىشچانلىقى تۈپەيلىدىن خىتاينىڭ بۇ خىلدىكى تۇزاقلىرى ۋە سۇيىقەستلىرى ئەمەلگە ئاشمىغان.

شۇنىڭدىن كېيىن خىتاينىڭ خەلقئارانىڭ كۆزىنى بوياشتىكى ۋاسىتىلىرى، ئۇيغۇرلارنى دۇنياغا «سەلبىي كۈچلەر» تەسۋىرىدە تونۇشتۇرۇشى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىدىكى ئۆزگىرىشلەر، ئىرقىي قىرغىنچىلىق داۋام قىلىۋاتقان ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ غەرب دۇنياسىغا ئېكسپورت قىلىنىشى، ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ دېموكراتىك ئەللەرگە يەرلەشتۈرۈلۈشى قاتارلىق مەسىلىلەر بويىچە بىر قاتار سوئال جاۋابلار بولۇپ ئۆتتى.

پائالىيەتنىڭ ئاخىرىدا ئايرىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دېيمون ۋىلسون ئەپەندى بۇ خىلدىكى ئەسەرلەرنىڭ ماھىيەتتە ئۇيغۇر جەمئىيىتى دۇچ كېلىۋاتقان قىرغىنچىلىقنىڭ نۆۋەتتىكى تەرەققىياتىنى كۆرسىتىپ بېرىشتە جانلىق ۋاسىتە بولىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

«مېنىڭچە بۇ بەك مۇھىم. چۈنكى بىز خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئىنسانلارغا، خەلق ئاممىسىغا ۋە شەخسلەرگە قانداق زۇلۇملارنى سېلىۋاتقانلىقىنى مۇشۇنىڭدىن بەكمۇ ئوچۇق كۆرۈپ يېتەلەيمىز. گەرچە بىز دوكلاتلاردىن، گېزىت خەۋەرلىرىدىن ياكى تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرىدىن بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرنى ئاڭلاپ تۇرساقمۇ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان، پاراكەندە قىلىنغان ۋە ئۆمۈر بويى ئۆز غۇرۇرى ئۈچۈن كۈرەشكەن بىر شەخسنىڭ ھايات كەچمىشلىرىنى بۇ كىتابتىن كۆرەلەيمىز. ئەقەللىيسى مۇشۇنداق بىر كىشىنىڭ ئانىسى ئاخىرىدا لاگېردا جان ئۈزگەن. شۇڭا بۈگۈنكى بۇ پائالىيەتنىڭ يەنە بىر ئەھمىيىتى شۇ يەردىكى، بىز بۇ ئارقىلىق خىتاي ئىجرا قىلىۋاتقان زۇلۇملارنى ئاددىي خەلققە تونۇشتۇردۇق، شۇنىڭدەك بۇ زۇلۇملارنىڭ ئاللىقاچان كىشىلەر خاتىرجەملىك ئىچىدە ھايات كەچۈرۈشكە تېگىشلىك بولغان ئەركىن جەمئىيەتكە، بىزنىڭ ئۆز تۇپرىقىمىزغا يامراپ بولغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردۇق. »

كېللىي كۇررىي خانىم يىللاردىن بۇيان دولقۇن ئەيسا دۇچ كەلگەن تۈرلۈك توسقۇنلۇقلار ۋە خىتاينىڭ ئۇنىڭغا قارشى تۇزاقلىرىغا قارشى كۈرەشتە ئىزچىل يېقىندىن ياردەمدە بولۇپ كەلگەن كىشىلەرنىڭ بىرى. ئۇ بۇ ھەقتە رادىيومىزغا سۆز قىلىپ ئۇيغۇر ئاپتورلار يېزىپ چىققان مۇشۇ خىلدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئاۋامنى تەربىيەلەشتە زور رول ئوينايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى:

«شەخسەن مەن نۇرى تۈركەلنىڭ ياكى دولقۇن ئەيسانىڭ كىتابىنى ئوقۇپ چىققان كىشىلەر بىلەن ئۇچرىشىپ باققان. ئۇلارنىڭ ھەممىسىلا ئۆزلىرىنىڭ بۇ كىتابلارنى ئوقۇشتىن بۇرۇن ئۇيغۇرلارنىڭ رېئال ئەھۋالى ھەققىدە ئانچە كۆپ نەرسىنى بىلىپ كەتمىگەنلىكىنى، بۇ كىتابلارنىڭ بولسا ئۇلارنىڭ ئوبدانلا كۆزىنى ئېچىپ قويغانلىقىنى ۋە بۇ ئىشلار ھەققىدە تۇنجى قېتىم تەپسىلىي مەلۇمات بەرگەنلىكىنى تىلغا ئالىدۇ. دېمەك بۇ كىتابلار ئوقۇرمەنلەرگە زور تەسىر كۆرسەتكەن، شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى بىلمەيدىغانلارنىڭ بۇ ھەقتە چۈشەنچە ھاسىل قىلىشىغا ياردەمدە بولغان. خەۋىرىڭىز بولغىنىدەك، بۇ دۇنيادا باشقىلارنىڭ دىققىتىنى قوزغاشتا رىقابەتكە چۈشكەن نۇرغۇن ھادىسىلەر مەۋجۇت. بۇ كىشىلەرنىڭ ئاشۇ خىلدىكى ئەسەرلىرى بولسا ئاشۇنداق تەسىرلىك ۋە مۇھىم بولغان ھېكايىلەرنى كۈچلۈك شەكىلدە بايان قىلىپ بەرگەن. بۇ خىلدىكى شەخسلەرنىڭ ئۆز ھېكايىلىرىنى سۆزلىشى بۇ جەھەتتىن ئالغاندا ناھايىتى مۇھىم. »

بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنى توغرىسىدا سۆز بولغاندا دولقۇن ئەيسا بۇ كىتاب گەرچە ئۆز نامىدا ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ بۇنىڭغا نەچچە ئونلىغان كىشىنىڭ ئەجرى سىڭگەنلىكىنى، شۇنىڭدەك بۇ كىتابنىڭ ئۆز نۆۋىتىدە ئۇيغۇر داۋاسىدىكى بىر تۈرلۈك مەزمۇن ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالىدۇ.

مەلۇم بولۇشىچە، يېقىنقى يىللاردا خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان زۇلۇملىرى كۆپلىگەن شەكىللەردە داۋام قىلىۋاتقان ۋە كېڭىيىۋاتقان بولۇپ، يىغىن ئىشتىراكچىلىرى كۆرسىتىپ ئۆتكەندەك «ئۇيغۇرلار بۇنىڭ ھازىرقى قۇربانلىرى بولسا، غەرب دۇنياسى كېيىنكى نۆۋەتلىك قۇربانلىرى بولۇش ئالدىدا» دەپ قارىلىشقا باشلىماقتا.