Responsive Image

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ رامىزان مەزگىلىدىكى رەسمىي ۋە غەيرىي رەسمىي جامائەت پىكىر سورۇنلىرىدا رامىزان ھەققىدە گەپ يوق

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ رامىزان مەزگىلىدىكى رەسمىي ۋە غەيرىي رەسمىي جامائەت پىكىر سورۇنلىرىدا رامىزان ھەققىدە گەپ يوقخىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان تۈرلۈك بېسىمى ۋە دىنىي ئېتىقاد چەكلىمىلىرى ئۇيغۇرلارنى چۈشكۈنلەشتۈرمەكتە. 2009-يىلى 17-ئىيۇل، ئۈرۈمچى.

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە رامىزان مەزگىلىدە يېمەك-ئىچمەك بازارلىرى ۋە توي-تۆكۈن سورۇنلىرى نورمالدىكىدەك قايناق ھالەتتە داۋام قىلماقتا. بازارنىڭ ئاۋاتلىشىشى كەچكە سۈرۈلۈش، توي-تۈكۈنلەر رامىزاندىن كېيىنگە قالدۇرۇلۇش ئەسلىدە رامىزاننىڭ تۇرمۇش رىتىملىرىدىن ئىدى. بۇ ئۆزگىرىشنىڭ سەۋەبلىرىنى بىلىش ئۈچۈن، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇرچە ۋە خىتايچە دۆلەت ئاخباراتىنىڭ خەۋەرلىرىگە نەزەر تاشلىدۇق. بۇ رەسمىي ئاخباراتلاردىمۇ، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىمۇ رامىزان ھەققىدە ھېچقانداق خەۋەر ياكى خەۋەر يىپ ئۇچىغا ئېرىشەلمىگەندىن كېيىن، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئالاقىدار خادىملارغا تېلېفون قىلدۇق. غۇلجا ناھىيەسىدىن تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر كەنت ئاياللار مۇدىرى، سوئالىمىزدىن چەتنىگەن ھالدا ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ روزا تۇتمىغانلىقىنى بايان قىلدى، ئارقىدىن ئۆز تەۋەلىكىدىكى ئاھالىلەرنىڭمۇ ئوخشاش ئەھۋالدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. غۇلجا شەھىرىدىكى بىر كەنت ساقچىسى، رامىزان مەزگىلىدە سىياسىي ئۆگىنىشلەرنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى، ئەمما بۇ ئۆگىنىش ۋە يىغىنلاردا تا ھازىرغىچە رامىزان ھەققىدە ھېچقانداق گەپ بولۇنمىغانلىقىنى بايان قىلدى. ئاھالىلەرنىڭ بەك «ئاڭلىق» بولۇپ كەتكەنلىكى، بۇ سەۋەبتىن روزا تۇتمايۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بۇ خادىم، بەزى ياشانغان ئاھالىلەر روزا تۇتۇشقا رۇخسەت بار-يوقلۇقى ھەققىدە سوئال سورىغان چېغىدا، ئۇلارنىڭ جاۋابسىز قالدۇرۇلغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. دېيىلىشىچە، تۆۋەنگە خىزمەت چۈشكەن بىر كادىر، روزا تۇتۇشقا رۇخسەت بار-يوقلۇقى ھەققىدىكى سوئالغا يۇقىرىدىن ئۇقتۇرۇش كەلگەندىن كېيىن جاۋاب بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان، ئەمما تا ھازىرغىچە ھېچقانداق جاۋاب بەرمىگەن.

بىز رامىزان ھەققىدىكى بۇ جىمجىتلىقنىڭ سەۋەبىنى سۈرۈشتە قىلىپ ئىلى ئوبلاستلىق پارتكومغا تېلېفون قىلدۇق. پارتكومدىكى بىر خادىم، بۇ يىل رامىزان ھەققىدە ھېچقانداق بىر يىغىن ئېچىلمىغانلىقى، ئۇقتۇرۇشمۇ تارقىتىلمىغانلىقى، ئورۇنلاشتۇرۇشمۇ ئېلىپ بېرىلمىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ ئورۇندىكى يەنە بىر خادىم، رامىزان ھەققىدە ھېچقانداق ئۇقتۇرۇش چىقماسلىقنىڭ سەۋەبى ھەققىدە كەسپىي ئورگانلارنىڭلا مەلۇماتى بارلىقى، ئۆزلىرىنىڭ خەۋەرسىزلىكىنى ئېيتتى.

نۆۋەتتە نورۋېگىيەدە ياشاۋاتقان، «ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپى» نىڭ يېتەكچىسى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ رامىزان ھەققىدە رەسمىي سورۇن ياكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئېغىز ئاچماسلىقىنىڭ سەۋەبلىرى ئۈستىدە توختالدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، خىتاي تەرەپ خەلقئارا جامائەت پىكرىنىڭ رامىزان ھەققىدىكى نازارەت ۋە تەنقىدلىرىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ئۈچۈن، بۇ تېمىنى ئاخبارات كۈنتەرتىپىدىن ئۇزاق تۇتقان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. بەختىيار ئەپەندى يەنە، 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇندا كىشىلەر مىللىي ۋە دىنىي ئۆرپ-ئادەتلەر بويىچە ياشىغانلىقى سەۋەبلىك ئېغىر زەربىلەرگە ئۇچرىغانلىقى ئۈچۈن، كىشىلەر روزا تۇتۇشقا جۈرئەت قىلالمايدىغان ھالغا كەلگەن. شۇڭا دائىرىلەر، روزا تۇتماسلىق ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈرۈشنىڭ ھاجىتى قالمىغانلىقىنى بايقىغاندىن كېيىن، بۇ ھەقتە ئاشكارا بىر چەكلەش تەدبىرى ئېلان قىلمىغان. ھەتتا ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان كادىرلارمۇ بۇ ھەقتە ئۆز ئالدىغا يول كۆرسىتىشكە پېتىنالمىغان.

تېلېفون زىيارەتلىرىمىز داۋامىدا، ئۆزىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر خادىم، روزا تۇتۇش-تۇتماسلىق ھەققىدە رەسمىي جامائەت پىكرى سورۇنلىرىدا ھېچ نەرسە دېيىلمىگەن بىلەن، قانۇن ساھەسىدە، رامىزان مەزگىلىدە كۆزىتىش ۋە نازارەتنى كۈچەيتىش ھەققىدە مەخپىي ئۇقتۇرۇش چۈشكەنلىكى ۋە بۇ ئۇقتۇرۇشنىڭ نەتىجىسىدە روزا تۇتۇشنىڭ ئىلگىرىكى يىللاردىكىدەكلا چەكلىمىگە ئۇچرىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.