Responsive Image

«شىنجاڭغا ساياھەتكە بارماڭ!» -خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى يوشۇرۇشتىكى تاكتىكىسى

«شىنجاڭغا ساياھەتكە بارماڭ!» -خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى يوشۇرۇشتىكى تاكتىكىسىبىر قانچە ئەر يەكەن ناھىيەسىنىڭ ئازادباغ يېزىسىدىكى سىياسىي تەشۋىقات يېزىلغان تاختىنى سۈرەتكە تارتىشنىڭ ئالدىنى ئالماقچى بولغان كۆرۈنۈش. 2023-يىلى 18-ئىيۇل، ئازادباغ

خىتاينىڭ دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى چەت ئەلگە قارىتىلغان تەشۋىقات ۋاسىتىسى بولغان «خىتاي يەر شارى تېلېۋىزىيە تورى» ، يەنى CGTN تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ دائىملىق مۇخبىرى فېرناندو مۇنوز بېرنال(Fernando Munoz Bernal) يېقىندا ئۆزىنىڭ يۇتۇب قانىلىدا، ئۇيغۇر ئېلىدا «ئەركىن ۋە ئازادە» 5 ئاي ساياھەتتە بولغانلىقى ھەققىدىكى بىر ۋىدىيونى ئىشلەپ تارقاتقان. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ساياھىتى» دەپ قاراۋاتقان ۋە جىددىي رەۋىشتە چەكلىمە قويۇۋاتقان «شىنجاڭ ساياھىتى» گە قارىتا ئۇنىڭ خىتاي تەرەپدارى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىشى، شۇنداقلا خىتاينىڭ تەشۋىقاتىغا ھەمنەپەس بولۇشى، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا جىددىي ئىنكاسلارنى قوزغىماقتا.

بۇ ئىنكاسلارنىڭ بىرى، روس-خۇلمان تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ دوتسېنتى تىمۇسىي گروس تەرىپىدىن X سۇپىسىغا يېزىلغان بىر قىسقا باھادۇر. ئۇ 11-مارت كۈنى ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى قارىشىنى تۆۋەندىكى سۆزلەر بىلەن كىنايە قىلغان: «ئۇ بۇ يەردە، ئۇيغۇرلارنىڭ كاۋاپ يېيىشى ۋە ئۇسسۇل ئوينىشىدىن باشقا ھېچنەرسىنى كۆرمىگەن. »

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى ھەر ئىككى پالاتانىڭ ئەزالىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدىكى بەزى مۇتەخەسسىسلەر، خىتاينىڭ كەڭ كۆلەمدە تەشۋىق قىلىۋاتقان «شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى» نى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ساياھىتى» دەپ قاراپ، چەت ئەل ساياھەت شىركەتلىرىنى ئۇيغۇر رايونىغا قارىتا ساياھەت تەشكىللىمەسلىككە چاقىرغانىدى.

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ كومىسسارى نۇرى تۈركەلنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدا كەڭ كۆلەمدە قانات يايدۇرۇۋاتقان بۇ تۈردىكى تەشۋىقات خاراكتېرلىك ئاتالمىش «شىنجاڭ ساياھىتى» ، ئۆزىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدا يۈرگۈزۈۋاتقان يۇقىرى بېسىملىق زۇلۇم سىياسىتىنى يوشۇرۇش؛ دۇنيا جامائەتچىلىكنىڭ نەزەرىدە خۇنۈكلىشىۋاتقان ئوبرازىنى قايتا تىكلەش؛ شۇنداقلا پەيدىنپەي چۆكۈشكە يۈزلەنگەن ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىنى ئوڭشاش ئۈچۈن ئىكەن.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى 2023–يىلى 8–ئايدا ئېلان قىلغان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ساياھىتى» ناملىق دوكلاتنى تەييارلىغان تەتقىقاتچىلاردىن بىرى ھېنرىي شاجېۋىسكى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ ئۆز قاراشلىرىنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى. ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى كۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:

«سىزگىمۇ مەلۇم، ب د ت قاتارلىق ئورگانلار ‹خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىن› دەپ ئەيىبلىگەن. مېنىڭچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ساياھەت تۈرلىرىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يۇقىرىقى ئەيىبلەشلىرىنى ئىنكار قىلماقچى بولغان. ھالبۇكى، خىتاي تەشۋىق قىلىۋاتقان بۇ ساياھەت چاقىرىقلىرى بىخەتەر ۋە ئىشەنچلىكمۇ؟ ئەمەلىيەتتە بۇلار خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ناھايىتى ئېنىق بېكىتىلگەن بىر ساياھەت لىنىيەسىدۇر. يەنى ساياھەت نۇقتىلىرى مەخسۇس تاللانغان ۋە نازارەت قىلىنىدىغان ئورۇنلاردىن تەشكىل تاپقان. شۇڭا مەن بۇ ساياھەتچىلىكتە ھەقىقىي ئەركىنلىكنىڭ مەۋجۇتلۇقىدىن، ساياھەتچىلەرنىڭ ئىستىگەن جايلارنى كۆرەلىشىدىن گۇمانلىنىمەن.»

ھالبۇكى، CGTN نىڭ كەتمىنىنى چېپىۋاتقان ياللانما مۇخبىر فېرناندو X سۇپىسىدا ھەمبەھىرلىگەن «شىنجاڭغا ساياھەتكە بارماڭ! » ناملىق ماۋزۇدىكى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ساياھىتى» دەپ خەشتەگ قويۇلغان ۋىدىيوسىغا مۇنداق بىر يازمىنى قوشۇمچە قىلغان:

«ئىگىلىنىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى (CECC) نىڭ رەئىسى، يېڭى جېرسىي شىتاتىنىڭ ئاۋام پالاتا ئەزاسى كرىستوفېر سىمىس ۋە مەزكۇر كومىتېتنىڭ بىرلەشمە رەئىسى، ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى جېف مېركلېي 7-مارت كۈنى تۆت پارچە خەت يازغان ۋە 10-مارت يەكشەنبە كۈنى ئۇنى ئېلان قىلغان. بۇ تۆت پارچە خەتنىڭ ئۈچى ئامېرىكا ساياھەت شىركەتلىرىگە، بىرى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلىنكېنغا يېزىلغان. مەزكۇر خەتلەردە، ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ساياھەت تەشۋىقاتىغا ماسلاشقانلىقى ۋە ئۇنى قوللىغانلىقى، شۇنداقلا خىتاينىڭ شىنجاڭدا يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇملىرىنى تاشقى دۇنياغا پەردازلاپ كۆرسىتىشىگە يانتاياق بولۇپ قېلىشىدىن ئەندىشە قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇنىڭدا يەنە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ شىنجاڭ ساياھىتى توغرىلىق چىقارغان ئاگاھلاندۇرۇشىنى 4-دەرىجىگە كۆتۈرۈشنى تەلەپ قىلغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. »

فېرناندونىڭ X سۇپىسىدا ھەمبەھىرلىگەن «شىنجاڭغا ساياھەتكە بارماڭ! » ناملىق ۋىدىيوسىنى قوللىغان «شاڭخەي گېزىتى» نىڭ مۇخبىرى ئەندىي بورېخام (Andy Boreham) مۇنۇ سۆزلەر بىلەن ئۆز پىكرىنى بايان قىلغان: «ئۇ بەش ئاي ۋاقىت سەرپ قىلىپ شىنجاڭنى ئايلىنىپ چىقتى. ئامېرىكالىق بايلار ئۇ يەردىكى ھەقىقىي ئەھۋالنى ئەڭ ياخشى بىلىمىز، دەپ ئويلايدۇ. ئۇلار شۇ ئويى بويىچە بۇ رايونغا ساياھەت قىلىشنى چەكلەشنى ئوتتۇرىغا قويدى! ۋاھالەنكى، فېرناندو ئۆزىنىڭ شىنجاڭدىكى ئەمەلىي كەچۈرمىشلىرى ئارقىلىق ئامېرىكانىڭ بۇ ھەقتىكى ئاگاھلاندۇرۇشىنىڭ ئارتۇقچە ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.»

ھېنرىي شاجېۋىسكى ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ شىنجاڭ ساياھىتى توغرىسىدىكى ئاگاھلاندۇرۇشىنى 4-دەرىجىگە كۆتۈرۈشنى تەلەپ قىلىشىنىڭ خىتايغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى ھەققىدىكى پىكرىنى بايان قىلىپ، مۇنداق دېدى.

«مېنىڭچە، ئامېرىكانىڭ بۇ ئاگاھلاندۇرۇشىنىڭ خىتاينىڭ رايوندىكى ساياھەتچىلىكىگە تەسىر كۆرسەتكەنلىكىگە دائىر ئەھۋاللارنى ھازىرچە بايقىمىدۇق. ئامېرىكا بۇ ئاگاھلاندۇرۇشنى بېرىش ئارقىلىق ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىنى ساياھەت قىلىپ خىتاينىڭ ‹ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت› لىرىگە شېرىك بولۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ. شۇڭا بىز قانداق قىلىدىغانلىقىمىز ھەققىدە ئېھتىياتچان بولۇشىمىز كېرەك. چۈنكى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئاگاھلاندۇرۇش دەرىجىسىنى تېخىچە ھەقىقىي تۈردە يۇقىرى كۆتۈردى، دېيەلمەيمىز. »

نۇرىي تۈركەل ئەپەندى زىيارىتىمىز داۋامىدا نۆۋەتتە چەت ئەل ساياھەت شىركەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا قارىتا ساياھەت تەشكىللىمەسلىكى تەشەببۇس قىلىنىۋاتقان بىر پەيتتە، بۇ چەكلىمىلەرنىڭ ئالىپ كېلىدىغان ئىجابىي ۋە سەلبىي تەسىرى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئىزاھلاپ ئۆتتى.

مۇتەخەسسىسلەر، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە يەنىلا ھەر خىل سىياسىي تەشۋىقات تاكتىكىلىرىدىن پايدىلىنىپ، خەلقئارا جەمئىيەتكە ئۆزلىرى لايىھەلىگەن «چىرايلىق تام» نىلا كۆرسىتىپ، ئۇنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان زۇلمەتلەرنى داۋاملىق يوشۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.