Responsive Image

پائۇل شارار :«ئۇيغۇرلار ئۇچراتقان زۇلۇم يۇقىرى پەن تېخنىكىلىق مۇستەبىتلىكنىڭ ئەڭ چېكىدىن ئاشقان نۇسخىسى»

پائۇل شارار :«ئۇيغۇرلار ئۇچراتقان زۇلۇم يۇقىرى پەن تېخنىكىلىق مۇستەبىتلىكنىڭ ئەڭ چېكىدىن ئاشقان نۇسخىسى»كوچىدىكى كۆزىتىش كامېرالىرىنىڭ ئاستىدا كېتىۋاتقان ئوقۇغۇچىلار. 2019-يىلى 4-ئىيۇن، ئاقتۇ.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى «ئامېرىكا-خىتاي ئىقتىساد ۋە بىخەتەرلىكنى باھالاش كومىتېتى» دا (The U. S. -China Economic and Security Review Commission) خىتاينىڭ ئامېرىكا ۋە شۇنداقلا دۇنيادىكى قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا ئۇرۇنۇشى، يۇقىرى پەن-تېخنىكىغا تايانغان مۇستەبىت تۈزۈمنى قانداق قىلىپ يېيىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى ھەققىدە بىر ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. ئامېرىكادىكى ھەرقايسى نوپۇزلۇق تەتقىقات ئورگانلىرىدىن ۋە ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن كەلگەن مۇتەخەسسىسلەر گۇۋاھلىق بەرگەن بۇ ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان يۇقىرى تېخنىكىلىق زۇلۇمنىڭ دۇنيادا ھازىرغىچە كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر زۇلۇملۇقى بايان قىلىنغان ھەمدە بۇنىڭ پۈتۈن دۇنياغا كەڭ تارقىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ زۆرۈرلۈكى تەكىتلەنگەن.

يۇقىرىدىكى بۇ سۆزنى ئامېرىكا بىخەتەرلىك مەركىزى ناملىق تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋە تەتقىقات دىرېكتورى پائۇل شارار (Paul Scharre) قىلغان. ئۇ سۆزىدە «خىتاي كومپارتىيەسى ئۇيغۇرلارغا قارىتا رەھىمسىزلەرچە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە باستۇرۇش ھەرىكىتى يۈرگۈزۈۋاتقان شىنجاڭدا يۇقىرى پەن-تېخنىكىلىق مۇستەبىتلىكنىڭ ئەڭ چېكىدىن ئاشقان نۇسخىسى مەۋجۇتتۇر» دېگەن.

ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن:

«خىتاينىڭ ھازىر دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا يېڭىچە رەقەملىك مۇستەبىتلىكنىڭ باشلامچىسى بولۇپ، پۈتۈن دۇنيانىڭ ئەركىنلىكىگە چوڭقۇر تەھدىت ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئامېرىكانىڭ چوقۇم باشقا دېموكراتىك دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ، پەن-تېخنىكىنىڭ بۇنداق قانۇنسىز ئىشلىتىلىشىگە قارشى تۇرۇشى كېرەك» .

پائۇل شارار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چىراي تونۇش، ئاۋازنى تونۇش ھەمدە يەنە ئادەملەرنىڭ مېڭىش شەكلىنى تونۇش قاتارلىق سۈنئىي ئەقىل قوراللىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇۋاتقانلىقى؛ بارماق ئىزى، قان ئەۋرىشكىسى، ئاۋازى، كۆز قارىچۇقى، يۈز سۈرىتى ۋە گېن ئۇچۇرى قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان بىئولوگىيەلىك سانلىق مەلۇمات ئامبىرى قۇرۇۋاتقانلىقى؛ ئايرودروم، مېھمانخانا، بانكا، پويىز ئىستانسىسى، مېترو، زاۋۇت، تۇرالغۇ ئۆي ۋە ھەتتا ئاممىۋى ھاجەتخانىلاردا چىراي تونۇش كامېرالىرى ئورناتقانلىقى؛ Wi-Fi ئارقىلىق يېقىن ئەتراپتىكى تېلېفون ۋە كومپيۇتېرلاردىن ئۇچۇر توپلايدىغانلىقى ھەتتا ئادەملەرنىڭ كۈندىلىك ھەرىكىتى، ماشىنا ۋە تېلېفون ئىشلىتىش، ماي قاچىلاش پونكىتىغا بېرىشى، توك ئىشلىتىش مىقدارىنىمۇ ئىز قوغلاپ تەكشۈرىدىغان ساقچى يۇمشاق دېتاللىرى قاتارلىقلار ئارقىلىق كۈچەيتىلگەن مۇستەبىت تۈزۈمىنى يولغا قويۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ بولۇپمۇ خىتاينىڭ مەخسۇس ئۇيغۇرلارنى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە چىراي تونۇش سىستېمىسى تەرەققىي قىلدۇرغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن.

پائۇل شارار گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدىكى سۆزىدە، چېكىدىن ئاشقان يۇقىرى تېخنىكىلىق مۇستەبىتلىكنىڭ كوۋىد يۇقۇمى مەزگىلىدە خىتاي مىقياسى بويىچە قىسمەن قوللىنىلىپ، خىتاي پۇقرالىرىغا بولغان قامالنىڭمۇ ئاشقانلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرغىچە نازارەت تېخنىكىلىرىنى ئاز دېگەندە 80 دۆلەتكە ئېكسپورت قىلغانلىقىنى دېگەن. ئۇ يىغىندا كومىتېت ئەزالىرىنى «كونترول قىلىنمىغان ئەھۋال ئاستىدا، خىتاينىڭ يۇقىرى پەن-تېخنىكىغا تايانغان كۈچەيتىلگەن باستۇرۇش ئەندىزىسى كەڭ تارقىلىپ يەرشارى ئەركىنلىكى ۋە خۇسۇسىي ئەركىنلىككە چوڭقۇر خىرىس ئېلىپ كېلىدۇ.» دەپ ئاگاھلاندۇرغان.

پائۇل شارارنىڭ قارىشىچە، خىتاي كومپارتىيەسى رەقەملىك مۇستەبىتلىك ئەندىزىسىنى ھالقىلىق رەقەملىك ئۇل ئەسلىھەگە بولغان ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى كېڭەيتىش ۋە تېخنىكىلىق ئۆلچەم بەلگىلەش ئورگانلىرىدا مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەش قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ئۆزىنىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق مۇستەبىتلىكىنى خەلقئارادا ئومۇملاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭ ئالدىنى ئالمىغان تەقدىردە ئىنتايىن خەتەرلىك ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدىكەن.

شۇڭا ئۇ سۆزىدە ئامېرىكالىق قانۇن تۈزگۈچىلەرگە تەكلىپ بېرىپ، ئۇلارنى رەقەملىك تېخنىكىنى باشقۇرىدىغان قانۇنلارنى چىقىرىشنى تېزلىتىش، سانلىق مەلۇمات مەخپىيەتلىكىگە مۇناسىۋەتلىك قانۇنلارنى كۈچەيتىش، ئامېرىكانىڭ رەقەملىك ئۇل ئەسلىھەلىرىنى خىتاينىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقىدىن قوغداش، تىك-توكقا ئوخشاش خىتاي ئەپلىرىنى چەكلەشكە چاقىرغان. بولۇپمۇ ئۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭىدىن تەرەققىي قىلىۋاتقان يۇقىرى پەن-تېخنىكىنى باشقۇرۇشقا ئائىت يەرشارىۋى قائىدىلەرنى تۈزۈپ چىقىشقا ئاكتىپ قاتنىشىشىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى ئەسكەرتكەن.

مەزكۇر ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا، ھەرقايسى ئورۇنلاردىن كەلگەن مۇتەخەسسىسلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا شىركەتلىرىگە، ئامېرىكانىڭ مەنپەئەتىگە ۋە ھەمدە دۆلەت بىخەتەرلىكىگە پەيدا قىلىۋاتقان خىرىسلىرى ھەققىدە مۇھىم دوكلاتلارنى سۇنغان ۋە پىكىر-تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.