Responsive Image

«ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئۇيغۇر ئاياللىرى دۇچار بولۇۋاتقان تراگېدىيەلەر» ب د ت دا ئاڭلىتىلدى

«ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئۇيغۇر ئاياللىرى دۇچار بولۇۋاتقان تراگېدىيەلەر» ب د ت دا ئاڭلىتىلدىب د ت دا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر ئاياللىرى ئۇچراۋاتقان زۇلۇملار ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا د ئۇ ق ئاياللار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت´ئاي ئەركىن(ئوڭدا) سۆزلىمەكتە. 2023-يىلى 13-مارت، جەنۋە.

ب د ت دا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر ئاياللىرى ئۇچراۋاتقان زۇلۇملار ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى بەلگىلىك تەسىر قوزغىغان.

د ئۇ ق نىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى، جەنۋەدىكى «تىبەت ئىشخانىسى»، «خەلقئارا تىبەت ھەرىكىتى» تەشكىلاتى ۋە خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتىنىڭ ھەمكارلىشىشى بىلەن 13-مارت كۈنى ب د ت نىڭ جەنۋەدىكى مەركىزىدە «خىتاينىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش» دېگەن قوشۇمچە تېمىدا «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئۇيغۇر ئاياللىرى دۇچار بولۇۋاتقان تىراگېدىيەلەر» ناملىق گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن. يىغىنغا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 52-نۆۋەتلىك يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىۋاتقان ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، گېرمانىيە، ئەنگلىيە، فىرانسىيە، بېلگىيە، تۈركىيە قاتارلىق 30 غا يېقىن دۆلەتنىڭ ب د ت دىكى دىپلوماتلىرى، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ۋە مۇخبىرلار بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشقان.

مەزكۇر يىغىننى ئۇيۇشتۇرۇشقا مەسئۇل بولغان ھەمدە يىغىندا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان د ئۇ ق ئاياللار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەتئاينىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىغىن ئەسلىدە 8-مارت ئاياللار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرى ئۇچراۋاتقان ئېغىر باستۇرۇشلارنى دۇنيا جامائىتىگە، ب د ت غا بىلدۈرۈشنى مەقسەت قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن يىغىننى كېچىكتۈرۈپ ئۆتكۈزۈشكە توغرا كەلگەن.

ب د ت دا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر ئاياللىرى ئۇچراۋاتقان زۇلۇملار ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا لاگېر شاھىتى گۈلباھار خاتىۋاجى سىن ئارقىلىق گۇۋاھلىق بەرمەكتە. 2023-يىلى 13-مارت، جەنۋە.

ب د ت دا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر ئاياللىرى ئۇچراۋاتقان زۇلۇملار ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا لاگېر شاھىتى گۈلباھار خاتىۋاجى سىن ئارقىلىق گۇۋاھلىق بەرمەكتە. 2023-يىلى 13-مارت، جەنۋە.

يىغىننىڭ مۇقەددىمىسىدە سۆز قىلغان د ئۇ ق ۋەكىلى زۇمرەتئاي، دالاي لامانىڭ جەنۋەدىكى «تىبەت ئىشخانىسى» نىڭ ۋەكىلى تىنلاي چۇككى، خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىلى ھاننو شېدلېر ۋە «خەلقئارا تىبەت ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىلى كاي مۈللېر قاتارلىقلار خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرگە سېلىۋاتقان مىسلىسىز ئېغىر زۇلۇملىرى ئۈستىدىن شىكايەتلەر قىلغان. زۇمرەتئاي سۆزىدە نۇقتىلىق ھالدا خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ جازا لاگېرلىرىنى تەسىس قىلىپ ئۇيغۇر ئاياللىرىغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان خىتايلار بىلەن تويلىشىشقا مەجبۇرلاش، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش، بالا چۈشۈرۈش، جىنسىي تاجاۋۇزچىلىق ۋە نارەسىدە پەرزەنتلىرىدىن ئايرىپ تاشلاش قاتارلىق جىنايەتلىرىنى پاش قىلىپ ئۆتكەن. ئۇ يەنە ئىسلام دۇنياسىنىڭ بۇ قەدەر ئېغىر زۇلۇملارغا داۋاملىق سۈكۈت قىلىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىگەن.

يىغىندا تور ئارقىلىق گۇۋاھلىق بەرگەن فىرانسىيەدىكى جازا لاگېرى شاھىتى گۈلباھار خاتىۋاجىمۇ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرى ئۇچراۋاتقان ئېغىر پاجىئەلەرنى ئۆز كەچمىشلىرىگە باغلاپ سۆزلەپ، يىغىن ئەھلىنى تەسىرلەندۈرگەن. ئۇ بۇ مۇناسىۋەت بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، ئۆزىنىڭ «شەرقىي تۈركىستان خەلقى دۇچ كېلىۋاتقان قىسمەتنى ب د ت يىغىنىدا يەنە بىر قېتىم ئاڭلىتىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىنى ۋە ئۆزىنىڭ گۇۋاھلىق جەريانىدا ب د ت دىن كۈتىدىغان تەلەپلىرى» نى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

يىغىن جەريانىدا خىتاي ۋەكىللىرى بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا قىسقا بىر تالاش-تارتىشمۇ بولۇپ ئۆتكەن. بۇ يىغىنغا بىر نەپەر ئۇيغۇر ئايالنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خىتاي تەرەپنىڭ ۋەكىللىرىمۇ قاتناشقان بولۇپ، بۇ ئۇيغۇر ئايال گۈلباھار خاتىۋاجىنىڭ گۇۋاھلىقىنى يالغانغا چىقىرىپ «جۇڭگو ھۆكۈمىتى ھېچكىمنى بىگۇناھ تۇتقۇن قىلمايدۇ، گۈلباھار دۆلەتنى پارچىلاش جىنايىتى ئۆتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن تۇتۇلغان» دېگەن. گۈلباھار ۋە زۇمرەتئايلار بۇ ئايالدىن «دۆلەتنى پارچىلاش جىنايىتى» نىڭ دەلىللىرىنى كۆرسىتىشنى، تۈرمە ۋە لاگېرلارغا قامالغان مىليونلىغان ئىنسانلارنىڭ جىنايەتلىرىگە ئائىت دەلىللەرنى كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلغاندا، خىتاينىڭ ۋەكىلى بولغان بۇ ئۇيغۇر ئايال زۇۋان سۈرەلمەي قالغان.

يىغىن رىياسەتچىلىرىدىن بىرى بولغان خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىللىرىدىن ھاننو شېدلېر ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ يىغىننىڭ مەقسىتى شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەتتىكى ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ب د ت خادىملىرىغا، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ب د ت دىكى دىپلوماتلىرىغا ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرىگە ئاڭلىتىش ئىدى. بۇ مەقسىدىمىزگە يەتتۇق دەپ ئويلايمەن. يىغىنغا ئامېرىكا، ئاسىيا، ياۋروپا ۋە ئافرىقا غىت´ئەلىرىدىن كەلگەن نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەرنىڭ ئەلچىلىرى قاتناشتى. بىز بۇ يىغىندا شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەتتىكى داۋام قىلىۋاتقان زۇلۇملارنى ئاڭلىتىش بىلەن بىرگە، ب د ت نىڭ بۇ زۇلۇملارغا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشىنى، دۇنيانىڭ جىددىي تەدبىر قوللىنىشىنى، خىتاينىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈپ، ئۇنى سوتقا تارتىشنى تەلەپ قىلدۇق».

زۇمرەتئاينىڭ بىلدۈرۈشىچە، يىغىنغا قاتناشقان ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتلىرى بۇ گۇۋاھلىق يىغىنىغا يۇقىرى باھالار بەرگەن ۋە ئالاھىدە كېلىپ ئۇلار بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان ھېسداشلىقلىرىنى ئىپادە قىلىپ ئۆتكەن.

د ئۇ ق ئاياللار كومىتېتى تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئۇيغۇر ئاياللىرى دۇچار بولۇۋاتقان تراگېدىيەلەر» ناملىق بۇ يىغىن ب د ت دا كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 52-نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنى داۋام قىلىۋاتقان بىر مەزگىلدە ئۆتكۈزۈلگەنىدى.