Responsive Image

خىتاي دائىرىلىرى «ئۇيغۇر رايونىنى ئىدارە قىلىش مودېلى» نى خوڭكۇڭغا كۆچۈرمەكچىمۇ؟

خىتاي دائىرىلىرى «ئۇيغۇر رايونىنى ئىدارە قىلىش مودېلى» نى خوڭكۇڭغا كۆچۈرمەكچىمۇ؟خوڭكوڭدا ئۆتكۈزۈلگەن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش نامايىشىدىن كۆرۈنۈش. 2019-يىلى 22-دېكابىر. خوڭكوڭ.

خىتاينىڭ «تەڭرىتاغ» تورىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 19-مارتتىن 22-مارتقىچە خوڭكۇڭ ئالاھىدە رايونىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق باشقارمىسىنىڭ مۇدىرى جېڭ ۋېييۈەن ئۈرۈمچىدە زىيارەتتە بولغان. ئۇ بۇ مەزگىلدە ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، «خوڭكۇڭ ۋە شىنجاڭ ھېكايىسىنى سۆلەش، خوڭكۇڭنىڭ ھەقىقىي ئوبرازىنى نامايەن قىلىش، خوڭكۇڭ-شىنجاڭ ئىككى تەرەپ ئوتتۇرسىدىكى ئۆزئارا تەجرىبە ئالماشتۇرۇشنى ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش» قاتارلىق مەسىلىلەر بويىچە سۆزلەشكەن.

ئاتالمىش «خوڭكۇڭ ئالاھىدە رايونى» بىلەن «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى» ئوتتۇرسىدىكى دوستلۇق ۋە ھەمكارلىق ھەققىدىكى خەۋەرلەر، يېقىندىن بۇيان خىتاي تاراتقۇلىرىدا كۆپىيىپ، ھەر ساھەنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.

ئامېرىكادىكى خوڭكۇڭلۇق پائالىيەتچىلەردىن «خوڭكۇڭ ھەركىتى» تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى سامۇئېل چۇ ئەپەندى زىيارىتىمىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە «ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنى ئىدارە قىلىش مودېلى» نى خوڭكۇڭغا كۆچۈرۈپ ئاپارماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «شىنجاڭ بىلەن خوڭكۇڭنىڭ قانۇن ئىجراچىلىرى ھېسابلىنىدىغان يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار ئوتتۇرىسىدىكى تەجرىبە ئالماشتۇرۇشنىڭ كۈچىيىشى، ئۇلارنىڭ خوڭكۇڭنى ‹ئىككىنچى شىنجاڭ› قىلماقچى بولۇۋاتقانلىقىنىڭ روشەن بەلگىسىدۇر. بېيجىڭ خوڭكۇڭغا ۋەدە قىلغان ‹بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم» سىياسىتىگە ئەمەل قىلمىغاندىن كېيىن، ھازىر ئۇنىڭ ئورنىغا شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان يەرلىك مۇسۇلمانلارغا قوللىنىۋاتقان قاتتىققول باشقۇرۇش مودېلىنى ئالماشتۇرماقچى بولىۋاتىدۇ. ئەمەلىيەتتە ھازىر بېيجىڭ ئۇنى خوڭكۇڭدىمۇ ئىشلىتىۋاتىدۇ. بۇ ئىككى رايون ئەمەلدارلىرى ئوتتۇرىسىدىكى زىيارەتلەر ئىلگىرىمۇ بولغان. يەنى شىنجاڭنىڭ تېرورلۇققا قارشى ئالاھىدە ساقچى قىسىملىرىنىڭ باشلىقى ئۆتكەن يىلى خوڭكۇڭدا تۇرۇشلۇق خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى قاراۋۇلخانىسىنىڭ باشلىقى قىلىپ تەيىنلەنگەن ئىدى.»

سامۇئېل چۇ سۆزىنى داۋام قىلىپ، يەنە مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە، ئۇلار جەزمەن بۇ ھېكايىنى بەرپا قىلىۋاتىدۇ، بۇنىڭ ئاخىرىقى نىشانى شىنجاڭ بىلەن خوڭكۇڭنى ئوخشاش قىلىشتۇر. بېيجىڭ دائىرىلىرى شىنجاڭ ۋە خوڭكۇڭدىكى يەرلىك خەلقلەرنىڭ ئۆزگىچە مەدەنىيىتى ۋە سىياسىي كىملىكىنى يوقىتىشنىڭ كويىدا بولىۋاتىدۇ، چۈنكى بېيجىڭ ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ رايونلاردىكى خەلقلەرنىڭ ئۆزگىچە كىملىكى ۋە مەدەنىيەتلىرى، بىر پارتىيە ھۆكۈمرانلىقىدىكى، بولۇپمۇ شى جىنپىڭنىڭ مۇستەبىت ھاكىمىيىتىگە نىسبەتەن تەھدىت ھېسابلىنىدۇ.»

2018-يىلدىن بۇيان ياپونىيەدە پاناھلىقتا تۇرۇپ، خوڭكۇڭلۇقلارنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان خوڭكۇڭلۇق سىياسىي ئاكتىۋىست ۋىليام لى ئەپەندىمۇ ياپونىيەدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خوڭكۇڭنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ كونكىرېت تەسۋىرلەپ كۆرسەتتى: «مېنىڭ ھېس قىلغىنىم شۇكى، ئۇلارخوڭكۇڭنى ئىدارە قىلىشتا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىغا ئوخشاش قاتتىق كونيتوللۇق تەدبىرىلىرىنى يولغا قويۇپ، ئىلگىرىكى مەۋقۇت ھالەتنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلارنى ئىدارە قىلىش ئۈچۈن قوللىنىلغان لاگېرلار ۋە باشقا تۈزۈملەر ھازىر خوڭكۇڭدىمۇ ئاستا-ئاستا بەرپا قىلىنىۋاتىدۇ. ئەنە شۇنداق بولغىنى ئۈچۈن، ئۇلار شىنجاڭدا، يەنى ئۇيغۇر دىيارىدا ئۆزلىرىگە لازىملىق بولغان تەجرىبىلەردىن ئۆرنەك ئالماقچى ئاندىن ئۇنى خوڭكۇڭدا ئىجرا قىلماقچى بولۇۋاتىدۇ. خىتاي كومپارتىيەسى ھازىر خوڭكۇڭنىڭ ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىش ھوقۇقى ۋە ئەركىن سايلام ھوقۇقىنى بىكار قىلدى. ھازىر ئەركىن سايلام، بېلەت تاشلاش دېگەنلەرگە قارىتىلغان چەكلىمىلەر ئىلگىرىكىگە قارىغاندا ئىنتايىن قاتتىق يۈرگۈزۈلىۋاتىدۇ. ئاڭلىشىمچە، لاگېرلارغا ئوخىشاش ئورۇنلار ھازىر خوڭكۇڭدىمۇ قۇرۇلۇۋېتىپتۇ.»

ۋىليام لى ئەوەندى يەنە ئۆزى خوڭكۇڭدىن ئايرىلغان 2018-يىلدىن كېيىن خوڭكۇڭ ۋەزىيىتىنىڭ بارغانچە يامانلىشىپ كەتكەنلىكىنى، ھازىر ھەر كۈنى دېگۈدەك تۇتقۇن قىلىنغانلار ھەققىدە ئۇچۇرلارنىڭ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ ئىلگىرىكى يىللاردا خوڭكۇڭدا تۈرمىلىرىگە قامالغان جىنايەتچىلەرنىڭ زور كۆپ قىسمى ئوغرى، يانچۇقچى، ئالدامچىلار بولسا، 2019-يىلىدىن كېيىن تۇتقۇن قىلىنغانلارئاساسەن سىياسىي جىنايەتچىلەر ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۈرمىلەردىكى بۇ سىياسىي جىنايەتچىلەر خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن باش ئاغرىقى بولۇپ، ئۇلار ھازىر بۇ سىياسىي جىنايەتچىلەرنىمۇ تۈرلەرگە ئايرىپ، يېنىكلىرىنى ئاتالمىش «تەربىيەلەش ئورۇنلىرى» دا ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنماقتا ئىكەن.

كانادادىكى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىدىن شېڭ شۆ خانىممۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى خوڭكۇڭ ۋە ئۇيغۇر دىيارى ئوتتۇرسىدا تەجرىبە ئالماشتۇرۇش نامىدا ھەر ئىككى جاينى قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى ئۈنۈمدارلىقنى ئاشۇرۇشنى كۆزلىمەكتە ئىكەن.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2019-يىلدىن كېيىن خوڭكۇڭدا نۇرغۇن ياشلار تۇتقۇن قىلىنغان بولۇپ، خوڭكۇڭنىڭ ھازىرقى ئېچىنىشلىق ھالىتى ئۇنىڭ ئەينى چاغدىكى ئەندىشىسىنى ئىسپاتلىماقتا ئىكەن.

«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ خەۋىرىدە يەنە خوڭكۇڭ ئالاھىدە رايونىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق باشقارمىسىنىڭ مۇدېرى جېڭ ۋېييۈەننىڭ «خوڭكۇڭدا ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى مەبلەغ سالغان شىركەتنىڭ 640 ئىكەنلىكى، سېلىنغان ئومۇمىي مەبلەغ سوممىسىنىڭ 8 مىليارد 650 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەنلىكى» نى تىلغا ئالغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

شېڭ شۆ خانىم، بۇ نۇقتىغا دىققەت قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، بۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدا مەجبۇرىي ئەمگەك ئارقىلىق ئىزلەپچىقىرىلىۋاتقان خوڭكوڭ ئارقىلىق تاشقىي دۇنياغا چىقىرىش يولىدىكى يەنە بىر ئالدامچىلىق تەدبىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «ئەمەلىيەتتە، خىتاي كومپارتىيەسى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئۇيغۇرلارنى قۇل قىلىپ ئىشلىتىش بەدىلىگە كەلگەن مەجبۇرىي ئەمكەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەردە دىققەت قوزغىغانلىقى ھەمدە قارشىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى ياخشى بىلىدۇ. خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ناھايىتى ھىيلىگەر. ئۇلار ئۆز ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى خوڭكۇڭ، يەنى ئىلگىرىكى ئەركىن سودا رايونى بولغان خوڭكۇڭ ئارقىلىق ئۇيغۇر دىيارىدا ئىشلەنگەن مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى خەلقئارا بازارغا چىقىرىپ، ئۆز جىنايىتىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. شۇڭا بۇ نۇقتىغىمۇ ئالاھىدە دىققەت قىلىش ۋە بۇ قىلمىشنى خەلقئارادا ئاشكارىلاش كېرەك.»