Responsive Image

خىتاي گۇلاگلىرىدىكى ئۇيغۇرلارغا قارشى جىنايەتلەر (1)

خىتاي گۇلاگلىرىدىكى ئۇيغۇرلارغا قارشى جىنايەتلەر (1)«قايتا تەربىيەلەش» نامىدىكى «يىغىۋېلىش لاگېرى» نىڭ تېمىدىكى سىم تىكەن سورۇق ۋە كۆزىتىش نۇقتىسى. 2018-يىلى 4-سېنتەبىر، داۋانچىڭ.

ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېر سىستېمىسى ۋە زور تۇتقۇن تاشقى دۇنياغا تەدرىجى مەلۇم بولۇشقا باشلىغان بىرنەچچە يىلدا، بۇ ھادىسىلەرنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەرقايسى ئاخبارات ۋاستىلىرى ئارقىلىق ئوخشىمىغان شەكىلدە تونۇشتۇرۇلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېر سىستېمىسىنى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدىكى سوۋېتچە ئۇسلۇبقا ئىگە گۇلاگ سىستېمىسىغا، شۇنىڭدەك مەزكۇر سىستېمىنىڭ باش ئىجراچىسى بولغان ستالىننىڭ تازىلاش ھەركەتلىرىگە ئوخشىتىش غەرب دۇنياسىدىكى بىر قىسىم مۇتەخەسىسلەر قوبۇل قىلغان پىكىر سۈپتىىدە كۆپ قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلدى. گېرمانىيەلىك مۇخبىر ماتىياس بۆلىنگېر (Mathias Bölinger) نىڭ بىرنەچچە يىللىق ئىزدىنىشىنىڭ مەھسۇلى بولغان «يۇقۇرى تېخنىكىلىق گۇلاگ: خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى جىنايەتلىرى» (Der Hightech-Gulag: Chinas Verbrechen gegen die Uiguren) ناملىق ئەسەر 2023-يىلى 16-فېۋرالدا نەشر قىلىنغاندىن كېيىن، ئوقۇرمەنلەر تېزلا ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان بۇ گۇلاگ سىستېمىسىنىڭ مىليونلارچە رۇس كومۇنىستلىرىنى يۇتۇپ كەتكەن گۇلاگ سىستېمىسىدىن پۈتۈنلەي پەرقلىق بولغان سىياسىي باستۇرۇش قورالى ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتى.

ئاپتورنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇشنىڭ غەرب ئوقۇرمەنلىرىگە تونۇشلۇق بولغان ستالىنچە گۇلاگ ياكى ماۋ زېدوڭچە سىياسىي ھەركەتلەر ئارقىلىق ئاممىنى قوزغاپ، «دۈشمەنلەرنى يەنجىپ تاشلاش» تىن پەرقلىق بولغان بىر ئالاھىدىلىكى بۇنىڭدا مەلۇم بىر ئېتنىك تۈركۈمگە مەنسۇپ كىشىلەرنىڭ ھۇجۇم ئوبېيكتى بولغانلىقى ھېسابلىنىدۇ. ئاپتور ئۆزىنىڭ خىتايدىكى ئون نەچچە يىللىق مۇخبىرلىق ھاياتىدا ئۇيغۇر دىيارىغا بىرنەچچە قېتىم بارغان بولسىمۇ، 2018-يىلى يەنە بىر قېتىم بارغاندا ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن لاگېرلارنىڭ مۇدھىش قىياپىتى، لاگېرلارنىڭ ئەڭ ۋەھشى تۈرمىلەرنى ئەسلىتىدىغان تاملىرى، چىرايىدىن ياۋۇزلۇق يېغىپ تۇرىدىغان قوراللىق ساقچىلار، لاگېر دەرۋازىسى ئالدىدا ئ‍ۆزلىرىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن كۆرۈشكەچ ئالغاچ كەلگەن خالتىلىرىنى بېرىپ قويۇش ئۈمىدىدە ئوچرەت ساقلاپ تۇرغان يۈزلىگەن ئۇيغۇرلار بۇ مۇئەسسەلەرنىڭ گۇلاگلارغا پەقەتلا ئوخشىمايدىغانلىقىنى دەسلەپ بولۇپ ئەسلەتكەن.

بولۇپمۇ ئاپتورنى ھەممىدىنمۇ بەك ھەيران قالدۇرغىنى پۈتكۈل ئۇيغۇر دىيارىدا بىر ئادەم بىلەن خالىي يوسۇندا پاراڭ قىلغۇدەك ھېچقانداق ماكاننىڭ قالماسلىقى بولغان. كوچا-رەستىلەرگە قاتىرىسىغا ئورنىتىلغان كامېرالار، ھەتتا تاكسى ۋە ئاپتوبۇسلارغىچە ئورۇنلاشتۇرۇلغان يۇقۇرى تېخنىكىلىق كامېرالارنىڭ بىر ئۇچى ساقچىخانىلارغا ئۇلاقلىق بولۇپ، كىشىلەرنىڭ ئۆزئارا پىچىرلاشقان ئاۋازلىرىغىچە خاتىرىلەپ ماڭغانلىقتىن ھېچكىممۇ بىرەر ئېغىز سۆزنى ئويلاشماستىن ئاغزىدىن چىقىرالماس بولۇپ كەتكەن. ئادىمىزاتنىڭ ئىزنى ئۆچكەن مىڭلىغان يېزا-قىشلاقلار، كوچا-كويلارنى بىر ئ‍الغان سىياسىي شوئارلار، لاگېرلار ھەققىدە تاشقىي دۇنياغا مەلۇم بولغان كۆپلىگەن يازما ھۆججەتلەر، سۈنئى ھەمراھ سۈرەتلىرى ئاشكارا قىلغان لاگېر كۆرۈنۈشلىرى، شۇنىڭدەك ئۆزى بىۋاستە سۆھبەتتە بولغان ئوتتۇز نەچچە لاگېر شاھىدىنىڭ بۇ قاباھەتلىك ماكان ھەققىدىكى گۇۋاھلىق بايانلىرى «قايتا تەربىيەلەش مەركىزى» نامىدىكى بۇ مۇئەسسەلەرنىڭ ئەمىلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا قارشى جىنايەتلەر ئەمەلگە ئاشىدىغان سەھنە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. تېخىمۇ مۇھىمى خىتاي ھۆكۈمىتى ھېلىھەم داۋام قىلىۋاتقان بۇ ھادىسىلەرنىڭ سېپى ئۆزىدىن قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكىنى ھېچقانداق ئادەم ھېچقانداق قىلىپمۇ ئىنكار قىلالماس پاكىتلار ئىكەنلىكىنى نامايەن قىلغان.

«يولۋاس ئورۇندۇق» قا مەھكۇم بولغان تۇتقۇنلار

ماتىياس بۆلىنگېرنىڭ بىرنەچچە يىللىق ئەمگىكىنىڭ مەھسۇلى بولغان بۇ ئەسەر ئوقۇرمەنلەرگە ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى تەسۋىرلەپ بېرىشنى ئەمەس، ئەكسىچە خىتاينىڭ قانداق بولۇپ مۇشۇنداق بىر سىستېما ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى ئېرىتىپ تۈگىتىش كۈرىشىگە ئاتلانغانلىقىنى تارىخ ۋە رېئاللىق نۇقتىسىدىن شەرھىلەپ بېرىشنى مەقسەد قىلىدۇ. ئاپتور ئەسەرنىڭ لايىھەسىنى ئىشلىگەندە باشقا ئەسەرلەرگە ئوخشاش ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلار ياكى ئۇيغۇر دىيارىغا دائىر مەلۇماتلارنى تونۇشتۇرۇش ئورنىغا مۇقەددىمە ئورنىدا ئۇيغۇر دىيارىدا ھەممىلا كىشىگە تونۇشلۇق بولۇپ كەتكەن «يولۋاس ئورۇندۇق» ھەققىدە مەلۇمات بېرىدۇ.

ئاپتور زىيارەت قىلغان لاگېر شاھىدلىرىنىڭ ھەممىسىلا «يولۋاس ئورۇندۇق» نىڭ ئازابىنى تارتىپ كۆرگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتىكى بايانلىرى ئاساسىي جەھەتتىن بىر-بىرىدىن پەرق قىلمايدۇ. 2022-يىلى ماي ئېيىدا تاشقىي دۇنياغا مەلۇم بولغان «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» نامىدىكى ئارخىپلاردا دەل مۇشۇ خىل جازا ۋاستىسى ھەققىدىكى نەق مەيدان سۈرىتى كۆزگە چېلىقىدۇ. تۇتقۇنلار ئۆزلىرىمۇ ئاڭلاپ باقمىغان «جىنايەتلەر» گە دەل مۇشۇ ئورۇندۇققا ئولتۇرغاندىن كېيىن تېزلا «ئىقرار» قىلىۋېتىدۇ.

ئاپتور بىلەن بولغان سۆھبىتىمىز ياۋروپا مۇزېيخانىلىرىدىكى ئوتتۇرا ئەسىرگە خاس قىيناق قوراللىرىنى ئەسلىتىدىغان بۇ ۋاستىنى ئەسەرگە مۇقەددىمە ئورنىدا ئىشلىتىشتىكى سەۋەبلەر توغرىسىدا باشلاندى. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:

«بۇ كىتاپ دەرۋەقە ھازىر شىنجاڭدا نېمىلەرنىڭ بولۇۋاتقانلىقى ھەققىدىكى بايانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مېنىڭ شىنجاڭدىكى لاگېرلارنى ‹گۇلاگ› دەپ ئاتىشىمدىكى سەۋەب شۇنىڭدا: بۇ لاگېرلار مەلۇم مەنىدىن ئالغاندا، سوۋېت دەۋرىدىكى گۇلاگلارغا ئوخشاپ كېتىدۇ. ئ‍ۇلارنىڭ ھەر ئىككىسىگە ئىنسانلارنىڭ قانلىق كۆز يېشى سىڭگەن. 1950-يىللىرى خىتاي كومۇنىستلىرى بۇ گۇلاگلارنى سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ‹ئارىيەت ئالغان›، ئەمما مەيلى ستالىننىڭ گۇلاگلىرى بولسۇن ياكى خىتاينىڭ ئالدىنقى ئەسىردىكى ئەمگەك لاگىرلىرى بولسۇن، ئۇلارغا قامىلىدىغان كىشىلەر پۈتكۈل سوۋېت ئىتتىپاقى ياكى پۈتكۈل خىتاي تەۋەسىدىن تۇتۇلغان كىشىلەر بولغان. ئەمما بىز دەۋاتقان شىنجاڭدىكى گۇلاگلارغا بولسا مەلۇم ئېتنىك تۈركۈمگە خاس كىشىلەر قامالغان. ‹يولۋاس ئورۇندۇق› بولسا تۇتقۇنلۇقنىڭ سىمۋولى. شۇنىڭدەك ئاشۇ گۇلاگلاردىكى قىيناق ۋە قايتا تەربىيەنىڭمۇ بەلگىسى. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن مەن بىرىنچى باپتا شىنجاڭدا ھازىر بولۇۋاتقان ئىشلارنى مۇقەددىمە قىلىپ يازدىم. چۈنكى بۇ ئىشلار ھازىرنىڭ ئۆزىدە، دەل بىز مۇشۇ سۆزلەرنى قىلىۋاتقاندا يۈز بېرىۋاتىدۇ. بۇ تارىختىكى ئىشلار ئەمەس. يەنە كېلىپ مەن بۇ كىتابنى گېرمانىيەلىك ئوقۇرمەنلەر ئۈچۈن يازغان. گېرمانلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئۇيغۇرلارنى بىلىپ كەتمەيدۇ. يەنە بىرى مەن كومپارتىيەنىڭ زادى نېمىلەرنى قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكچى بولدۇم. چۈنكى ئۇلار ھازىر تارىختىكى ئىشلارنى قايتىدىن ئوتتۇرىغا چىقىرىۋاتىدۇ. بۇلارنى گېرمانىيە خەلقىگە ئەڭ ئۇقۇشلۇق شەكىلدە چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن مەن ‹يولۋاس ئورۇندۇق›نى ۋاستە قىلغان ھالدا ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان قايتا تەربىيەلەشنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدىم. شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق كىملىكتىكى بىر خەلق ئىكەنلىكىنىمۇ تەسۋىرلەپ بەردىم. چۈنكى خىتاي ئىزچىل تۈردە بۇ جاينىڭ خەن سۇلالىسى دەۋرىدىن تارتىپ خىتاينىڭ بىر قىسمى بولۇپ كەلگەنلىكىنى تەشۋىق قىلىپ كېلىۋاتىدۇ.»

«قىرغىنچىلىق تۈركىستاندا بىر قېتىم سىناقتىن ئۆتكەن!»

ئاپتور ئەسەردە ئۇيغۇرلار ھەققىدە چۈشەنچە بېرىشتە «يولۋاس ئورۇندۇق» نى مۇقەددىمە ئورنىدا ئىشلەتكەن بولسا، ئۇيغۇرلار ھەققىدە بەك چوڭقۇر چۈشەنچىسى بولمىغان گېرمانىيە ئوقۇرمەنلىرىگە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتمۈشى ۋە ئۇزاق تارىخىنى ئۇقۇشلۇق قىلىپ قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتىدۇ. بولۇپمۇ قەدىمدە «خەن سۇلالىسى» دەپ ئاتالغان خىتاينىڭ مىلادىدىن بۇرۇنلا تۈركىستان رايونىنى «غەربىي يۇرت» دەپ ئاتاش ئارقىلىق بۇ رايونغا قىزىقىشقا باشلىغانلىقىنى، شۇنىڭدەك ئۆزلىرىنىڭ بۇ جايدا قانداقتۇر قىسقا مەزگىل مەۋجۇت بولغان «لەشكەرگاھ» تەسىس قىلغانلىقىنى «دەلىل» قىلىش ئارقىلىق بۇ رايوننىڭ ئەزەلدىن خىتاينىڭ بىر قىسمى بولغانلىقىنى تەشۋىق قىلىپ كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتىدۇ.

ئاپتورنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ بۇ رايونغا بولغان قىزىقىشى ۋە ئىنتىلىشى مىلادىدىن بۇرۇنقى خەن سۇلالىسى دەۋرىدە باشلانغان بولسا، تۈركىي خەلقلەر ئاجىزلاشقان دەۋرلەردە بۇ مەقسەدلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا قىسمەن ئۇتۇقلارغىمۇ ئېرىشكەن. ئەمما تۈركىستان رايونىنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇرلار بىلەن بولغان باغلىنىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ 10-ئەسىردە سۇلتان ساتۇق بۇغراخاننىڭ باشلامچىلىقىدا ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىپ مۇسۇلمان بولۇشى، شۇنىڭدەك تۈركىستان رايونىدىكى تۈركلىشىش ئومۇمىي دولقۇنىدا بۇ رايون خەلقلىرىنىڭ بىر زور ئىجتىمائىي توپقا ئايلىنىشى دېگەنلەر خىتايلار بىلەن ئۇيغۇرلارنى پۈتۈنلەي پەرقلىق بولغان ئىككى ئالەمگە مەنسۇپ قىلىپ قويغان. ئەمما خىتاينىڭ بۇ خىل «ئۈزۈلمەس تارىخىي ئارزۇسى» ئاخىرقى ھېساپتا 17-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى خىتاينى بويسۇندۇرغان مانجۇلارنىڭ چىڭ ئىمپېرىيىسىنى قۇرۇشىدىن كېيىن ئەمەلگە ئاشقان.

ئاپتور ئەنە شۇ يوسۇندا قەدىمكى تۈركىستان رايونىنىڭ خىتاي بىلەن قانداق بولۇپ باغلىنىپ قالغانلىقىنى تەسۋىرلەش جەريانىدا بىر ئالاھىدە ئەھۋالغا دىققەت قىلغان. ئەينى ۋاقىتتا ئۆزلىرى بېسىۋالغان خىتاي تېرىتورىيەسىنى كېڭەيتىۋاتقان مانجۇلار 1755-يىلى ئۆزلىرى بىلەن بىر ئەسىردىن ئارتۇق ئۈزەڭگە سوقۇشتۇرۇپ كەلگەن جۇڭغارلارنى ھازىرقى جۇڭغارىيە ۋادىسىدا ئۈزېل-كېسىل مەغلۇپ قىلغان. بۇنىڭ بىلەن قەدىمكى چىڭگىزخاننىڭ ۋارىسلىرى بولغان جۇڭغارلارنىڭ مانجۇلارنى مەغلۇپ قىلىپ خىتاينى قايتىدىن ئىگىلەش ئارزۇسى تەل-تۆكۈس خاراپ بولغان. ئەمما جۇڭغار موڭغۇللىرىنىڭ خىتاينى بېسىۋېلىش ئۇرۇنۇشلىرى جەريانىدا مانجۇلار كۆپ قېتىم غايەت زور مالىيە كۈچى، ھەربىي كۈچ ۋە ئادەم كۈچى ئاجرىتىپ جۇڭغارلار بىلەن ئۇرۇش قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنى ئۈزېل-كېسىپ مەغلۇپ قىلغاندىن كېيىنمۇ جۇڭغارلارنىڭ كېيىنچە يەنە ئەسلىگە كېلىۋېلىشىدىن، شۇ ئارقىلىق ئۆزلىرى بىلەن قايتىدىن ئۇرۇش قىلىشىدىن ئەندىشىگە چۈشكەن. شۇنىڭ بىلەن چىڭ ئىمپېرىيەسىنىڭ ئىمپېراتورى چيەنلوڭ (1735-1796) جۇڭغارلار مەسىلىسىنى ئەبەدىيلىككە ھەل قىلىش ئۈچۈن ئۇلارنى پۈتۈنلەي قىرغىن قىلىپ تۈگىتىش پەرمانىنى چۈشۈرگەن. بۇنىڭ بىلەن تارىختا «جۇڭغار قىرغىنچىلىقى» دەپ مەشھۇر بولغان قىرغىنچىلىق ئورۇنلىنىپ جۇڭغار ۋادىسىدىكى جۇڭغار موڭغۇللىرىنىڭ ئاز دېگەندىمۇ 80 پىرسەنتى، جۈملىدىن قۇچاقتىكى بوۋاقلاردىن تاكى ماڭالماس بولۇپ قالغان قېرى-چۈرىلەرگىچە بىردەك قىرىپ تاشلانغان. ئەنە شۇ قىرغىنچىلىقتىن كېيىن چىڭ ئىمپېرىيىسى ئۈچۈن جۇڭغارلار مەسىلىسى ئەبەدىيلىككە ھەل بولغان.

ئاپتور ھازىرقى كۈندە خىتاي تارىخىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمىغا ئايلىنىپ كەتكەن بۇ ھادىسىلەرنى ئەسلەپ ئۆتۈش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر دىيارىدا 21-ئەسىردە ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان «زامانىۋى قىرغىنچىلىق» ئوتتۇرىسىدىكى مەلۇم باغلىنىشنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانلىقىنى بايقىغان. يەنە كېلىپ خىتاي تارىخىدا ئەنە شۇ قېتىملىق قىرغىنچىلىقتىن كېيىن جۇڭغارلار مەسىلىسى ئىمپېرىيە ئۈچۈن مەسىلە بولۇشتىن قالغان. گەرچە ھازىر ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان قىرغىنچىلىق «جۇڭغار قىرغىنچىلىقى» شەكلىدە ئوتتۇرىغا چىقمىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇنىڭغا زامانىۋى پەن-تېخنىكا جۆر بولغانلىقتىن بۇنىڭ ئاقىۋىتى تېخىمۇ قورقۇنچلۇق بولغان. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن، قىرغىنچىلىقنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان ئىدىيە، بولۇپمۇ قىرغىنچىلىق ئارقىلىق مەسىلە ھەل قىلىش بىر قېتىم سىناقتىن ئۆتكەنلىكتىن، خىتاينىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىدىكى يېتەكچى ئىدىيەسى مەلۇم جەھەتتىن ئالغاندا تارىخنىڭ تەكرارلىنىشى شەكلىدە ئوتتۇرىغا چىققان.

ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي تارىخىدا جۇڭغارلار بىلەن بېيجىڭدا پايتەخت قۇرغان مانجۇلار نەچچە ئون يىللاپ ئۇرۇش قىلغان ھەمدە بىر-بىرىگە بىر ئەسىردىن كۆپ رەقىپ بولغان. ئەمما جۇڭغارلار ھېچقاچان خىتاي ئىمپېرىيەسىنىڭ بىر قىسىمى بولۇشنى خالىمىغانلىقى ھەمدە تەن ئالمىغانلىقى ئۈچۈن چىڭ ئىمپېرىيىسى ئاخىرقى ھېساپتا ئ‍ۇرۇش ئارقىلىق ئۇلارنى بويسۇندۇرغان. ئەمما مانجۇلار جۇڭغارلارنى بويسۇندۇرغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ يىلتىزىنى قۇرۇتۇۋېتىشنى بۇ ‹گەپ ئاڭلىماس› خەلق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك چارە، دەپ قارىغان. بۇنىڭدا ئۇلار پۈتكۈل ئەرلەرنى قىرىۋېتىشنى باش نىشان قىلغان. بۇ شۈبھىسىزكى، بەكمۇ ئاشكارا بولغان قىرغىنچىلىقتۇر. چۈنكى قورال تۇتالايدىغان ئەرلەر قىرىپ تاشلانسا، قىز-چوكانلارنىڭ ئىشى ئاسان. ئۇلارنى كۆزدىن يوقىتىش تەس ئەمەس. بۇنىڭ بۈگۈنگە باغلىنىشى بارمۇ؟ مەن بۇ يەردە ھەرگىزمۇ جۇڭغار قىرغىنچىلىقى بىلەن ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى بىر-بىرىگە باغلىنىدۇ، دېمەكچى ئەمەسمەن. ئەكسىچە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقاتلىرى بۇ ئىككى قىرغىنچىلىقنى بىر-بىرىگە باغلاپ قويۇۋاتىدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ تەشۋىقاتىدا مەركىزىي ھۆكۈمەت غەرەزلىك ھالدا ئۆزلىرىنىڭ بۇ جاينى قانداق تىنچلاندۇرغانلىقى، ئىناق جەمئىيەتنى قانداق بەرپا قىلغانلىقى دېگەنلەرنى بازارغا سېلىپ، بۇ ئىشلارنى بىر-بىرىگە باغلاپ قويدى. ئەينى ۋاقىتتا جۇڭغارلار قىرغىن قىلىنغاندىن كېيىن، جۇڭغارلارنى تىنچلاندۇرغانلىقى ۋە ئىناق جەمئىيەتنىڭ قۇرۇلغانلىقى ئۈچۈن چيەنلوڭ پادىشاھ ئۇ جايدا ئىبادەتخانا سېلىپ ئۆزلىرىنىڭ بۇ غەلىبىسىنى تەبرىكلىگەن. شى جىنپىڭ دەل ئاشۇ ئىبادەتخانىغا زىيارەتكە بارغاندىن كېيىن، خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرى بۇنى مەدھىيەلەپ مەركىزىي ھۆكۈمەتننىڭ شەپقەتلىرى بۇ جايدا قانداق ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى پەيدا قىلغانلىقىنى تەشۋىق قىلدى. مۇنداقچە ئېيتقاندا، خىتاي كومپارتىيەسى ئۆزلىرى ‹فېئودال› دەپ تەنقىدلەپ كېلىۋاتقان فېئودال پادىشاھلارنىڭ ئورنىغا ھېچ تارتىنماستىن دەسسەپ مېڭىۋاتىدۇ.»

ئاپتورنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ بۇ رايونغا بولغان ئىنتىلىشى خىتاي مىللەتچىلىكىنىڭ ئاتىسى بولغان سۇن جوڭشەن دەۋرىدە يەنە بىر بالداق يۇقۇرى كۆتۈرۈلگەن ھەمدە بۇ رايوننى خىتاينىڭ ئايرىلماس تەركىبىي قىسمى قىلىۋېتىشكە بولغان ئۇرۇنۇش ئوتتۇرىغا چىققان. بۇنىڭ بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان بىر قاتار تارىخىي ھادىسىلەر بۇ رايوننى خىتاينىڭ كونتروللۇق دائىرىسىدىن تېخىمۇ نېرىغا ئېلىپ كەتكەن.

بۇ پروگراممىنىڭ داۋامىغا قىزىقساڭلار، دىققىتىڭلار كېيىنكى ئاڭلىتىشىمىزدا بولسۇن.