Responsive Image

ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىدا «ئۇيغۇر سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» تونۇشتۇرۇلغان

ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىدا «ئۇيغۇر سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» تونۇشتۇرۇلغان

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان زۇلۇملىرىنى ئەيىبلەش ۋە ئۇنى توختىتىش ئۈچۈن ئاكتىپ ھەرىكەت قىلىۋاتقان ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو 7-ئاپرىل كۈنى «ئۇيغۇر سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» نى تونۇشتۇرغان. بۇ قانۇن لايىھەسى ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر مۇھاجىر توپلۇقلىرىغا بولغان قوللاشنى كۆپەيتىش، شۇنداقلا ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇمغا قارشى تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ۋەزىيىتىنى ياخشىلاش مەقسىتى بىلەن ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىغا سۇنۇلغان يەنە بىر قانۇن لايىھەسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

بۇ قانۇن لايىھەسى ئەسلىدە ئاۋام پالاتا ئەزالىرىدىن يوڭ كىم خانىم ۋە ئامى بېرا تەرىپىدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، ئۆتكەن يىلى 7-ئايدا ئاۋام پالاتاسىدا تونۇشتۇرۇلغان ۋە 9-ئايدا ئاۋام پالاتاسى تاشقىي ئىشلار كومىتېتىدىن ئۆتكەن ئىدى. ئۇ ئەمدى سېناتور ماركو رۇبىيونىڭ قوللىشى بىلەن كېڭەش پالاتاسىدا رەسمىي ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

سېناتور ماركو رۇبىيو مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنى تونۇشتۇرۇش مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا مۇنداق دېگەن: «خىتاي كومپارتىيەسى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەم باشقا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىدەك يىرگىنچلىك سىياسەتلەرنى يۈرگۈزمەكتە. ئامېرىكا بۇنداق دەھشەتلىك خورلاش ئالدىدا سۈكۈت قىلىپ تۇرالمايدۇ. مەن ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىگە بولغان تونۇشنى ۋە ئەمەلىي ھەرىكەتنى ئاشۇرىدىغان بۇ قانۇن لايىھەسىنى تونۇشتۇرغانلىقىمدىن پەخىرلىنىمەن، شۇنداقلا خىزمەتداشلىرىمنىڭ بۇ قانۇن لايىھەسىنى تېزدىن ماقۇللىشىنى تەلەپ قىلىمەن.»

نۆۋەتتە ئامېرىكادا زىيارەتتە بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى ياخشىلاش ھەققىدە بىر قاتار جىددىي ئۇچرىشىشلارنى قىلىۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، يېقىندا ئۆزىنىڭ بۇ قانۇن لايىھەسى توغرىلىق ئاۋام پالاتا ئەزاسى يوڭ كىم خانىمنى زىيارەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ كېڭەش پالاتاسىدا تونۇشتۇرۇلغانلىقىدىن خۇرسەن بولغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ بۇ قانۇن لايىھەسىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان زۇلۇملىرىنىڭ ئاخىرلىشىشى، ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىنىڭ ياخشىلىنىشى يولىدا ئېلىنغان يەنە بىر مۇھىم قەدەم ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

مەلۇم بولۇشىچە، «ئۇيغۇر سىياسىتى قانۇنى لايىھەسى» ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرى ۋە سىياسىي ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك بىر قەدەر كونكىرېت مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭدا تۆۋەندىكى مەزمۇنلار يەر ئالغان ئىكەن:

خىتاي دائىرىلىرىگە ئامېرىكالىق ژۇرنالىستلار، دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى ۋە دۆلەت مەجلىسى ۋەكىللەر ئۆمىكى قاتارلىقلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى قەرەللىك، ئاشكارا ھالدا زىيارەت قىلىشىغا رۇخسەت قىلىشى ئۈچۈن بېسىم ئىشلىتىش؛

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى ئۆزىنىڭ نۇتۇق پروگراممىسىغا كىرگۈزۈپ، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلىۋاتقان زۇلۇملارنى مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدىكى ئاممىۋى دىپلوماتىيە مۇنبەرلىرىدە سۆزلىشىگە يېتەكلەش؛

ئۇيغۇرلارنىڭ ۋە باشقا ئېتنىك ۋە دىنىي گۇرۇپپىلارنىڭ ئۆزگىچە مىللىي مەدەنىيەت، دىنىي ئېتىقاد ۋە تىل ئالاھىدىلىكلىرىنى ساقلاپ قېلىشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىش؛

ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلارغا بېرىش ۋە قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، خىتاي كومپارتىيەسى ئەمەلدارلىرى بىلەن قانداق دىپلوماتىك ئۇچرىشىش ئۇسۇلىنى قوللىنىدىغانلىقى ھەققىدە كونكىرېت ئىستراتېگىيە تەلەپ قىلىش؛

ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى ئامېرىكا دېپلوماتىيە خادىملىرىنىڭ ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئامېرىكانىڭ خىتاي، تۈركىيە ۋە شۇنىڭدەك باشقا ئۇيغۇر نوپۇسى كۆپرەك دۆلەتلەردىكى ئەلچىخانا ۋە كونسۇلخانلىرىدا ئاز دېگەندە بىردىن ئۇيغۇر تىلى بىلىدىغان دېپلوماتىيە خادىمى تەقسىملەش؛

ئامېرىكىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى ئۇيغۇرلار ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنىڭ ب د ت دا ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىغا توسقۇنلۇق قىلىدىغان ھەرقانداق ھەرىكەتكە قارشى تۇرۇشقا يېتەكلەش؛ قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ دىرېكتورى ئۆمەر قانات ئەپەندىنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ ئىلگىرىكى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى» دىن پەرقلىق مۇھىم بىر ئالاھىدىلىكى، بۇ قانۇندا مەخسۇس ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى كۆزىتىدىغان ۋە ئامېرىكانىڭ مۇناسىۋەتلىك سىياسەتلىرىگە مەسلىھەت بېرىدىغان ئۇيغۇر مەسىلىسى بويىچە مەخسۇس ماسلاشتۇرغۇچى (coordinator)بەلگىلەش تەلەپ قىلىنغانلىقى ئىكەن.

ئۆمەر قانات ئەپەندى يەنە بۇ قانۇن لايىھەسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشى كېرەكلىكى ھەققىدىكى ماددىنىڭمۇ قوشۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

سېناتور ماركو رۇبىيونىڭ 7-ئاپرىل كۈنى مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنى كېڭەش پالاتاسىدا تونۇشتۇرغاندىن كېيىن، بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ يېتەكچىسى بولغان ئاۋام پالاتا ئەزاسى يوڭ كىم خانىممۇ مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ، بۇنى قارشى ئالغان. ئۇ باياناتىدا: «خىتاي كومپارتىيىسى ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنى ھەر كۈنى تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز دەرىجىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە دۇچار قىلماقتا. بىز بۇنىڭغا قاراپ تۇرالمايمىز. ئامېرىكا چوقۇم بۇ ۋەھشىيلىككە قارشى بىرلىككە كەلگەن، ئېنىق سىگنال بېرىشى كېرەك. مەن ‹ئۇيغۇر سىياسىتى قانۇن لايىھەسى› گە رەھبەرلىك قىلغانلىقىمدىن پەخىرلىنىمەن ۋە كېڭەش پالاتا ئەزاسى رۇبىيونىڭ كېڭەش پالاتاسىدا بۇ قانۇن لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇيغۇرلارنى قوللاش ۋە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش ئۈچۈن ئىككى پارتىيەلىك، ئىككى پالاتالىق كۈچ ۋە ئىستراتېگىيەلىك سېگنال ئەۋەتكەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن،» دەپ يازغان.

ئاۋام پالاتا ئەزاسى يوڭ كىم كورىيەدە تۇغۇلۇپ، ئامېرىكادا چوڭ بولغان كورىيەلىك-ئامېرىكالىق بولۇپ، ئۇ ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىغا خىزمەتكە كىرگەندىن بۇيان دۇنيا مىقياسىدا كىشىلىك ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئامېرىكانىڭ خىتاي كومپارتىيەسىگە قارشى رىقابەت كۈچىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى غوللۇق ئەزالارنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىش، ئۇلارنىڭ ئازابىنى يەڭگىللىتىش، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئۆتكەن يىللاردا «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى» ۋە «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نى ماقۇللاپ، ئۇلارنى رەسمىي قانۇنغا ئايلاندۇرغان ئىدى.